كېسەك(خىش) ئېتىشىش ئويۇنى


كېسەك ئېتىشىش ئويۇنى-ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئارا كۈچ سىنىشىدىغان، رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك، تەنتەربىيىۋىلىكى يۇقىرى بولغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەتتە، كېسەك ئېتىشىش بىر خىل ئەمگەك بولۇپ، ئۆي سالغاندا لاي كېسەك(خىش) نى يەردە تۇرۇپ تامچى ئۇستىغا تاشلاپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەمگەك پائالىيىتىدە خىشنى دەل ھەم ئېگىز ئاتالايدىغانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىش ئېتىشتا بىر قىسىملارنىڭ نامى چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق خىش ئېتىشتا نامى چىققان كۈچلۈك ياشلار ئېگىز تاملارغا، ئۆگزىلەرگە خىش ئېتىشتا بەسلىشىدۇ. بەسلەشكۈچىلەر ئالدى بىلەن بىردىن خىش ياكى كېسەك ئېتىشىپ، سەپتىن ئىككى ئادەمنى چىقىرىۋەتسە، ئاندىن چوڭراق بولغان ئېغىر خىش ئېتىشىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ ئىككى ئادەمنى شاللاپ چىقىرۋېتەلىسە، ئىككى خىش ياكى ئېغىرراق خىشنى ئېگىزگە ئاتالىغان كىشى غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

 ھازىرقى ۋاقىتتا، چەت ئەللەردە نۇرغۇنلىغان ئەمگەك پائالىيەتلىرى مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلماقتا. بىزنىڭمۇ خىش ياكى كېسەك ئېتىشتا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشىمىزغا بولىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن 30 سېكۇنت ياكى بىر مىنۇت ئىچىدە مەلۇم ئېغىرلىققا ئىگە خىش ياكى كېسەكنى مەلۇم ئېگىزلىككە ئېتىشتا مۇسابىقىلىشىش كېرەك، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېتىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ۋاقىت چەكلىمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ زىچلىقى ۋە ھەرىكەت مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەلۇم چېنىقىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#