چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى

چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى

جۇڭگو نىڭ شىئەن شەھىرىدىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خان قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى
باشقا نامى چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى
قوغداش دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى
شان-شەرىپى دۇنيادىكى 8-مۆجىزە
ئىنگلىزچە نامى Terracotta Warriors
خەنزۇچە نامى 秦始皇墓地
خەنزۇچە باشقا نامى 秦始皇兵马俑
قىممىتى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى
دەۋرى چىن سۇلالىسى
بايقالغان ۋاقتى 1974-يىلى 3-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگونىڭ شىئەن شەھىرىدىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خان قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شەنشى ئۆلكىسى لىنتۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، جەنۇب تەرىپىدە لىشەن تېغى، شىمالىي تەرپىدە ۋېيشۈي دەرياسى بار، بۇ قەبرىستانلىق تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 247-يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 210-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ياسالغان.

بۇ قەبرىستانلىقتا ئىچكى-تاشقى ئىككى سېپىل بار، ئىچكى سېپىلنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 2525 مېتىر، تاشقى سېپىلنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 6294 مېتىر، گۆرلۈكنىڭ كۆلىمى 220 مىڭ كۋادرات مېتىر، قەبرىستانلىقنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 180 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ مەركىزىدە ئېگىزلىكى 76 مېتىر، تېگىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 485 مېتىر، كەڭلىكى 515 مېتىر  كېلىدىغان قەبرە تۆپىلىكى بار.

قەبرىلەرنىڭ تېگىدە سۇ بار، مېيىت ساندۇقى مىس بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان ھەمدە ساراي ۋە راۋاق سېلىنغان، بۇ يەرگە ھەر خىل قىممەت باھالىق ئالتۇن-كۆمۈش، مەرۋايىت-گۆھەرلەر قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بانۇلار، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار كۆمۈلگەن. باشقىلارنىڭ قەبرىگە ئوغرىلىققا كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قەبرىنىڭ ئىچىگە ئوقيا ئاتىدىغان مېخانىزىم  ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چىن شىخۇاڭنىڭ نۇرغۇن ئەسكەر-ئات ھەيكەللىرى قەبرە تۆپىلىكىنىڭ ئەتراپىغا مۇھاپىزەتچى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەسكەر-ئات ھەيكەللىرى خۇددى ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئاتنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ، رەتلىك تىزىلغان (ھەيكەللەرنىڭ ئىچىدە پىيادە ئەسكەر، ئاتلىق ئەسكەر، ئوقياچى مەرگەن قاتارلىقلار بار).

ئۇلار بەئەينى ھاياتتەكلا كۆرۈنىدۇ، ھازىر بۇ يەرنىڭ نامى دۇنياغا تونۇلۇپ ھەممىگە تونۇشلۇق جايغا ئايلانغان. بۇ يەردىكى ئەسكەر-ئات ھەيكەللەرنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلەر ئەسكەر-ئات ھەيكەللەر ئازگىلىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ مۇزېيغا ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى زال ئەگمە شەكىلدە بولۇپ ئازگالنى تولۇق قاپلىغان، كۆلىمى ئىككى تەنتەربىيە مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ. چىن شىخۇاڭ  قەبرىستانلىقى مىسىردىكى خوف ئەلئېھرامدىن چوڭ بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خان قەبرىستانلىقىدۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#