خۇ جۈن
خۇ جۈن 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىچكىردىكى ئەر ئارتىسى. 1987-يىلى ئىمتىھان بېرىپ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا كىرگەن، 1991-يىلى بېيجىڭ خەلق سەنئەت تىياتىرخانىسىدا خىزمەتكە چۈشكەن، دراما ئويناش بىلەن شۇغۇللانغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇ جۈن سەنئەت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر ئوغۇل، ئاتىسى كىچىكىدىن باشلاپ ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويغاچقا دادىسى تەرىپىدىن چوڭ بولغان. 1987-يىلى خۇ جۈن مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ماھارەت كۆرسىتىش سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغان، خۇ جۈن ئىمتىھاندا ئىتالىيە ئەسلى تېكىست «قۇياشىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتقان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇ جۈن بېيجىڭ خەلق سەنئەت تىياتىرىخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، دراما ئارتىسى بولغان.
1990-يىلى كىنو «بۆرە بىلەن پەرىشتە» دە رول ئالغان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى كىنو فىلىم ئەسەرلىرى. 1995-يىلى ھەمراھى لۇ فاڭبىلەن بىللە دىراما «ھەربىي پويىز»دا باش رول ئالغان. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىرىنچى ئەر باش پىرسۇناژ درامىسى. 2002-يىلىغىچە ئۇ نۇرغۇن كىنو-فىلىملەردە كۆپ قوشۇمچە روللارنى ئالغان.
2002-يىلى گۇەن جىنپېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «لەنيۈ»دە باش رول ئالغان. 7-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن سېرىس مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ھەمدە 38-نۆۋەتلىك ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى قاتارىغا كىرگەن. 2003-يىلى جاڭ جىجوڭ ئىشلىگەن فىلىم قەدىمكى كىيىم پالۋانلىق تىياتىرى « 8 بۆلەكلىك پەلەك ئەجدىھاسى»دا باش رول ئالغان، ئۇ تۇنجى ئەر باش پىرسۇناژ پالۋان چىياۋ فېڭنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئالغان قەھرىماننىڭ رولى.
2005-يىلى، چېن داۋمىڭ، لىيۇ جىيالىن بىلەن رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «باھار سۈيى شەرققە قاراپ ئاقتى»دا ۋاپاسىز جاڭ جوڭلياڭنىڭ رولىنى ئالغان.
2006-يىلى، كىنو «قىزىقىش بىلەن مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈش»تە رول ئالغان. تېلىۋىزىيە- تىياتىرى «بوران-چاپقۇن»دا شياڭ يۈنىڭ رولىنى ئالغان. 2007-يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كونسېرتى» بىلەن چېن داۋمىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «جاپالىق كۈنلەردە ئۆزىگە مەدەت بېرىش تە فۇ چەينىڭ رولىنى ئالغان.
2008-يىلى، فىلىم «چىبى»دە جاۋ يۈننىڭ رولىنى ئالغان، نامزات كۆرسىتىش 38-نۆۋەتلىك ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ دەن زېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان تارىخىي دراما «جۇ يۈەنجاڭ»دا بىرىنچى نومۇرلۇق جۇ يۈەنجاڭنىڭ رولىنى ئالغان.
2009-يىلى، چېن سېن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «10-ئايدا شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىش» فىلىمىدە چامباشلىق ماھارىتى ئۈستۈن بىر قاتىل، كىنو ئىچىدە بىردىنبىر «سەلبىي» پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان.
2010– يىلى كىنو «ئۇچقۇر ئوق»تا جاڭ چوقۇرىنىڭ رولىنى ئالغان. جوۋ يۈن رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئالتۇن تويدىكى بوران-چاپقۇنلۇق مۇھەببەت»، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش رولىنى قايتىپ كەلگەن پىدائىيلار ئارمىيەسى قەھرىمانلار «كۆڭلى تۈز»؛ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىللار»دا باش رول ئالغان.
خۇ جۈن1999-يىلى خۇ جۈن بىلەن لۇ فاڭ خىزمەتداش مۇناسىۋىتىدە ئىتالىيەگە تىياتىر بايرىمىغا قاتناشقان، خۇ جۈن رىمدا لۇ فاڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ توي تەكلىپى قويغان.
1999-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خىزمەتدىشى لۇفاڭ بىلەن توي قىلغان.
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇ جۇ ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.
2008-يىلى يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇپ، بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ. بالىلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس.
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شياڭگاڭ بۇددا دىنى مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئاپەت دۇئا قانۇنى جەمئىيىتى يىغىنىغا قاتناشقان.
2012-يىلى، دېسنىي شىركىتىنى كارتون فىلىم «تەڭداشسىز بۇزغۇنچىلىق» بېيجىڭدا تۇنجى خەير-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشقان؛
4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە خۇ جۈن يىغىن رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىڭ دوستلۇق كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا تېنچلىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق» چولپان خەير-ساخاۋەت ناخشا ئېيتىش كىچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرى
2016-يىلى 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى 45-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2006-يىلى 25-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى 2-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى 2-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتىدا شياڭگاڭ رايونىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى 21-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى 7-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن سېرىس مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2001-يىلى 38-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1997-يىلى ئىتالىيە TAORMTMA كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
ئۇنىۋېرسال تۈر
2012-يىلى دۇنيا تىنچلىقى تىنچلىق ئەلچىسى بولغان.
2011-يىلى جۇڭگو 2010-يىللىق مودا مۇراسىم تەسىردە رول ئېلىش ماھارىتى ئۈلگىسى بولغان.
2010-يىللىق جۇڭگو يىللىق مودا مۇراسىمدىكى ئەر چولپان.
2007-يىلى 2006-يىللىق كىنو كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمىدا ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى «جەلىبكار جۇڭگو»دا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.