ئاق خەربەق
ئاق خەربەق گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ياكى يىلتىزى يىغىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ چاچما يىلتىزىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ تەييارلانغان يىلتىزى «ئاق خەربەق» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، تالقىنىنىڭ ئۆتكۈر دەرىجىدەچۈشكۈرتۈش خۇسۇسىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاق خەربەق گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غول ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشمايدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كەڭ تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ، باش يازدا گۈلى ئاقۇچ يېشىل رەڭلىك ئېچىلىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئۆسۈملۈك ئاق خەربەق دەپ ئاتالغان. ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ياكى يىلتىزى يىغىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ چاچما يىلتىزىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ تەييارلانغان يىلتىزى «ئاق خەربەق» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ سىرتقى يۈزى كۈل رەڭگە مايىل خورما رەڭ ياكى ئاقۇچ سېرىق رەڭلىك كېلىدۇ، سۇندۇرۇلسا يۈزى ئاقۇچ، تالقانسىمان، ئالاھىدە پۇراقلىق، تەمى سەل ئاچچىق، تالقىنىنىڭ ئۆتكۈر دەرىجىدەچۈشكۈرتۈش خۇسۇسىتى بار.مەملىكىتىمىزدە شەرقىي شىمال، شىمالى جۇڭگو، شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى، گەنسۇ، خۇبىي، سىچۈەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. چەت ئەلدە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.
1. ئاق خەربەقنى يالغۇز ياكى گۈلسەۋسەن بىلەن قوشۇپ پەرزىچە قىلسا، سۈيدۈكنى ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرىدۇ.
2. ئاق خەربەقنى تالقانلاپ، ئۆردەك گۆشىگە ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ يېسە، بويۇن بەزسىلى (خانازىر)غا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئەگەر قۇستۇرۇشقا توغرا كەلسە، خەربەقنى ئۇششاق توغراپ، بىر ياش تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ خەربەق بىلەن تولدۇرۇپ قۇيۇپ، بىر كېچە ئۆتكەندىن كېيىن خەربەقنى ئېلىۋېتىپ، تۇرۇپنى سىركەنجىۋىل بىلەن ئىچسە، ئىككى سائەتتىن كېيىن قىيىنچىلىقسىز قۇستۇرىدۇ.
ساقلاش
4–5 يىل ئۆستۈرگەندىن كېيىن قىش پەسلىدە يىلتىزى كولىۋېلىنىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ. [خىمىيىلىك تەركىبى] كۆپ خىل ئالكالۇئىدلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %2~1، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى پىروتوۋېراتىن (protoveratine) بولۇپ، بۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ناھايىتى يۇقىرى. كۈچلۈك چۈشكۈرتۈش تەسىرى بار.
مەتبۇخى ئەفتىمۇن
بۇ زەھەرلىك دورا بولغاچقا، ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن خېمىر ئارىسىغا ئېلىپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ زەھەرسىزلەندۈرۈپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.