يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى

يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە مۇنارى

ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە مۇنارى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 27 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېلان قىلغان، خاتىرە مۇنارى شۇلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى
تەۋە رايۇن قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى
ئىگىزلىكى 11.8 مېتىر
خەنزۇچە نامى 地震纪念馆
ئابىدە قىلىنغان ۋاقتى 1988 يىلى 10-ئاي
شەكلى ئۈچ بۇلۇڭلۇق داڭقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2000-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 27 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش خاتىرە مۇنارى شۇلارنىڭ بىرى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان، ئىتتىپاق يولى، نۇرلۇق يولى ۋە بەخت يولى كېسىشكەن جايدىكى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك گۈللۈكنىڭ مەركىزى.

قاتناش شارائىتى قۇلايلىق، 309-ئۆلكە يولىدىن ئۆتكەندە ناھىيە بازىرىغا 95 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھىرى گە، 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتۇش شەھىرى گە بىۋاسىتە يېتىپ بارغان بولىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى ئۇلۇغچات ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغچات كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىدە مىنگو 9-يىلى (1920-يىلى) قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى دە ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي تەسىس قىلىنغان.

1985-يىلىدىكى بىر مەيدان 7.4 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ كونا شەھەر رايۇنىنى پۈتۈنلەي تۈزۈلىۋېتىلگەن. كېيىن كونا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئالتە كىلومېتر كېلىدىغان بولۇشتا يېڭى شەھەر قۇرۇلغان، ئىككى يىلدىن كېيىن بىر يېڭى ناھىيە بازىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى 1988 يىلى 10-ئايدا ئابىدە قىلىنىپ، 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى پۈتكەن ھەمدە يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاساسىي قۇرۇلۇش خاتىرە مۇنارى شىمالدىن جەنۇبقا  ياسالغان، ئېگىزلىكى 11.8 مېتىر، شەكلى ئۈچ بۇلۇڭلۇق داڭقان شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قىرغىز، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئۈچ مىللەتكە سىمۋول قىلىنغان.

ئابىدە تېشىدا دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ئېنماۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ بېغىشلىمىسى بار. ئابىدە تېشىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەنزۇچە، قىرغىزچە يېزىقتىكى خەتلەر بار.

1985-يىلى ئۇلۇغچات ناھىيەسى بېشىدىن كەچۈرگەن 7.4 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۇلۇغچاتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش تارىخى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇش تارىخىنى تولۇق نامايەن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىرغىزلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى قويۇق ئەكس ئەتتۈرگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قىرغىز قاتارلىق كۆپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، تەرەققىياتىنى تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق داستانىنىڭ جانلىق قايتا ئايان قىلىنىشى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش خاتىرە مۇنارى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، تارىخى ئەينەن خاتىرىلەنگەن، يوپۇقىنى ئاچقاندىن كېيىنىكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىزچىل شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك سورۇنى ۋە ساياھەتچىلەرنىنىڭ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزغا جەلپ قىلغان، سىرتتىكى شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كېلىپ، فوتو سۈرەتلەرگە تارتقان، ئەزەلدىن قەدىمى توختاپ قالمىغان.

ھەر يىلى 7-ئۆكتەبىر، 4-ماي قاتارلىق مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىدە بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى قىزغىن ياشلار بۇ يەردە داغدۇغىلىق قەسەم بىرىدۇ. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش خاتىرە مۇنارى نۆۋەتتە كۈچلۈك سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە قويۇق پامىر ئېگىزلىكىدىكى قۇيۇق بولغان مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن نام چىقارغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#