ئادەم بەدىنى ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئادەم بەدىنى ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئادەم بەدىنى ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكلەر تۇخۇم، كاپۇستا، پەمىدۇر، گازىر، مايمۇن شاپتۇلى، كالا گۆشى، چېچەكسەي، مەرۋايىتگۈل، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى، شاكلات، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلار. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەم بەدىنىدىكى كۆز تۇخۇمنى، مىڭە كاپۇستىنى، تىرە پەمىدۇرنى، بۇرۇن گازىرنى، كالپۇك ياڭاقنى، چىش مايمۇن شاپتۇلىنى، تىرناق كالا گۆشىنى، كۆكرەك چىچەكسەينى، يۈرەك مەرۋايىتگۈلنى، ئاشقازان ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىنى، سۆڭەك شاكىلاتنى، مۇسكۇل بۇغۇملار زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ياقتۇرىدۇ. 

تۇخۇم

تۇخۇمتۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە كاروتېن، كسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، كۆزنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە بىر دانە تۇخۇم يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، پەقەت بەش ھەپتىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن. تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىلىرى تېخىمۇ مول بولۇپ، كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.

كاپۇستا

كاپۇستاچېچەكسەي، كاپۇستا (圆白菜) قاتارلىق كېرسىت گۈللۈك كۆكتاتلار تەركىبىدە ئاتسېتىلخولىن بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى ئىككى خىل كاپۇستا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى يەپ بەرگەندە، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى %40 ئاستىلايدىكەن. كاپوستىنى خام يېگەندىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سوغۇق سەي، سالات تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ. ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پىشۇرغاندا بەك ئۇزۇن پىشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

پەمىدۇر

پەمىدۇرپەمىدۇر بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك <ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى>. چۈنكى، تەركىبىدە كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا  قارشى تۇرغۇچى تەبئىي  ماددا پەمىدۇر قىزىل پىگمېنتى بار. كۈنىگە پەقەت 16 مىللىگرام پەمىدۇر قىزىل پىگمېنتى قوبۇل قىلىنسا، ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش خەتىرىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك كۆكتات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى سوڭ شۇخۈينىڭ كۆرسىتىشىچە، تازا قىزىرىپ پىشقان پەمىدۇر تەركىبىدىكى پەمىدۇر قىزىل پىگمېنتى مولراق بولۇپ، قېرىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك تېزگىلىيەلەيدىكەن. سېرىق پەمىدۇرنىڭ قىزىل پىگمېنت مىقدارى ئازراق بولىدىكەن، بىراق كاروتېن مىقدارى مول بولغاچقا تېرە قۇرغاقلىشىش، يىرىكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

گازىر

گازىرگازىر بولسا ۋىتامىنE  مىقدارى ئەڭ مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. جۇڭگۇدا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمدە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى كېسىلى بار ئىكەن. ۋىتامىنE  كۆڭۈلدىكىدەك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاسراش رولىغا ئىگە. ھەر كۈنى   30گرام گازىر چېقىپ بەرگەندە، بۇرۇن ئېھتىياجلىق ۋىتامىنE  مىقدارىنىڭ %46 ىنى تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.

5.كالپۇك-ياڭاق

ھەركۈنى بىرنەچچە تال ياڭاق يەپ بەرگەندە، نەم ھەم پارقىراق لەۋگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ياڭاق تەركىبىدە ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. كونا ياڭاققا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ياڭاقنىڭ سۇ تەركىبى كۆپرەك بولغاچقا، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ، بىراق تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى.

مايمۇن شاپتۇلى

مايمۇن شاپتۇلىكۆپلىگەن چىش مىلىكى قاناشنىڭ سەۋەبى ۋىتامىنC كەمچىل بولغانلىقتىن بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ۋىتامىنC  نىڭ مىقدارى مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، چىش مىلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى ھېساپلىنىدۇ. ئىتالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئەگەر كىشىلەر چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان، چىشى قاتتىق ئاغرىغان ياكى چىش قانايدىغان بولۇپ قالغان بولسا، كۈندە بىر تالدىن مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرگەندە، ئاغرىقنى پەسەيتىپلا قالماي يەنە، ئېغىز بوشلۇقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %50 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

كالا گۆشى

كالا گۆشىتىرناقنى پەقەت بىر قەۋەتلا بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ يەنە كېراتىن قەۋىتى بار. ئەگەر تىرنىقىڭىزنىڭ بۇرۇنقى پارقىراق ھالىتىنى يوقىتىپ چۈرۈك ھەم ئاسان يېرىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەڭ تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش  ئۇسۇلى بولسا، ئاقسىل ۋە تۆمۈر تولۇقلاش. كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئىچىدىكى كالا گۆشى تەركىبىدە مول ئاقسىل ماددىسى بۇلۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈر مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ھەمدە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.

چىچەكسەي

چىچەكسەييېڭى گۈللەرنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاجىرىتىشلىرىنى غىدىقلاپ سۈت بېزى راك ھۈجەيرىلىرى ھاسىل قىلغان ئېنزىملارنى توسىيالايدۇ. بېيجىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ كۆكتات تەتقىقاتچىسى جىيەن يۈەنسەي  <شىمال تەرەپنىڭ چېچەكسەيلىرىنىڭ رەڭگى ئاق، گۈللۈك پۆپۈكى زىچ بولىدۇ، جەنۇب تەرەپنىڭ بولسا گۈلى سېرىق-يېشىل بولۇپ، پۆپۈكىمۇ تارقاق بولىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C، كاروتېن مىقدارلىرى مول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساقلىقنى ساقلاش رولى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ > دەپ ئەسكەرتكەن.

مەرۋايىتگۈل

مەرۋايىتگۈل تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى گوموسىستېئىن مىقدارىنى ئازايتالايدۇ، بۇ بىر خىل ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ.  مەرۋايىتگۈل يېيىش بىلەن بىرگە كالىي قاتارلىق باشقا تۈردىكى يۈرەككە پايدىلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. جۇڭگو مەرۋايىتگۈل تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى لى شۇخۇا < مەرۋايىتگۈل تاللىغاندا، بېشى قاتتىق ھەم چىڭ بولۇشى، يىلتىز قىسمىنىڭ ئېغىزى ھەم قۇرغاق بولمىغان ھەم سولىشىپ قالمىغان نورمال ھالەتتە بولۇشى، غول قىسمىنى قايرىسىلا سۇنىدىغان بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ> دەپ ئەسكەرتكەن.

ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى

يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش روللىرى بار. ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى دادۇرنى خام ماتېرىيال قىلىش ئارقىلىق ئېچىتىپ تەييارلانغان بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار. شۇڭلاشقا، سەي قورۇغاندا ، ئازراق ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى قېتىۋەتكەندە، تاماق تېز ھەزىم بولىدۇ.

شاكىلات

شاكىلاتشاكىلات تەركىبىدە ماگىنىي ماددىسى مول . ئامېرىكا تېنزاس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، كۆپ مىقداردا ماگىنىي تولۇقلاپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن، كۈندە 30گىرام قارا شاكىلات يەپ بەرگەندە،پۈتۈن بەدەن سۆڭىكىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

زەيتۇن مېيى

زەيتۇن مېيى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىرخىل پارچىلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، مۇسكۇل-بوغۇملارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن قوغدىيالايدۇ. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنىدىكى خادىم جاڭ جىيەن تەكلىپ بېرىپ <پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاستىدا تېز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا زەيتۇن مېيىدىن پايدىلىنىپ، قورۇما قورىغاندا ياكى سوغۇق سەي تەييارلىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ> دىيىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#