بىروس

بىروس ئەسلىدە ئىنگلىزچە كۆك ئاكورت (blue note) دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى قارا تەنلىكلەر كومىتېتلىرىنىڭ دىنى ناخشىلىرى، ئەمگەك ناخشىلىرى، ئېتىز جىرلىرى ۋە قوشاق ئېتىش شەكلىدىكى خەلق ناخشىلىرىدىن پەيدا بولغان. 

ئۇيغۇرچە نامى بىروس
چەتئەلچە نامى Blues
ئېجاد قىلغۇچى ۋېلىيام كىرېستوفىر خەندي
خەنزۇچە نامى 蓝调
باشقا نامى 布鲁斯

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىروسبىروس ئەسلىدە ئىنگلىزچە كۆك ئاكورت (blue note) دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى قارا تەنلىكلەر كومىتېتلىرىنىڭ دىنى ناخشىلىرى، ئەمگەك ناخشىلىرى، ئېتىز جىرلىرى ۋە قوشاق ئېتىش شەكلىدىكى خەلق ناخشىلىرىدىن پەيدا بولغان. مۇزىكىدا كۆك ئاھاڭنى، تېكىستلەردە  چاقىرىققا-جاۋاب (call-and- response) ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئافرىقىنىڭ تەسىرىنى بىلدۈرىدۇ. بىروس كېيىنكى ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل غەربنىڭ ئاممىباب مۇزىكىلىرىغا (popular music) زور تەسىر كۆرسەتكەن، يەنە جەز، رېزىم بىروس، روكنرول، بلۇگىراس، ھىپ-ھوپ ۋە باشقا ئاممىباب مۇزىكىلارنىڭ يىلتىزىغا ئايلانغان.

بىروسبىروسنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، ئادەتتە 1870-يىللاردىن 1900-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. شۇ چاغدىكى مەمفېس بىروسنى ئېجاد قىلغۇچى ۋېلىيام كىرېستوفىر خەندي بىروسنىڭ چالغۇلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە سېمفونىيەلىك ئوركىستىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆھپىلىرى بىلەن بىروسنى ئاممىبابلاشتۇرغان. شۇڭا ئۇ «بىروسنىڭ ئاتىسى» دىگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. 

بىروس دىگەن بۇ سۆزنى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى كۆك ئالۋاستىغا باغلاشقا بولىدۇ، قارامتۇل كۆك رەك غەربى ئافرىقىدا چۈشكۈنلەشكەن روھ، قايغۇ ۋە ئازابقا سىمىۋۇل قىلىنىدىغان بولغاچقا دەسلەپتىلا ئازاپلىق ئىپادىلەر بىلەن تونۇلغان گىتار ئۇسلۇبى بىروس دەپ ئاتالغان. 

بىروس سۆزىنىڭ مۇزىكا بىلەن ئەڭ دەسلەپكى باغلىنىشىنى جىئورجى كولمان (george colman) نىڭ 1798-يىلى ئورۇنلانغان ئېپىزوتى كۆك ئالۋاستىدىن تېپىشقا بولىدۇ. بىروس سۆزى بۇ ئېپىزوتتا جۆيلۈش ۋە ساقچى دىگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا سىمۋول ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. گەرچە بىلۇس سۆزى ئافرىقىلىق-ئامېرىكا مۇزىكىلىرىدا ئشلىتىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ   1912-يىلى خارىت ۋاند (hart wand) نىڭ داللاس بىروس (dallas blues) بىرىنچى قېتىملىق نەشىر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىروس ئېجادىيىتى بولۇپ قېلىشى بىلەن ھەقىقى رەسمىيلەشكەن. تېكىسلەردە بۇ سۆز دائىم دېگۈدەك قايغۇلۇق كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ يەردە بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر بارلىق بىروسقا ئورتاق، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئۆزگىچە بولغان ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكىدىن شەكىللەنگەن. قانداق بولمىسۇن بىروسنىڭ بەزى بىر خۇسۇسىيەتلىرى ھازىرقى زامان بىروس ئېجاد قىلىنىشتىن  ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن پەيدا بولغان.

بىروسدەسلەپكى بىروسدەك مۇزىكىلار بولسا چاقرىق-جاۋاب جىرلىرى بولغان بولۇپ بىر خىل فۇنكىسيەلىك ئىپادىلەشنى بىلدۈرگەن. بۇ دېگىنىمىز بىر خىل تەڭكەش ۋە خارمونىكىدىن خالى بولغان، قىسمەن مۇزىكا قۇرۇلما قېلىپلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇرۇنقى بىروس شەكلى بولسا قۇللار ئېتىزىدىن ئاڭلىنىدىغان جىر ۋە توۋلاشلار ئىدى، كېيىن "ھىسى تەركىبلەرگە تولغان يالغۇز كىشلىك ناخشا" غا كېڭەيگەن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىروس بولسا ئاۋاز بىلەن گېتارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشغا ئۆزگەرگەن، ياۋرۇپانىڭ خارمونىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئافرىقىنىڭ چاقرىق-جاۋاب ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان مۇزىكا ئۇسلۇبى دەپ قارىلىدۇ.

بىروسنىڭ دەسلەپكى تېكىسىت شەكلى ئاساسەن تاق لېنىيەلىك بۇلۇپ تۆت قىېتىم قايتىلىناتتى. پەقەت كېيىنچە ھازىرقى ناھايتتى ئۇمۇملاشقان قۇرۇلما، يەنە بىر لېنىيە بىر قېتىم قايتىلىنىدىغان كەينىدىن تاق لېنىيەلىك خاتىمە ئەگىشىپ كېلىدىغان شەكىل ئۆلچەمگە ئايلانغان. بۇ لېنىيەلەر دائىم مىلودىيەگە قارىغاندا رېتىملىق گەپ قىلشقا ئوخشاشىراق ئېتىلاتتى. بىروس كۆپ ۋاقىتلاردا ئەركىن بايان قىلش ئۇسۇلىنى تاللايتتى. ناخشىچى دائىم ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ رەھىمىسىز رىئاللىقىدىن پەيدا بولغان ئازاپلىرىنى بايان قىلاتتى، مۇھەببەتتىن ئايرىلىش، بىر ساقچىنىڭ ۋەھشىلىكى، بىر ئاق تەنلىكنىڭ قول ئاستىدىكى بېسىم ۋە ئېغىر كۈنلەرگە ئوخشاش ۋەقەلەر تېما قىلىناتتى. گەرچە بىروس بىر خىل ئازاپ ۋە ئېزىلىشنى ئەسلەتسىمۇ لېكىن بەزى چاغلاردا قىزىقارلىق ۋە شەھۋانى مەزمۇنلارغا ئېگە بولۇپ قالىدۇ....

بىروسبىروسنىڭ نۇرغۇن تەركىبلىرىنى، يەنى چاقرىق-جاۋاب ۋە كۆك ئاھاڭنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئافرىقا مۇزىكىسدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. كيىنىچىرەك بلۇز ئۆزىگە ئېفىئوپىيە ھاۋاسى، مەددالىق، قارا تەنلىكلەرنىڭ روھانى مۇزىكىلىرىدىن تەركىبلەرنى يېققان، بۇلار يەنە چالغۇلۇق ۋە خارمونىكىلىق تەڭكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بۇلارنى بىروس مۇزىكا ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندىلىرىدىن بولغان لېد بېللىي (lead belly) ۋە ھىنىرى توماس (henry thomas) لارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. تونېك 1 (tonic), سۇبدومېنانت4(subdominant)، دومېنانت ئاكورىت 5 (dominant chord) لەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن 12، 8 ۋە 16 كىچىك بۆلەكلىك قۇرۇلمىلار شۇ چاغدىكى ئورتاق قوللىنىلىدىغان شەكىلگە ئايلانغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#