سىدنېي
سىدنېيى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، قاتناش ۋە سودا مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، قاتناش ۋە سودا مەركىزى. بۇ شەھەر قۇرۇقلۇققا 20 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن جېكسون قولتۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. 1150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئارقىلىق قولتۇقنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر مەيدانى 1735 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. سىدنېي شەھىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
سىدنېي ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتناش تۈگۈنى، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. سىدنېي شەھىرى تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. قەرەللىك ھالدا دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق ئەنگلىيە، ئا ق ش، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ.
سىدنېي پورتى ئارقىلىق بۇغداي، قوي يۇڭى، گۆش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، قاتناش ۋە سودا مەركىزى. سىدنېي پورتىنىڭ يۈك توشۇش ئىقتىدارى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.