ئۆسۈملۈك تىكىنى

ئۆسۈملۈك تىكىنى

ئۆسۈملۈك تىكىنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى باشقا ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن.ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ تىكەنلىك بولۇشى قارىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

ئۇيغۇرچە نامى ئۆسۈملۈك تىكىنى
رولى ئۆزىنى قوغداش
خەنزۇچە نامى 植物刺

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك تىكىنىئۆسۈملۈكلەرنىڭ كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان يېرى ئۇنىڭ تېنىدىكى تىكىنى. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ تىكىنى سانجىلىپ كېتىدىغان بولسا ئادەم ئاغرىققا چىدىيالماي قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېخى قان چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تىكەنلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى باشقا ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن.

يوپۇرماق تىكىنى

پېتەكگۈلنى ئالساق، ئۇنىڭ تېنىدىكى تىكەنلىرى يوپۇرماقلىرىنىڭ چېكىنىشىدىن شەكىللەنگەن. پېتەكگۈلنىڭ ماكانى قۇرغاق قۇملۇق رايون بولۇپ، ئۇ جايدا يامغۇر ئاز ياغىدۇ، لېكىن پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ قۇرغاق مۇھىت تۇرمۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، يوپۇرماقلىرىنى چېكىندۈرۈپ يىڭنىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ، يوپۇرماقنىڭ ئورنىغا يېشىل رەڭلىك قېلىن گۆشلۈك غولى ئارقىلىق فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغان. زىرىق، ئاق ئاكاتسىيە قاتارلىقلارنىڭ تېنىدىكى تىكەنلىرىمۇ يوپۇرماقنىڭ چېكىنىشىدىن شەكىللەنگەن. شۇڭا، بۇ تىكەنلەر «يوپۇرماق تىكىنى» دەپ ئاتىلىدۇ.

غول تىكىنى

ئۆسۈملۈك تىكىنىبەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالقات، دولانا قاتارلىقلارنىڭ تىكىنى غولنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن، شۇڭا ئۇ «غول تىكىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. غول تىكىنىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئۆسىدىغان مەلۇم ئورنى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غولىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە غولىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى تالا دەستىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئاسان سۇنمايدۇ ياكى سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

قوۋزاق تىكىنى

ئۆسۈملۈك تىكىنىيەنە ئازغان، قىزىلگۈل، ئەتىرگۈل قاتارلىقلاردىن ئۆسۈپ چىققان ئىكەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى قوۋزاق تۈكچىلىرى ۋە ئاز ساندىكى قوۋزاق قەۋىتى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، «قوۋزاق تىكىنى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ تىكەنلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى يوپۇرماق تىكىنى بىلەن غول تىكىنىگە ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار غولىنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۆسۈپ چىققان ئورنى ناھايىتى قالايمىقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاسانلا سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ، سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان يۈزمۇ ناھايىتى سىلىق بولىدۇ.

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ تىكەنلىك بولۇشى قارىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئادەم ياكى ھايۋانات ئۆتكۈر تىكەنلەر قاپلىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرگەندە كۆپىنچە چېقىلالمايدۇ، ئەتراپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#