باغئاۋات يېزىسى

باغئاۋات يېزىسى

باغئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالغا 38 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. تەۋەسىدە 11 كەنت بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت قۇۋانكۆل كەنتى. 

ئۇيغۇرچە نامى باغئاۋات يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 189.3 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴格阿瓦提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 14923 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باغئاۋات يېزىسىباغئاۋات يېزىسى يەكەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالغا 38 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. كۆلىمى 189.3 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 14923 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 14917 ئادەم، باشقا مىللەتلەردىن 6 ئادەم.

باغئاۋات يېزىسى ئەسلىدە بەشئېرىق كەنت گۇڭشېسى تەۋەسىگە قاراشلىق بۇلۇپ، 1986-يىلى 5-ئايدا  ئايرىپ يېزا قۇرۇلغان. «باغئاۋات» ئۇيغۇر تىلىدا «گۈللەنگەن مېۋىلىك باغ» دېگەن مەنىدە، يېزا چېگرىسى ئىچىدە مېۋىلىك باغ گۈللەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. كارخانىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش ئورنى قاتارلىقلار بار.

باغئاۋات يېزىسىباغئاۋات يېزىسى كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىلى ئېنىق، كۇن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سائەت سانى 2965 سائەت، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃11-℃12، يىللىق قىروۋسىز مەزگىلى ئوتتۇرىچە 210-230 كۈن، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يېزا ھاۋاسى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 40 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2226 مىللىمېتىر. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئەۋج ئالغان شىمال شامىلى، ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 1.9m/s؛ 6-دەرىجىسدىن يۇقىرى. بوران يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19.9 كۈن. بۇ يېزىغا قاراشلىق سۇغىرىش يېزا ئىگىلىكى %80 سۇ مەنبەسى تىزناپ دەرياسىنىڭ ئىچىدىكى ئېگىز تاغدىن كېلىدۇ. يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرى: قۇرۇق ئىسسىق شامال، قۇم-بوران ۋە ئۈششۈك قاتارلىقلار بار. 

باغئاۋات يېزىسىباغئاۋات يېزىسى ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلىدۇ. يېزىدىكى قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى ساقلىنىپ قالغان پارچە-پۇرات يۇلغۇن ۋە چۈچۈكبۇيادىن باشقا، يېزا ئىگىلىك بوستانلىق ئورمان رايونىدا سۇۋادان تېرەك، ئاق قاڭالتىر شالغۇت تېرەك، جىگدە، سۆگەت، ئالما، نەشپۈت، ئامۇت، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئۈجمە، چاتقال، سۆكسۆك، تۆگە نەشتەر، چۈچۈكبۇيا، جىغان قاتارلىقلار بەرپا قىلىنغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#