ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ توكيو پورتىدا توختىغان «مىسسۇرى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى رەسىمىي ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

نامى ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى
ۋاقتى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
خەنزۇچە نامى 日本投降
باشقا ئاتىلىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە نىڭ تەسلىم بولۇشى
نەتىجىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر غەلبە قىلدى
چەتئەلچە نامى Japanese surrender

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم 

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى1942-يىلى 6-ئايدا يۈز بەرگەن مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، تىنچ ئوكيان جەڭ رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ياپونىيە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن بارا-بارا مەھرۇم قالدى. 1943-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا تەدرىجىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى.

«ئارالدىن ئۆتۈش تاكتىكىسى»

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىلېكىن، گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىدىن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى يەنىلا تىركىشىپ جان تالاشتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئاراللارنى بىر-بىرلەپ تالاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تالاپىتى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن، جەڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا بولدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ «ئارالدىن ئۆتۈش تاكتىكىسى» نى قوللاندى. بۇ تاكتىكا ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ بەزى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بازىلىرى(ئاراللىرى) دىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يان تەرىپىگە ۋە كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلدى، ئاندىن كېيىن يەككە-يېگانە ۋە ياردەمسىز قالغان بۇ بازىلارنى يوقاتتى.

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى 1943-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1944-يىلى 9-ئايغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى غەربىي جەنۇبىي تىنچ ئوكيان جەڭ رايونىدا سولومون تاقىم ئارىلى قاتارلىق بازىلارنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا تىنچ ئوكيان رايونىدا مارىيانا تاقىم ئارىلى قاتارلىق جايلارنى ئېلىپ، ياپونىيىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇداپىئە چەمبىرىكىنى بۆسۈپ تاشلىدى. 1944-يىلى7-ئايدا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغان توجوھىدېكى ئىچكى كابىنېتى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. 10-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى فىلىپپىنغا باستۇرۇپ كىرىپ، لېيتې دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى تولۇق ئۈزۈپ تاشلاندى، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى پارچىلىنىشقا باشلىدى.

 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلەپ، ياپونىيىگە ھۇجۇم باشلىدى. ئوكىناۋا ئۇرۇشىدا ياپونىيە «ئۆلۈۋېلىش تاكتىكىسى» نى ياۋۇزلارچە قوللىنىپ، ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئالاھىدە ھۇجۇمچى ئەترەتلەرنى تەشكىللىدى، يەنى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا ئايروپىلان ھەيدەپ پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارغا سوقۇپ پارتلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇنداق تاكتىكا گەرچە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئوكىناۋا يەنىلا 1945-يىلى 6-ئايدا ئىشغال قىلىنىپ، ئۇرۇش ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىغا يېقىنلاشتى. مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا، ياپونىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى يەنىلا قاتتىق جان تالىشىپ، «ئۇرۇشنى قەتئىي تۈردە ئاداققىچە قىلىش» فاڭجېنى ۋە «100 مىليونلىغان ئەزىمەتلەر» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن بۇ چاغدا ئۇلار ھالىدىن كەتكەنىدى. 1945-يىلى7-ئايدا پادىشاھ روسىيە فىدراتسىيەسىگە ئۇرۇش توختۇتۇش توغرىسىدا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، روسىيە فىدراتسىيەسى بۇنى رەت قىلدى.

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى1945 -يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ئەنگلىيە ياپونىيىنى شەرتسىز تەسلىم قىلىشقا ئۈندەيدىغان «پوتسدام ئاخبارتى» نى ئېلان قىلدى. 8-ئاينىڭ 6-ۋە 9-كۈنى ئامېرىكا خروشىما ئارىلى ۋە ناگاساكى قاتارلىق جايلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى روسىيە فىدراتسىيەسى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، روسىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا كىردى ھەمدە چاۋشيەندە قۇرۇقلۇققا چىقتى، ياپونىيە كانتو ئارمىيىسى تارمار قىلىندى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە پادىشاھى تەسلىم بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ توكيو پورتىدا توختىغان «مىسسۇرى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى رەسىمىي ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#