ياقۇتسكى

ياقۇتسكى شەھىرى

ياقۇتسكى شەھىرى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ شەرقىدىكى ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ياقۇتسكى شەھىرى لېنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ شەھەر ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى.

نامى ياقۇتسكى
دۆلىتى روسىيە
تەۋە رايون روسىيە ساخا (ياقۇت) جۇمھۇرىيىتى
كىلىماتى مۆتىدىل سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، قەھرىتان سوغۇق
روسچە نامى Якутск ياكى Якутский
خەنزۇچە نامى 雅库茨克
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 284 مىڭ 773 (2011)
ئىنگلىزچە نامى Yakutsk
دىيالېكتى ياقۇت تىلى، روس تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقۇتسكى شەھىرىياقۇتسكى شەھىرى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ شەرقىدىكى ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ياقۇتسكى شەھىرى لېنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 152 مىڭدىن ئاشىدۇ(1979) ، بۇ شەھەر 1632-يىلى لېنا دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە سېلىنغان قورغان ئاساسىدا كېڭەيگەن، 1642-، 1643-يىللىرى دەريانىڭ غەربىي تەرىپىگە كۆچكەن. بۇ شەھەر ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا كۆن-خۇرۇم، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ياقۇتسكى شەھىرى لېنا دەرياسى بويىدىكى مۇھىم دەريا پورتى.

ياقۇتسكى شەھىرىياقۇتسكى شەھىرى روسىيە ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى، شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن، ساخا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلتۈرۈلگەن ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد مەركىزى 1632-يىلى سېلىنغان، موسكۋانىڭ ياقۇتسكى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8468 كىلومېتىر. ياقۇتسكى شەھەر ئىچىدە ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن، ئايرىم ئۆكتەبىر رايونى ۋە لاۋېسيالاس رايونىنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياقۇتلار ئاساس قىلغان بۇلۇپ 220 مىڭ دىن ئارتۇق. ياقۇتسكى شەھىرى مەڭگۈلۈك توڭ توپا قاتلىمى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، شۇڭا «توڭ شەھەر» دېگەن نامىمۇ بار.

ياقۇتسكى شەھىرىياقۇتسكىنىڭ ئورنى شىمالىي كەڭلىك 62°  بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 101 مېتىر كېلىدۇ. سىبىرىيەنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمى. ياقۇتسكى شەھىرى روسىيە ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. موسكىۋا بىلەن بولغان ئارىلىقى 8468 كىلومېتىر. ياقۇتسكى شەھەر ۋاقتى 5 سائەت  موسكۋا ۋاقتىدىن بالدۇر. 

ياقۇتسكى شەھىرىياقۇتسكى دۇنيا بويىچە ئەڭ سوغۇق شەھەر.  ياقۇتسكى قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى كىلىماتقا تەۋە، قىشتا قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن، بىر ئاي ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃38.6-، چېكىگە يەتكەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 64.4 گىرادۇس. ياز پەسلى قىسقا، ئىللىق، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃ 19.5 لېكىن بەزىدە 35 ~ 30 گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى38.4 گىرادۇس، ئىككى يىللىق مۇتلەق تېمپېراتۇرا پەرقى ℃100 دىن ئاشىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئىپادىسى ئەڭ تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتلىق شەھەرگە كىرىدۇ . 

ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى

ياقۇتسكى شەھىرنىڭ ھەرقايسى ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ( 1971-يىل ~ 200-يىل ) : 

1-ئاي : ℃38.6؛   

2-ئاي : ℃33.6؛  

3-ئاي : ℃20.1؛ 

4-ئاي : ℃4.8؛  

5-ئاي : ℃7.5؛

6-ئاي : ℃16.4؛ 

7-ئاي : ℃19.5؛ 

8-ئاي : ℃4.2؛

9-ئاي : ℃6.1؛

10-ئاي :℃7.8؛ 

11-ئاي : ℃27؛ 

12-ئاي : ℃37؛

بىر يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.8 دىن تۆۋەن. 

 2006-يىلى ياقۇتىيەگە ئەگىشىپ ئالدىنقى خەت-ئالاقە، خەۋەرلىشىش، تېلېۋىزىيە،رادىيو پىلانى، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەرەققىيات جۇمھۇرىيىتى، بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ. ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ياقۇتسكى شەھىرى رۇسىيە فېدېراتسىيە خارەكتىرلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈتۈنلەي رەقەملەشكەن خەۋەرلىشىش تۇلۇق ئەمەلگە ئاشقان شەھەر. 

ياقۇتسكى شەھىرى1632-يىلى لېنا دەرياسى ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان قەلئە 1642-1643-يىللىرى ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن. چارروسىيە ئۈچۈن ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇب ۋە تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى كېڭەيمىچىلىك مۇھىم تايانچ پونكىت. دەريا پورتى، ئاۋىئاتسىيە مۇھىم پورتى ۋە تاشيول تىرانسىپورتنىڭ مەركىزى. لېن - ۋىليۇي گازلىقى گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇلغان. يېنىك سانائەت، يېمەكلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ھەمدە كېمە ۋە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتى ۋە ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىن كۆپ. بىرقانچە ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىبىرىيە شۆبىسى تەسىس قىلىنغان. 

ياقۇتسكى شەھىرىبۇ يەر ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەركىزى. تارىخ، تىل - ئەدەبىيات، فىزىكىلىق تېخنىكىسى، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى قاتارلىق ئونغا يېقىن ئورۇنلىرى بار. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىبىرىيە شۆبىسى سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا ئون نەچچە ياقۇت  بىر تۇتاش تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياقۇتسكىدا ئالىي مەكتەپلەرمۇ بار. پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە ئون نەچچە ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپلىرى بار. كۇتۇپخانا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، بالىلار مۇزىكا مەكتىپى، مۇزىي قاتارلىق مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇلغان. ياقۇتسكى ئۇنىۋېرسىتېتى يىراق شەرق رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ياقۇتسكى شەھىرىخاربىن شەھىرنىڭ ياقۇتسكى شەھىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2003-يىلى باشلانغان . 2003-يىلى 7-ئايدا روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ خاربىن شەھىرى ساخا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلتۈرۈلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ياقۇتسكى شەھىرى بىلەن خاربىن شەھىرى رەسمىي تەكلىپ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. 

2005-يىلى شەھەر باشلىقى مىخاي كۇكې ياقۇتسكى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى خاربىن شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ خاربىن شەھىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئىككى شەھەر ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ خاربىن شەھىرى بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى شەھەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئەتراپىدىكى دۇنياغا داڭلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتكەن، مەسىلەن، ئىسلاندىيە پايتەختى ريېكياۋىك، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پورتى. مورمانسىك، نورۋېگىيە شىمالىي قۇتۇپ ئىشىكى دەپ ئالياسكا ئايروپورت، گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ مەركىزى ئالاھىدە ( غەيرىي) شەھەر نۇك گرېن جەنۇبىي ئارىلى ھەممىسى ھەقىقىي «سوغۇق»، لېكىن دۇنيا بويىچە ئەڭ سوغۇق بولغان شەھەر بولسا ياقۇتسكى. 

ياقۇتسكى شەھىرىياقۇتسكى شەھىرى روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەر. تارىختىن بۇيان يۇڭ-تېرە، تېرە، پەي، كۆن-خۇرۇم، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە پىل چىشى يىغىش-تارقىتىش بازىرى بىلەن داڭلىق. شەھەر ئىچىدە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر قېزىش، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەتلىرى راۋاجلانغان؛ كېمە-پاراخوت ياساش، رېمونت قىلىش زاۋۇتلىرى،  بىناكارلىق ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى، ئاياغ كىيىم زاۋۇتى، كۆن-خۇرۇم، كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى، پىۋا زاۋۇتى، كلىزما قىلىش زاۋۇتى، قەنت-گېزەك، پىچىنە-پىرەنىك زاۋۇتى،تەييار چۆپ زاۋۇتى، بېلىق ۋە گۆش پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىق  زاۋۇت ۋە كارخانىلار بار. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رايونلارغا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان، مەركەز ئىسسىقلىق ئېلېكتر ئىستانىسىسى، ئوستكامىنوگوروسكى ۋىليۇي كان گاز مىقدارى شەھەرنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر بۇ يەردە سانائەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى گاز ئىشلىتەلەيدۇ. 

ياقۇتسكى شەھىرىبۇ شەھەر دەريا قاتنىشى، تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىئاتسىيە قاتناش تىرانسىپورت تۈگۈنى بولۇپ تاشيول ترانسپورت لىنىيىسى تۇتىشىدىغان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئىچى ۋە سىرتىدىكى لېنا دەرياسى پورت ۋە ياقۇت - ئارمۇر تاشيول غول لىنىيىلىرى ۋە بېلكا ئاساسلىق تۆمۈر يول بېكىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ياقۇتسكى شەھىرى ۋە ھەر قايسى ئاساسلىق رايونلار ئارا قاتناش ئالاقىسى باربۇلۇپ نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئۇچرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگونىڭ مۇدەنجياڭ -ياقۇتسكى خەلقئارا يولۇچى توشۇش ھاۋا لىنىيەلىرى ئېچىلغان بۇلۇپ جۇڭگو خېيخې ياقۇتسكى خەلقئارا مال توشۇش ئاۋىئاتسىيەسى 2004-يىلى  جۇڭگو خاربىن ياقۇتسكى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئېچلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#