خۇسەي مارتى

خۇسەي مارتى
خۇسەي مارتى (1853-1895-يىللار) كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داھىيىسى ھەم كۇبانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى ۋە يازغۇچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇسەي مارتى
دۆلەت تەۋەلىكى كۇبا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1853- يىل
كەسپى شائىر، سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 何塞·马蒂
يۇرتى ھاۋانا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1895-يىل
چەتئەلچە نامى José Julián Martí Pérez

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇسەي مارتىخۇسەي مارتى (1853-1895-يىللار)  نامرات ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 16 يېشىدىن باشلاپ، كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا بەل باغلىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھۆر ۋەتەن» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى، «ۋەتەن گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى كۆككە كۆتۇرگەن، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرغان، قوراللىق قوزغىلاڭنى قوزغىغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1895-يىلى 5-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

خۇسەي مارتى ئەسەرلىرىدە ئۇ ئۆزى شۇغۇللانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئوخشاشلا، كۇبانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ، كۇبانى يۇتۇۋېلىش قەستىدە بولغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان. ئۇ: «بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئازابى ۋە خۇشاللىقىنىلا كۈيلەۋەرمەي، بەلكى دۇنياغا پايدىلىق شېئىرلارنى يېزىشىمىز لازىم» دېگەنىدى. 1869-يىلى ئۇ تۇنجى شېئىرىي درامىسى «ئابۇدالا» نى نەشر قىلدۇردى، شېئىردا يىگىت ئابۇدالانىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق سىياسىي مەيدانى ۋە ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن. درامىدا خۇسەي مارتى خەلقنى قوزغىلىپ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. 1889-يىلى ئۇ يەنە «چىقىشقاقلىق» نى نەشر قىلدۇردى، شائىر يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كۇبانى مەڭگۇ قۇللۇقتا تۇتۇشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۇبا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر خاۋاتىرلىنىدۇ. ئۇ كۇبانىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن، شېئىردا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق روھ ئۇرغۇپ، شائىرنىڭ تۇرمۇشنى چەكسىز قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ۋە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچى گەۋدىلىنىپ، خەلققە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى چىن، تەبىئىي، ساددا بولۇپ، روشەن خەلق قوشاقلىرى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق شېئىرىيىتىگە يول ئېچىپ بەردى.

خۇسەي مارتى ئەۋلادلارغا پەقەت ئېسىل شېئىرلارنىلا مىراس قىلىپ قالدۇرماستىن، يەنە ھېكايە، نەسر ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىمۇ قالدۇردى. ھېكايىلىرىدىن «شۇم دوستلۇق» لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق ھېكايىلىرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالدى.[0]

خۇسەي مارتى(1853 −1895-يىللار) كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داھىيسى ھەم كۇبانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇ نامرات ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 16 يېشىدىن باشلاپ، كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا بەل باغلىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھۆر ۋەتەن» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى، «ۋەتەن گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى كۆككە كۆتۇرگەن، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغان، قوراللىق قوزغىلاڭنى قوزغىغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1895-يىلى5-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

خۇسەي مارتى ئەسەرلىرىدە ئۇ ئۆزى شۇغۇللانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئوخشاشلا، كۇبانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ، كۇبانى يۇتۇۋېلىش قەستىدە بولغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان. ئۇ: «بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئازابى ۋە خۇشاللىقىنىلا كۈيلەۋەرمەي، بەلكى دۇنياغا پايدىلىق شېئىرلارنى يېزىشىمىز لازىم» دېگەنىدى. 1869-يىلى ئۇ تۇنجى شېئىرىي درامىسى «ئابۇدالا» نى نەشر قىلدۇردى، شېئىردا يىگىت ئابۇدالانىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق سىياسىي مەيدانى ۋە ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن. درامىدا خۇسەي مارتى خەلقنى قوزغىلىپ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. 1889-يىلى ئۇ يەنە «چىقىشقاقلىق» نى نەشر قىلدۇردى، شائىر يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كۇبانى مەڭگۇ قۇللۇقتا تۇتۇشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۇبا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر خاۋاتىرلىنىدۇ. ئۇ كۇبانىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن، شېئىردا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق روھ ئۇرغۇپ، شائىرنىڭ تۇرمۇشنى چەكسىز قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ۋە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچى گەۋدىلىنىپ، خەلققە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى چىن، تەبىئىي، ساددا بولۇپ، روشەن خەلق قوشاقلىرى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق شېئىرىيىتىگە يول ئېچىپ بەردى.

خۇسەي مارتى ئەۋلادلارغا پەقەت ئېسىل شېئىرلارنىلا مىراس قىلىپ قالدۇرماستىن، يەنە ھېكايە، نەسر ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىمۇ قالدۇردى. ھېكايىلىرىدىن «شۇم دوستلۇق» لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق ھېكايىلىرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/77827.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#