شۈ گۇاڭچى
قەدىمدىن تارتىپ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن جۇڭگودا، ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلار كۆپ ئەمەس. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈ گۇاڭچىنىڭ «دېھقانچىلىق قامۇسى» نى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامانىدىكى دېھقانچىلىق ئېنسكلوپېدىيەسى دېيىشكە بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شۈ گۇاڭچى (1562-1633) شاڭخەي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئائىلىسى نامرات ئىدى، بىراق، ئۇ ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بولۇپ، بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. بىر كۈنى بىرنەچچە ساۋاقدىشى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى ئۈستىدە توختالغاندا، بەزىلىرى زەردار بولىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى دەرۋىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۈ گۇاڭچى بولسا «ئەلنى ئىدارە قىلىشتا دۇرۇس ئىشلارنى قولدىن بەرمەي، يامانلىقتىن قول ئۈزۈش، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش» لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئەگرى-توقاي ھاياتىدا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
1600-يىلى، شۈ گۇاڭچى نەنجىڭدا ئىتالىيىلىك دىن تارقاتقۇچى لىمادۇ بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن غەربنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، لىمادۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېۋكلىدنىڭ «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ ئالتە قىسمىنى تەرجىمە قىلىدۇ، بۇنىڭغا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى زاتلار ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، «سۆز-ئىبارىلىرى بەئەينى ئالتۇن جاۋاھىرات، ئەزەلدىن ئەبەدكە ئۆلمەس ئەسەر» دەپ قارايدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن 137 جىلدلىق «چۇڭجېن كالېندارى» ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىك كالېندارچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. شۈ گۇاڭچى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ سۇچىلىق ئىلمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، «غەربنىڭ سۇچىلىق قائىدىلىرى» دىن ئالتە جىلدنى تەرجىمە قىلىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ خىزمەتلىرى جۇڭگونىڭ غەربنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە يول ئاچىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ مەرىپەت پىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
شۈ گۇاڭچى يەنە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئۇ فۇجيەننىڭ تاتلىقياڭيۇسىنى شاڭخەيدە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ۋە «تاتلىقياڭيۇ توغرىسىدا» نى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە شىمالنىڭ چامغۇرىنى شاڭخەيدە ئۆستۈرۈپ، «چامغۇر توغرىسىدا» نى يېزىپ چىقىدۇ. 1633-يىلى، شۈ گۇاڭچى ياشىنىپ يۇرتىغا قايتىپ، پۈتۈن ھاياتىدا ئەجىر قىلىپ توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەپ، 60 جىلدلىق «دېھقانچىلىق قامۇسى» نى يېزىپ چىقىدۇ، بۇ كىتابتا ئېلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق قوراللىرى، تۇپراق، سۇچىلىق، ئوغۇتلاش، ئۇرۇق تاللاش، ئۇلاقچىلىق قاتارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ئىلمىي ئەسەر ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار قەدىمكى زامان دېھقانچىلىق قامۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
شۈ گۇاڭچى خانىدانلىق سىياسىيسىنى يېڭىلاش ئىدىيىسىنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇمايدۇ، ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئاستانىگە بېرىپ مەنسەپ تۇتىدۇ، بىراق، مەككار ئەمەلدار، ئەخمەق پادىشاھنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن ئاستانىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ مەنسەپ تۇتقان نەچچە ئون يىلدا باشتىن-ئاخىر پاك-دىيانەتلىك ئۆتىدۇ. كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن چېغىدا يېنىدىن 10 سەر كۈمۈشمۇ چىقمايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.