گەز دەرياسى
گەز دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، سارىقول تېغىنىڭ شىمالىي چوققىسىدىن باشلىنىپ، مۇجى دەرياسى، يامانيار دەرياسىنىڭ بۇلۇڭكۆل رايونىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گەز دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، سارىقول تېغىنىڭ شىمالىي چوققىسىدىن باشلىنىپ، مۇجى دەرياسى، يامانيار دەرياسىنىڭ بۇلۇڭكۆل رايونىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 374 كىلومېتىر، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، يوپۇرغا ناھىيەلىرىنى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە 41-، 42-تۈەن مەيدانلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دەريا سۈيى بىلەن تەخمىنەن 1 مىليون مو يەر سۇغىرىلىدۇ.
گەز دەرياسىنىڭ يىللىق ئۇدۇل ئېقىم مىقدارى 11.64 مىليارد كۇب مېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 36.9 كۇب مېتىر/سېكۇنت، ئەڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى 532 كۇب مېتىر/سېكۇنت، ئەڭ كىچىك ئېقىم مىقدارى 4.38 كۇب مېتىر/ سېكۇنت. ھەر يىلى 5-9-ئايلار كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كىيىنكى يىلى 2-ئايغىچە سۇ تارتىلىش مەزگىلى.
گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا پارچە تاشلار بار. ئوتتۇرا قىسمىدا شېغىل-قۇم بار. تۆۋەن تەرىپى قۇم-لايدىن تەركىب تاپقان. سۇ مەنبەسى ئاساسەن مۇز تاغ، قوڭۇر چوققىلىرىدا ئېرىگەن قار-مۇز سۇلىرى ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. دەريا سۈيى تۇزسىزراق بولغاچقا، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ماس كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.
گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئۈچ ئورۇندا سۇ ئۆلچەش پونكىتى بار. پۈتكۈل ئېقىن بويىدا 11 سۇ ئامبىرى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.