ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى-بىر خىل ئېلېكترونلۇق ۋاستە ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان خەۋەرلىشىش شەكلى بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور مۇلازىمىتى.

ئۇيغۇرچە نامى ئىلخەت
چەتئەلچە نامى Electronic Mail
بەلگىسى @
ئادرېس شەكلى خېرىدار پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى + @ + دائىرە نامى
خەنزۇچە نامى 电子邮件
چەتئەلچە قىسقارتىلىشى E-Mailياكىemail
خاسلىقى تورنىڭ قوللىنىلىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تور ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق يوللانما سىستېمىسىدا ئابونت ئىنتايىن تۆۋەن باھادا، ( مەيلى قەيەرگە ئەۋەتىش، ھەممىسى پەقەت تور ھەققى ) بولىدۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز يوللاش ئۇسۇلى ئاددىي ( نەچچە سېكۇنتتىن ئىچىدە بولىدۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ)، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر بۇلۇڭىدا توردىكى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى خەت، رەسىم، ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خېرىدار كۆپ مىقداردا ھەقسىز ئاخبارات، مەخسۇس پوچتا يوللانمىسى، ھەمدە ئازادە بولغان ئۇچۇر ئىزدەشكە ئېرىشەلەيدۇ. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ناھايىتى زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى ھەمدە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىلگىرى سۈردى.  

ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاش ۋە قۇبۇل قىلىش 

1.ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاش

يوللىغۇچى تەرەپنىڭ پوچتا يوللانمىسىنىڭ مەزمۇنىنى SMTP يوللاش باشلىنىدۇ، ھەمدە بىر ئالاھىدە تەرتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر پوچتا يوللانمىسى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ SMTP مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىنسا  OK جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.

2 . ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى قوبۇل قىلىش

يوللىغۇچى تەرەپ پوچتا يوللانمىسىنى توغرا، ئۆلچەملىك يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق يوللانسا قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە توغرا ھەم تېز يېتىپ كېلىدۇ.

خېرىدار پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى + @ + دائىرە نامى

بۇنىڭ ئىچىدە : @  ئېلېكترونلۇق   پوچتا يوللانمىسىنىڭ قېلىپلاشقان بەلگىسى

دائىم ئۇچرايدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى كېلىشىمى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ: SMTP ( ئاددىي يوللانما يوللاش كېلىشىمى)، POP3(پوچتا ئىدارىسى كېلىشىمى)،IMAP (پوچتا يوللانمىسى ئىنتېرنېت زىيارەت قىلىش كېلىشىمى).

ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئېلېكترون ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەت ئەۋەتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئۇنىۋېرسال تېلېفون ئالاقە ۋە پوچتا خەت-چەك ئالاھىدىلىكى ئۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى  تېلېفونغا ئوخشاش تېز، يەنى خەت-چەككە ئوخشاش خەت تاپشۇرۇۋالغۇچى بۇنى كۆرۈپ خەتنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى تور دا ساقلاش ۋە يوللاش شەكلى قوللىنىلىدۇ ، ۋاقىت قىسقاھەم تەننەرخى تۆۋەن.  

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا

1.تارقىلىش سۈرئىتى تېز 

2.بەكلا قولايلىق

3.تەننەرخى تۆۋەن 

4.كەڭ دائىرىلىك ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتى

5.ئۇچۇر كۆپ خىل 

6.نىسبەتەن بىخەتەر 

1.Unix/Linux نى ئاساس قىلغان سۇپا پوچتا يوللانمىسى سىستېمىسى

2.Windows نى ئاساس قىلغان سۇپا پوچتا يوللانمىسى سىستېمىسى

دائىم ئۇچرايدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى

MSN mail(مىكرو سوفت)

Gmail ( گۇگېل)

شىنخۇا پوچتا ساندۇقى

1.ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بىلەن كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلات.

ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئاساسىي ئالاقە تورىدا'' ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى سىستېمىسى'' ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر كومپيۇتېر سىستېمىسى.

3. ئېلېكترونلۇق ئالاقە خەت ساندۇقى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#