دوختۇرخانا

دوختۇرخانا

دوختۇرخانا بولسا كىشىلەرگە تىببى داۋالاش، تىببى پەرۋىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىببى ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. مۇلازىمەت ئوبىكتى ئاغرىق ۋە يارىدارلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، يەنە ئالاھىدە فىزىلوگىيەلىك ھالەتتىكى كىشلەر(ھامىلدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار) ۋە ساغلام كىشىلەر (ئاساسەن بەدەن تەكشۇرۇش، چىش تازىلىتىش) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوختۇرخانىدا ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم ۋە تىببى تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى بولىدۇ.


ئۇيغۇرچە دوختۇرخانا
ئىنگىلىزچە hospital
نىشانى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، كېسەل داۋالاش
خەنزۇچە 医院
باشقىچە نامى شىپاخانا
تۈرى داۋالاش ئورگىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىخىئومۇملاشقان قاراشتا دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى دوختۇرخانا شوتلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىتېسئو سەير دەپ قارتىلىدۇ، بۇ دوختۇرخانا رىم ئارمىيەسى ئىشغال قىلغان دەۋردە قۇرۇلغان بولۇپ، 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. دوختۇرخانا ئىمارەت ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، يەر ئاستى مۇكەممەل يەر ئاستى سۇ يولى سىستېمىسى بار، ھەربىر ئېغىز كېسەلخانا كارىدور بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىناكاركارلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنى ئايرىپ داۋالاشنى بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. 

دوختۇرخانادوختۇرخانا بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئاساسى شارائىتلار بولىشى كىرەك: 

1. دوختۇرخانىدا رەسمى كىسەلخانا ۋە كىسەل كارۋىتى، بىر قىسىم ئاساسى داۋالاش ئەسلىھەلىرى بولىشى، داۋالاشنى ئاساس قىلىشى،

 مۇناسىپ ھالدا ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىنغان بولىشى كىرەك.

2. ئاساسى تىببى ئەسلىھەلەر بولىشى، دورىخانا، لابىراتورىيەلىك تەكشۈرۈش، رېنتگېن بۆلۈمى، ئوپىراتسىيە ئۆيى، دىزىنفىيە قاتارلىق تىببى تىخىكا بۆلۈملىرىنى تەسىس قىلغان بولىشى كىرەك.

3. بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ماس داۋالاش ئىلىپ بىرىشى، پەرۋىش ۋە ئاساسى تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كىرەك.

4. ماس ۋە سىستىمىلاشقان خىزمەت تەقسىماتى بولىشى كىرەك.

5. مۇۋاپىق خىزمەت تۈزىمى ۋە تەرتىپ-قائىدىلىرى بولىشى كىرەك.

6. داۋالاش مەدەنىيىتى بولۇش كىرەك.

دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرى تىببى خادىملار دىيىلىدۇ. خىزمەت خاراكتېرگە ئاساسەن كىلىنكا دوختۇرى، تىببى تېخىنىكا دوختۇرى،

ۋە ئارقا سەپ خادىمى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

كىلىنكا دوختۇرلىرىنىڭ ۋىراچ، مەسئۇل ۋىراچ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىرچ، مۇدىر ۋىرچ قاتارلىق ئۈنۋانلىرى بولىدۇ.

كۆلەم ۋە داۋالاش سەۋىيەسىگە ئاساسەن بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.

ئۇنۋېرسال دوختۇرخانا

تۈرلۈك كىسەللەر ۋە يارىدارلارنى داۋالايدىغان ئۇنۋۇرسال خاراكتىرلىك دوختۇرخانىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنۋىرسال دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى، ئامبۇلاتورىيە،ۋە  بالىنىست بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ. ئۇنۋىرسال دوختۇرخانا رايۇنلارنىڭ ئاساسى داۋالاش ئاپىراتى ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا بىر قەدەر

 كۆپ كېسەل كارۋىتى بولىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن بىمارنى داۋالىيالايدۇ.

مەخسۇس دوختۇرخانا

بەلگىلەنگەن كېسەل ۋە يارىدارلارنى داۋالايدىغان، شۇخىل كېسەللىكنى داۋالاشتا كەسىپلەشكەن دوختۇرخانىنى كۆرسىتىدۇ.

داۋالايدىغان كېسەللىكلىرىگە ئاساسەن بالىلار دوختۇرخانىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئەرلەر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى،

تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

دوختۇرخانا داۋالايدىغان كىسەللىكلەرنىڭ تۈرى،خاراكتىرىگە ئاساسەن بۆلۈملەرگە ئايرىلىدۇ.

جىددى بۆلۈم

جىددى قوزغالغان، ئېغىر يارىلانغان، ھاياتى خەۋىپ ئىچىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى بىمارلارنى جىددى قۇتقۇزۇش
 ئۈچۈن تەسىس قىلىدىغان بۆلۈم جىددى بۆلۈم دىيىلىدۇ.

ئامبۇلاتورىيە بۆلۈملىرى

دوختۇرخاناكېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان، مەلۇم ۋاقىت داۋالاش، كۈزىتىشنى تەڭ ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بىمارلارنى كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى 
بويىچە مەخسۇس داۋالايدىغان بۆلۈملەرگە ئايرىيدۇ.
مەسىلەن: ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، ئاياللار كېسەللىكى بۆلىمى، ئەرلەر كېسەللىكى بۆلىمى، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلىمى، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكى بۆلىمى، نەپەس سېستىمىسى بۆلىمى، سۆڭەك كېسەكلىكلىرى بۆلىمى، تىببى تەكشۈرۈش بۆلىمى
قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#