ئۇرچى يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇرچى يېزىسى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمالى بىلەن كۇيا يېزىسى تۇتىشىدۇ؛ شەرقى، جەنۇبىي قىسمى بىلەن زاۋا يېزىسى قوشنا. شىمالى تەرىپى ياۋا يېزىسى بىلەن چېگرىداش، غەربىي قىسمى بىلەن گۇما ناھىيەسى نىڭ پىيالما يېزىسى تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 246 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 29189 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.85 مو.
تەۋەسىدە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، قوشئاۋات كەنتى، ئۇرچى كەنتى، تاۋغاز كەنتى، قاراقىر كەنتى، سېرىقلىق كەنتى، پاتائېغىل كەنتى، چوكان جىلغا كەنتى، توغراقئالدى كەنتى، مىللەتئېرىق كەنتى، ئالمىلىق كەنتى، ئاۋات كەنتى، ئىسلام ئاۋات كەنتى، بازار بويى كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، شىكەرقۇمۇش كەنتى، قاراڭغۇتوغراق كەنتى، يالغۇز ئوقار كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، سېغىزلىق كەنتى قاتارلىقلار. يەنە 73 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 3508 ئاھالە، 16308 نۇپۇس بار.
ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 940.41 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2766.95 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %94.10 بولغان؛ ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 76.16 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %2.59 بولغان؛ ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 97.31 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %3.31 بولغان. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1183.73 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر 23 625 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 376.63 كىلوگرام بولغان، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8898 توننا بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.