مودەنگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. مودەنگۈل (گۈل، ئۆسۈملۈك)
  2. مودەنگۈل (خام دورا)
گۈل، ئۆسۈملۈك

مودەنگۈل

مودەنگۈل

مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە 1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى 16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مودەنگۈل
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئېيىقتاپان ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 牡丹
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئېيىقتاپان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى چۇغلۇق ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو مودەنگۈلىنىڭ تۈپ شەكلى كۆركەم، گۈل تۈسى چىرايلىق، يارقىن، خۇش پۇرىقى يېقىملىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى داڭدار گۈللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. «گۈللەر شاھى» ، «ئەڭ گۈزەل گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ليۇ يۈشى ئەينى چاغدىكى پايتەختنىڭ مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان پەسلىنى تەسۋىرلەپ «بىر مودەنگۈلىلا چىرايلىق زېنھار، ئېچىلسا شەھەرگە زىلزىلە سالار» دەپ يازغان. 

مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە 1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى 16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قات گۈللۈكلىرى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق، گۈللىرى قىزىل، ئاق، جىگەر رەڭ ۋە سېرىق رەڭلەردە بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق.

مودەنگۈلنىڭ گۈل تۈسى(قىياپىتى) خىلمۇخىل ئۆزگەرگەن ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گۈللىرى نېلۇپەرگە، ئاپتاپپەرەسكە، گۈلچىمەنگە ئوخشاش بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىۋېتىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى قىزىل لەۋلەرگە، قەلەم قاشلارغا، ئالتۇن تەڭگىچىلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ؛ رەڭلىك ھەم چىرايلىق گۈللىرى شاخ ئۇچىدا بولۇپ، بەزىلىرى ساڭگىلىغان، بەزىلىرى نازلىنىپ، بەزىلىرى ئىگىلگەن، بەزىلىرى تىك تۇرغان، ھالەتلىرى خىلمۇخىل، ئادەم قاراپ تويمايدۇ. 

مودەنگۈلنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ناھايىتى كەڭ. تارىختا، قەدىمكى پايتەخت لوياڭدىكى مودەنگۈللەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئىككى ئەنئەنىۋى تۈرى بولغان: بىرى، سېرىق ئېچىلىدىغان «ياۋخۇاڭ» مودەنگۈلى؛ يەنە بىرى، بىنەپشەرەڭدە ئېچىلىدىغان «ۋىي زى» مودەنگۈلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. «لوياڭ مودەنلىرىنىڭ تەڭدىشى يوق» دېگەن سۆز بار، مودەنگۈل ھازىر لوياڭ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتىلدى، ھەر يىلى 15-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە «لوياڭ مودەنگۈل يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى. ھەر نۆۋەت يەرمەنكە مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىشىپ، گۈللەر شاھىنى ئورتاق تاماشا قىلىشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#