رەۋەن

رەۋەن  بولسا   قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، دورىلىق رەۋەن بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يەل تارقىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى رەۋەن
ئەرەبچە نامى راۋەند
ئىنگلىزچە (Rhubarb (Root
تونۇش دورىلىق رەۋەن بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەمى ئاچچىق كېلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大黄
پارسچە نامى بىخ رىباس
ئوردۇچە نامى رەۋەند چىنى
جىسمى كۆپلىرىنىڭ ئىچى كاۋاك، تىزىلىشى رەتسىز، خۇش پۇراق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رەۋەنرەۋەن  بولسا   قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، دورىلىق رەۋەن بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يىلتىزنىڭ بىر تەرىپى سەل چوڭ بولۇپ، ئات تۈۋىقىغا ئوخشايدۇ. سىرتى سېرىققا مايىل بېغىررەڭ، كۆپلىرىنىڭ ئىچى كاۋاك، تىزىلىشى رەتسىز، خۇش پۇراق تەمى ئاچچىق كېلىدۇ.قېزىۋالغاندىن كېيىن، توپا، لايلىرىدىن تازىلاپ يېغۋىلىنىدۇ. شىنجاڭ ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، سەمرىتىش، پارقىرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەر، تال ۋە ئۈچەيلەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئېچىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

تېنى ئاجىزلارغا زىيان قىلىدۇ.

رەۋەن1. سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئۈنۈملۈك تەركىب ئانتراكوۋىنون گلۇكوزىددىن ئىبارەت. رەۋەننى ئىستېمال قىلىپ 6-8 سائەتتىن كېيىن، رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ چوڭ ئۈچەيدە قەدەممۇ قەدەم پارچىلاپ، چوڭ ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئاندىن تەرەت ماڭدۇرىدۇ.

2. رەۋەننىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، بوغما، قۇرت چۆپ تاياقچە باكتېرىيىسى، كۆيدۈرگە تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى يۇقىرى.

3. دورىلىق رەۋەننىڭ ئاددىي ئېلىنغان ماددىسى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىنسا ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدۇ.

4. ئۇنىڭدىن باشقا  قان توختۇتۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئىممۇنىتېت كۈچەيتىش تەسىرى بار

رەۋەن ئاساسلىقى سۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولغان تەركىبلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار نەچچە خىل ئۈزۈم شېكىرى گلۇكوزىدى، خرىزوفانول ئالوي، ئېمودىن، خىرىززوفانىك كىسلاتاسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەنە رەۋەن تاننىك كىسلاتاسى، رابونتىن، رپونىتىگىنىن، %4.6 ئانتراكۋىنون ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان ماددىلارمۇ بار.

رەۋەن1. 10 گرام رەۋەننى سوقۇپ، بېھى ئۇرۇقى لوئابى بىلەن يۇغۇرۇپ ھەب تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىچسە، دەم سىقىلىش ۋە كونا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

2. رەۋەندىن 7 گرام، ئوغرىتىكەن 10 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى 15 گرامدىن، 20 گرام ئەرىقى كاسىنە بىلەن ئىچسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇلۇق ئىششىقنى تارقىتىدۇ.

3. رەۋەن 10 گرام، تەمرى ھىندى، ئىت ئۈزۈمى 20 گرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گرام، شاھتەررە 15 گرام، سىركە 150 مىللىلىتىر، شېكەر 200 گرام. سىركەنجىۋىل تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈش ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. قاينىتىلغان 30مىللىلىتىر ئانار سۈيىگە 5 گرام رەۋەننى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىرقېتىم ئىچسە جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ

مىقدارى

3~6 گرام

ساقلاش

توغرىسىغا كېسىپ توغراپ، قۇرۇتۇلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 كەتىرا، بېھى لوئابى، ئىسپىغۇل

ئورۇنباسارى

 باراۋەر مىقداردا قىزىلگۈل، سۇنبۇل

ھەببى رەۋەن،سىركەنجىۋىل رەۋەنى، دىنار شەربىت

جىگەر، تال ئىششىقى ۋە ھەر خىل ئىششىقلار، يۆتەل، يۈرەك سېلىش، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، زىققا، سىل، ئۆپكە ۋە ئۈچەيلەرنىڭ يىرىڭلىق يارىسى، ئىستىسقا، يەرقان، ھەرخىل ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز توسۇلۇش، قەۋزىيەت، بۆرەك ۋە دوۋساق ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=308

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=308

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#