جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى

نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى» 2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国石油天然气管道保护法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó shí yóu tiān rán qì guǎn dào bǎo hù fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى» نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش، نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (30–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى» 2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش، نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبىنى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇن شەھەر، بازار يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە نېفىت ئايرىش كارخانىسى، خىمىيە سانائىتى كارخانىسى قاتارلىق كارخانا رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداشقا تەتبىقلانمايدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نېفىت خام نېفىت ۋە ماينى كۆرسىتىدۇ، تەبىئىي گاز تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى ۋە كۆمۈر گازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۇرۇبا تۇرۇبا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن باشقا مەخسۇس يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ئۆتىدىغان تۇرۇبىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تۇرۇبا قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماقلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە بىرتەرەپ قىلىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۇرۇبا قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىدۇ، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تۇرۇبا قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماقلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى دېيىلىىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تۇرۇبا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۇرۇبا قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ، تۇرۇبىنىڭ تاشقى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

7-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، سۈپەت نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىنى ئىجرا قىلىپ، شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، تۇرۇبا بىخەتەرلىكى ۋە تۇرۇبا قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تۇرۇبا قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قىلغان نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، تۇرۇبىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

8-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

9-ماددا دۆلەت تۇرۇبا قوغداش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىش، قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

2-باب تۇرۇبا يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى

10-ماددا تۇرۇبا يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى تۇرۇبىنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئۇنىڭدا بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش، يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش ۋە تېجەشلىك، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.

مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك قېزىلما بايلىق، مۇھىت ئاسراش، سۇچىلىق، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پورت، تېلېگراف يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

12-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن تۇرۇبا يولى لايىھەسىنى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلىنىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىشى؛ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنى شۇ جاينىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا قانۇن بويىچە كىرگۈزۈشى كېرەك.

شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يېرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا تاللىغان تۇرۇبا يولى يەر تەۋرەش ئاكتىپ ئۈزۈلمە قاتلىمى رايونىدىن ۋە كەلكۈن ئاپىتى، گېئو ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايوندىن يىراق بولۇشى، ئىمارەت، قۇرۇلما، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پورت، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسى، ھەربىي ئەسلىھە، كابېل، ئوپتىك كابېل قاتارلىقلار بىلەن مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىدە بەلگىلەنگەن ئارىلىقنى قالدۇرۇش كېرەك.

يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان تۇرۇبا ئۆتىدىغان رايون جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسى بىلەن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇرۇبا قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تۇرۇبا كارخانىسى مۇداپىئە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇرۇبا قوغداش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىشى ھەمدە تۇرۇبا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.

تۇرۇبا قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك.

14-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

قانۇن بويىچە ياتقۇزۇلىدىغان تۇرۇبا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ياكى باشقىلار ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت يېرىدىن ئۆتكەندە، يەر ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدىغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن يەرگە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

15-ماددا قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئالغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان ھەمدە ئىش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.

16-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇناسىپ ساپا ھازىرلىغان چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنى تاللىشى كېرەك.

تۇرۇبا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەسلىھەسىنى تۇرۇبىنىڭ گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشلىتىش كېرەك.

تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇبا مەھسۇلاتى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

17-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كەلكۈن مۇداپىئە ئەسلىھەسى، دەريا، سۇ يولى، تۆمۈريول، تاشيول، پورت، ئېلېكتىر ئەسلىھەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسىدىن ئۆتىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

18-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە، تۇرۇبا يولى بويىغا تۇرۇبا بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك. تۇرۇبا بەلگىسى بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئېنىق بولمىسا، تۇرۇبا كارخانىسى ۋاقتىدا ئوڭشىشى ياكى يېڭىلىشى كېرەك.

19-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، تۇرۇبىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇرۇبا قوغداش تەلىپىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش كېرەك.

20-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئۆلچەش خەرىتىسىنى تۇرۇبا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تۇرۇبا كارخانىسى يوللىغان پۈتكەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەش خەرىتىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، تۆمۈريول، قاتناش، سۇچىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

21-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگەن ۋە تەڭشىگەنلىكتىن، تۇرۇبا ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش ياكى قوغداش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، تۇرۇبا كارخانىسى بىلەن كېڭىشىپ، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىش كېرەك.

3-باب تۇرۇبىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قوغداش

22-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇبىنى كۈندىلىك كۆزىتىشكە مەخسۇس ئادەم قويۇشى كېرەك. تۇرۇبا كۆزەتچىلىرى تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋال ياكى يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىشى ۋە دوكلات قىلىشى كېرەك.

23-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، رېمونت قىلىپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ساق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ تۇرۇبا چوڭراق خەۋپكە ئۇچرايدىغان بۆلەك ۋە ئورۇننى نۇقتىلىق كۆزىتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇرۇبا ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

بىخەتەر ئىشلىتىش شەرتىگە توشمايدىغان تۇرۇبىنى تۇرۇبا كارخانىسى ۋاقتىدا يېڭىلىشى، ئۆزگەرتىشى ياكى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

24-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئادەم، تېخنىكا، جابدۇقلارنى ئاجرىتىشى، ئىلغار، ھەممىباب تۇرۇبا قوغداش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشى ۋە قوللىنىشى، تۇرۇبا قوغداشقا كېرەكلىك خىراجەت سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تۇرۇبا قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

25-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان ھامان دەرھال تۈگىتىشى كېرەك. تۇرۇبىنىڭ تاشقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۇرۇبا كارخانىسىنىڭ تۈگىتىشى ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋاقىتىدا ماسلاشتۇرۇپ تۈگىتىشى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

26-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يەرنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ.

يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەقسىتىدە، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى بىلەن، تۇرۇبا كارخانىسى ئالاقىدار ئورۇن، شەخسلەر بىلەن پۈتۈشۈپ، ئالاقىدار ئورۇن، شەخسلەرنىڭ تېيىز يىلىتىزلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشىغا قوشۇلسا بولىدۇ. لېكىن، ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇرۇبىنى چارلاش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشتا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىيىنىنى تۇرۇبا كارخانىسى تۆلىمەيدۇ.

27-ماددا تۇرۇبا يولى بويىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر تۇرۇبا كارخانىسىنىڭ تۇرۇبىنى چارلاش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا زۆرۈر قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

تۇرۇبا كارخانىلىرىدىن تۇرۇبىنى چارلاش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارىغا ياكى باشقا ئورۇن، شەخسلەرگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

28-ماددا تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) تۇرۇبا كىلاپانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىش، ئېتىش؛

(2) تۇرۇبىنى يۆتكەش، كېسىش، تېشىش، چېقىش، چۇۋۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇزۇۋېتىش؛

(3) تۇرۇبا بەلگىسىنى يۆتكىۋېتىش، بۇزۇۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛

(4) تۇرۇبا كۆمۈلگەن چارلاش يولىدا ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش؛

(5) يەر يۈزىدىكى تۇرۇبا يولى، بوشلۇقتىكى تۇرۇبا يولى ۋە تۇرۇبا كۆۋرۈكى ئۈستىدە مېڭىش ياكى ئۇنىڭغا ئېغىر نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇش.

29-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈستىگە توك سىمى، خەۋەرلىشىش سىمى تارتىش ياكى گاز ئىسكىلاتىنى ياسايدىغان دائىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن كولاش، بۇرغىلاش، رۇدا قېزىش مەنئى قىلىنىدۇ.

30-ماددا تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بەش مېتىر دائىرىدە، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) دەرەخ، چاتقال، پېلەك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك، قۇمۇش، بامبۇك ئۆستۈرۈش ياكى تۇرۇبا كۆمۈلگەن جايغىچە يىلىتىز تارتىپ، تۇرۇبىنىڭ چىرىتمەس قاتلىمىنى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ئۇزۇن يىلىتىزلىق باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش؛

(2) توپا ئېلىش، تاش قېزىش، ئوت يېقىش، ئېغىر نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويۇش، چىرىتىشچان ماددىلارنى قويۇپ بېرىش، ماشىنا سايمانلار بىلەن كولاش، قۇرۇلۇش قىلىش؛

(3) كۆلچەك، ئۆستەڭ، خامان، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانى، پارنىك، قوتان ياساش، ئۆي سېلىش، شۇنىڭدەك باشقا ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى سېلىش.

31-ماددا تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۆۋەندىكى ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى سېلىشتا، ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىنىڭ تۇرۇبا ۋە تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) ئاھالە رايونى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ۋوگزال-بېكەت، سودا سارىيى قاتارلىق ئادەم زىچ توپلىشىدىغان ئىمارەت؛

(2) تىرانسفورموتور پونكىتى، ماي، گاز پونكىتى، ماي باكى، گاز باكى قاتارلىق ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان سورۇن.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى تۇرۇبا، شۇنىڭدەك ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىلىشى كېرەك.

32-ماددا دەريادىن ئۆتىدىغان تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 500 مېتىر دائىرىدە لەڭگەر تاشلاش، لەڭگەر سۆرەش، شېغىل كولاش، لاي ئېلىش، تاش كولاش، سۇ ئاستىدا پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. لېكىن تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە سۇ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، لاتقا ئادالاش مەشغۇلاتى قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا.

33-ماددا تۇرۇبا مەخسۇس تونېلى مەركىزىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى 1000 مېتىر دائىرىدە تاش كولاش، رۇدا قېزىش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دائىرىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىش قاتارلىق جامائەت قۇرۇلۇشلىرىدا تاش كولاش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى تۇرۇبا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن قىلىشقا بولىدۇ.

34-ماددا باشقا ئورۇنلار تۇرۇبا كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، مەخسۇس تۇرۇبا يان يولى، تۇرۇبا سۇ مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە تۇرۇبا مەخسۇس تونېلى قاتارلىق تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

35-ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۇرۇبا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

(1) تۇرۇبا ئۈستىدىن ئۆتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىش؛

(2) تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بەش مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان دائىرىدە ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدىكى 100 مېتىر دائىرىدە تۆمۈر يول، تاشيول، ئۆستەڭ ياساش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش، توك سىستېمىسى تارتىش، كابېل، ئوپتىك كابېل كۆمۈش، بىخەتەرلىك يەر سىمى ۋە چاقماق قايتۇرغۇچ يەر سىمى ئورنىتىش؛

(3) تۇرۇبا يولى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى 200 مېتىر دائىرىدە ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدىكى 500 مېتىر دائىرىدە پارتلىتىپ، يەر تەۋرىتىپ چارلاش ياكى كولاش، قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن بۇرغىلاش ۋە رۇدا قېزىش.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بىلەن تۇرۇبا كارخانىسىنى قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىش لايىھەسىنى كېڭىشىپ بېكىتىشكە ھەمدە بىخەتەرلىك مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈشكە تەشكىللىشى؛ كېڭىشەلمىسە تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بىخەتەرلىكنى باھالاتقۇزۇپ، مەشغۇلات قىلىشىنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

36-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ۋە 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) تۇرۇبا بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى لايىھەسى بولۇش؛

(2) ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى بولۇش؛

(3) قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلغۇچىلارنىڭ تۇرۇبا قوغداش بىلىمى بولۇش؛

(4) بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى بولۇش.

37-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ۋە 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، ئىش باشلاشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن، تۇرۇبا كارخانىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. تۇرۇبا كارخانىسى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا تۇرۇبا قوغداش بىخەتەرلىكى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

38-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرىدىن جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇبىنى جىددىي رېمونت قىلىدىغانلىرى باشقىلارنىڭ يېرى ياكى ئەسلىھەسىنى ئىشلىتىپ تۇرسا بولىدۇ، لېكىن، يەر ياكى ئەسلىھەنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقدارىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. يەر ياكى ئەسلىھەنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقدارى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

39-ماددا تۇرۇبا كارخانىسى ئۆز كارخانىسىنىڭ تۇرۇبا ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە تۇرۇبا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەقلىشى ھەمدە تۇرۇبا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش بويىچە مەشىق قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

تۇرۇبا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، تۇرۇبا كارخانىسى ئۆز كارخانىسىنىڭ تۇرۇبا ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ھادىسە خەۋپىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئورۇن ۋە ئاھالىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىنىڭ زىيىنىنى تۈگىتىشى ياكى ئازايتىشى ھەمدە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بەلگىلىمە بويىچە ھادىسە ئەھۋالىنى يۇقىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تۇرۇبا ھادىسىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىگە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تۇرۇبا ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

40-ماددا تۇرۇبىدىن ئاققان نېفىت ۋە تۇرۇبىنى جىددىي رېمونت قىلغاندا قويۇپ بەرگەن نېفىت مۇھىتنى بۇلغىغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى ۋاقتىدا تىزگىنلىشى كېرەك. 3-كىشىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تۇرۇبا ئېقىپ قېلىپ مۇھىتنى بۇلغىغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى 3-كىشىدىن تىزگىنلەش ھەققىنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

مۇھىت بۇلغىنىش زىيىنىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

41-ماددا تۇرۇبىدىن ئېقىپ چىققان نېفىتنى ۋە تۇرۇبىنى جىددىي رېمونت قىلغاندا قويۇپ بەرگەن نېفىتنى تۇرۇبا كارخانىسى يىغىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئوغرىلىۋېلىشىغا، تالاپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا تۇرۇبىنى ئىشتىن توختىتىش، پېچەتلەش، بىراك قىلىشتا، تۇرۇبا كارخانىسى زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

43-ماددا تۇرۇبىنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قىسمىنى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى قوغداشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى» ۋە گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4-باب تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش

44-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش مۇناسىۋىتى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى تۆۋەندىكى پىرىنسىپ بويىچە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە بىر-بىرىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ:

(1) كېيىن باشلانغان قۇرۇلۇش بۇرۇن باشلانغان قۇرۇلۇشقا ياكى پۈتكەن قۇرۇلۇشقا يول قويۇش؛

(2) قۇرۇلۇش تەڭ باشلانغان بولسا، كېيىن تەستىقلانغان قۇرۇلۇش بۇرۇن تەستىقلانغان قۇرۇلۇشقا يول قويۇش.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، كېيىن باشلانغان ياكى كېيىن تەستىقلانغان قۇرۇلۇشنى بۇرۇن باشلانغان، پۈتكەن ياكى بۇرۇن تەستىقلانغان قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ بۇرۇن باشلانغان، پۈتكەن ياكى بۇرۇن تەستىقلانغان قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش ياكى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، كېيىن باشلانغان ياكى كېيىن تەستىقلانغان قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغۇچى شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى چىقىرىدۇ.

تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇش ئۇچرىشىپ قالسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى لايىھەسىنى كېڭىشىپ بېكىتىشى ھەمدە بىخەتەرلىك مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈشى، قارشى تەرەپنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا نەق مەيداندا نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.

45-ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان باشقا قۇرۇلۇشتىن ئۆتىدىغان بولسا، باشقا قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، تۇرۇبا يولى قالدۇرۇشى ياكى تۇرۇبا ئۆتىدىغان ئەسلىھە ياساپ قويۇشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى تۇرۇبا كارخانىسى چىقىرىشى كېرەك.

قانۇن بويىچە تەستىقلانغان باشقا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدىن ئۆتىدىغان بولسا، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن باشقا قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، تۇرۇبا يولى قويۇپ قويۇشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە ياساپ قويۇشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى باشقا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىشى كېرەك.

46-ماددا تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قېزىلما بايلىق ئاچىدىغان جايدىن ئۆتىدىغان بولسا، تۇرۇبا كارخانىسى قېزىلما بايلىق ئېچىش كارخانىسى بىلەن كېڭىشىپ، تۇرۇبا بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لايىھەسىنى بېكىتىشى كېرەك، قېزىلما بايلىق ئېچىش كارخانىسىنىڭ تۇرۇبا بىخەتەرلىكى مۇداپىئە تەلىپى بويىچە مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ياساپ قويۇشى ياكى باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى زۆرۈر بولسا، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى تۇرۇبا كارخانىسى چىقىرىشى كېرەك.

قېزىلما بايلىق ئېچىش كارخانىسى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ياساپ قويۇش ياكى باشقا مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىشتا پۈتۈمگە ئەمەل قىلماي، يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى، يېرىلىپ كېتىشى قاتارلىق گېئو ئاپەتنى پەيدا قىلغانلىقتىن، تۇرۇبىنى قايتا ياتقۇزۇش، يۆتكەش ياكى باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى قېزىلما بايلىق ئېچىش كارخانىسى چىقىرىدۇ.

47-ماددا تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېقىن بۆلۈش قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ياساش سەۋەبىدىن، تۇرۇبا قوغداشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، تۇرۇبا كارخانىسىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە تۆۋەن ئېقىندىكى پۈتكەن تۇرۇبا سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېقىن بۆلۈش ئەسلىھەسى قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ياسىغانلىقتىن، تۆۋەن ئېقىندىكى پۈتكەن تۇرۇبا سۇ قۇرۇلۇشى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، سۇ قۇرۇلۇشى مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىشى كېرەك.

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن ئاققۇزۇش لايىھەسىنى تۈزگەندە، تۇرۇبا قوغداشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

تۇرۇبا ئۆتكەن جايدىن كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەلكۈن ئاققۇزۇش لايىھەسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كەلكۈن ئاققۇزۇش مىقدارى ۋە ۋاقتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ۋە تۇرۇبا كارخانىسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ياكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋە تۇرۇبا كارخانىسى تۇرۇبىنى قوغداش يۈزىسىدىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

49-ماددا تۇرۇبا يولى بىلەن سۇ يولى ئۇچرىشىپ قېلىپ، سۇ يولىدا تۇرۇبا مۇداپىئە ئەسلىھەسى ياساشقا توغرا كەلسە، سۇ قاتناش ئۆلچىمى بويىچە تېخنىكىلىق دەلىللىتىش ھەمدە سۇ قاتنىشى مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. تۇرۇبا مۇداپىئە ئەسلىھەسى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ قاتنىشى مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشنى قىلىشتا، تەستىقلانغان قۇرۇلۇش رايونىغا سۇ يولى بەلگىسى ئورنىتىش، سۇ يولى بەلگىسىنى ئورنىتىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى تۇرۇبا كارخانىسى چىقىرىشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

50-ماددا تۇرۇبا كارخانىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا چارە كۆرىدۇ:

(1) تۇرۇبىنى چارلاش، تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) بىخەتەر ئىشلىتىش شەرتىگە توشمايدىغان تۇرۇبىنى ۋاقتىدا يېڭىلىمىغان، ئۆزگەرتمىگەن ياكى ئىشلىتىشتىن توختاتمىغانلار؛

(3) تۇرۇبا بەلگىسىنى ئورنىتىش، رېمونت قىلىش ياكى يېڭىلاشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) پۈتكەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەش خەرىتىسىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزمىگەنلەر ياكى شۇ كارخانىنىڭ تۇرۇبا ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛

(6) تۇرۇبا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ھادىسە خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەر ياكى يېنىكلەتمىگەنلەر؛

(7) ئىشتىن توختىتىلغان، پىچەتلەنگەن، بىراك قىلىنغان تۇرۇبىغا زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغانلار.

تۇرۇبا كارخانىلىرىدىن قىلمىشى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قانۇنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى، ئوت مۇداپىئە قانۇنى قاتارلىق باشقا قانۇنلارغىمۇ خىلاپ كېلىدىغانلىرىغا باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

تۇرۇبا كارخانىلىرىدىن باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىرى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

51-ماددا تۇرۇبىنى يۆتكەش، كېسىش، تېشىش، چىقىرىش، چۇۋۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇزغان ياكى تۇرۇبىدا يەتكۈزۈلۈۋاتقان، تۇرۇبىدىن ئېقىپ كەتكەن، قويۇپ بېرىلگەن نېفىت، تەبىئىي گازنى ئوغرىلىغان، تالاپ كەتكەنلەردىن قىلمىشى جىنايەتكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 29–، 30–، 32-ماددىلىرىدىكى ياكى 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسا، ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ سالغان ئىمارىتى، قۇرۇلمىسى ياكى باشقا ئەسلىھەسىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چاقتۇرۇۋېتىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ چاقمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى باشقىلارغا چاقتۇرۇۋېتىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

53-ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ياكى 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشنى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا سېلىۋالغان، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىمارىتى، قۇرۇلمىسى ياكى باشقا ئەسلىھەسىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چاقتۇرىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە چاقمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى باشقىلارغا چاقتۇرۇۋېتىدۇ؛ خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) تۇرۇبا كىلاپانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان، ئەتكەنلەر؛

(2) تۇرۇبا بەلگىسىنى يۆتكىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(3) تۇرۇبا كۆمۈلگەن يەر ئۈستىدىكى چارلاش يولىدا ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەنلەر؛

(4) يەر يۈزىدىكى تۇرۇبا يولى، بوشلۇقتىكى تۇرۇبا يولىدا ۋە تۇرۇبا كۆۋرۈكىدە ماڭغانلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر نەرسىلەرنى قويغانلار؛

(5) قانۇن بويىچە قىلىنىۋاتقان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش سادىر قىلىپ، تۇرۇبا كارخانىسىغا زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

56-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇبا سىرتىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىدىن تۈگىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەنلىرى، تۇرۇبا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى بايقىغان ياكى تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى ۋە ياكى مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشى بارلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

58-ماددا بۇ قانۇندا ئېيىتىلغان تۇرۇبا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) تۇرۇبىنىڭ بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتى، قىزدۇرۇش پونكىتى، ئۆلچەش پونكىتى، ماي يىغىش پونكىتى، گاز يىغىش پونكىتى، نېفىت يەتكۈزۈش پونكىتى، گاز يەتكۈزۈش پونكىتى، گاز تەقسىملەش پونكىتى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى، تۇرۇبا تازىلاش پونكىتى، كىلاپان ئۆيى، كىلاپان قۇدۇقى، بوشلۇققا قويۇپ بېرىش ئەسلىھەسى، ماي ئىسكىلاتى، گاز ئىسكىلاتى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئاسما كۆۋرۈكى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەيدانى؛

(2) تۇرۇبىنىڭ سۇ قۇرۇلۇشى مۇداپىئە ئەسلىھەسى، شامال مۇداپىئە ئەسلىھەسى، چاقماق مۇداپىئە ئەسلىھەسى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى، بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئەسلىھەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەسى، تۇرۇبا قېشى، تۇرۇبا كۆۋرۈكى، شۇنىڭدەك تۇرۇبا مەخسۇس سۈڭگۈچى، تونېلى قاتارلىق كېسىپ ئۆتىدىغان ئەسلىھەلىرى؛

(3) تۇرۇبىنىڭ كاتودلۇق ئاسراش پونكىتى، كاتودلۇق ئاسراش ئۆلچەش قوزۇقى، ئانۇد قېنى، تەرتىپسىز توك ئېقىمىنى چىقىرىۋېتىش پونكىتى قاتارلىق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى؛

(4) تۇرۇبىنىڭ تۆمۈر يول، تاشيولنى كېسىپ ئۆتىدىغان سىرغىتىپ تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى؛

(5) تۇرۇبىنىڭ باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى.

59-ماددا ئادەم توپلىشىدىغان سورۇنلار ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇمنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان سورۇنلاردىن بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغانلىرىنى تۇرۇبا قوغداش دائىرىسىگە شۇ سورۇن بار جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا كۆچۈرۈشى، ئېنىقلىشى ياكى ئۇنىڭغا باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىشى كېرەك. پۈتكەن تۇرۇبىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈشكە ياكى ئۇنىڭغا باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىنى تۇرۇبا كارخانىسى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك.

60-ماددا گوۋۇيۈەن دېڭىز ئۈستى نېفىت تۇرۇبىسى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، دېڭىز ئۈستى نېفىت تۇرۇبىسى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداشقا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

61-ماددا بۇ قانۇن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3840000.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#