شاھمات

شاھمات ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان بىر خىل ئەقىل تىپىدىكى تەنھەرىكەتتۇر. شاھمات ماھىرلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رېتى بويىچە ئالاھىدە ماھىر، خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر ۋە شاھمات بىرلەشمىسى ماھىرى دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خەلقئارالىق شاھمات
پەيدا بولغان جاي ئاسىيا
خەنزۇچە ئىسمى 国际象棋

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاھماتشاھمات ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان بىر خىل ئەقىل تىپىدىكى تەنھەرىكەتتۇر. 

شاھمات تاختىسى كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، تاختىدا بويىغا ۋە توغرىسىغا بولۇپ سەككىزدىن يول بولىدۇ. قېنىق ۋە سۇس رەڭلىك يوللار گىرەلىشىپ تىزىلىپ 64 كاتەكنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقلىرى تىك گەۋدىلىك (ستېرېئولۇق) بولۇپ، ئاق، قارا ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەربىر تەرەپتە16 دىن ئۇرۇق بولۇپ، بىر شاھ، بىر ۋەزىر (پەرزىن) ، ئىككى توپ (روخ) ، ئىككى پىل، ئىككى ئات، سەككىز پىيادە (ئەسكەر) دىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇرۇق يۈرۈش قائىدىسى بىرقەدەر ئاددىي بولۇپ، ئاق ئۇرۇق ئاۋۋال، قارا ئۇرۇق ئەگىشىپ يۈرۈپ، ئىككى تەرەپ نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇق يۈرىدۇ، بىر قېتىمدا بىر قەدەم يۈرۈلىدۇ. ئۇرۇق چوقۇم تاختىدىكى كاتەك ئۈستىگە يۈرۈلۈشى لازىم. مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ شاھىنى مات قىلغان تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئىككىلا تەرەپ مات چىقىرالمىسا تەڭ ئويۇن بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئۈزۈلدۈرمەي «شاھ! » بەرگەندە يەنە بىر تەرەپ شاھتىن خالىي بولالمىسا ياكى مېڭىش نۆۋىتى كەلگەن تەرەپنىڭ شاھىغا «شاھ! » بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شاھنىڭ ماڭىدىغان يولى قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ باشقا ئۇرۇقلىرىنى ماڭغىلى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا تەڭ ئويۇن بولىدۇ.

شاھمات1886 -يىلى خەلقئارا شاھمات دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 1924-يىلى خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، باش ئورگىنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. شۇ يىلى خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. 1927-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىسى ( «دۇنيا كوللېكتىپ مۇسابىقىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 

شاھمات ماھىرلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رېتى بويىچە ئالاھىدە ماھىر، خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر ۋە شاھمات بىرلەشمىسى ماھىرى دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. دەرىجىلەرگە ئايرىشتا خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسى بەلگىلىگەن مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى دەرىجە نومۇرىغا سۇندۇرۇلۇپ بېكىتىلىدۇ. 

شاھماتخەلقئارا شاھمات ئاسىيادا پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر ياۋروپادا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىكى دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ئۇرۇننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگودا 1956-يىلىلا رەسمىي تەنتەربىيە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، 1957-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 80-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدە بىر تۈركۈم يېڭى شاھمات ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىپ، سىچۇەندىن ليۇ شىلەن، جېجياڭدىن ۋۇ مىڭشى، يې رۇڭگۇاڭ، بېيجىڭدىن شيې جۈن، شەنشىدىن يې جاڭچۇەنلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەلقئارا ئالاھىدە ماھىر نامىغا ئېرىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    57.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    14.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    14.3%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#