پاۋلوۋ

پاۋلوۋ − رۇسىيە فېدېراتسىيەسى فىزىئولوگى. ئۇ كىچىكىدىنلا ھاشاراتلارنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم دېگۈدەك چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇ ئۇششاق ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى سائەتلەپ كۆزىتىدۇ. پاۋلوۋنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى قىزىقىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى فىزىئولوگىيەگە بېغىشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاۋلوۋ
باشقا نامى Иван Петрович Павлов،帕夫洛夫
تۇغۇلغان ۋاقتى 1849-يىلى
كەسپى بىئولوگىيە ئالىمى، پسىخولوگ، دوختۇر
خەنزۇچە ئىسمى 伊凡·彼德罗维奇·巴甫洛夫
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1936-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاۋلوۋسېرك ئۆمىكىدىكى ھايۋانلار كۆرسەتكەن ئويۇنلار كىشىلەرنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىدۇ، بۇ ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ دېگىنى بويىچە مۇناسىپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ؟ يا ئۇلار ئادەمنىڭ گېپىنى چۈشىنەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوۋ (1849-1936) نىڭ شەرتلىك رېفلېكس تەلىماتىغا ئاساسەن ھايۋانلارنى كۆندۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. 

پاۋلوۋ − رۇسىيە فېدېراتسىيەسى فىزىئولوگى. ئۇ كىچىكىدىنلا ھاشاراتلارنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم دېگۈدەك چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇ ئۇششاق ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى سائەتلەپ كۆزىتىدۇ. پاۋلوۋنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى قىزىقىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى فىزىئولوگىيىگە بېغىشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

پاۋلوۋپاۋلوۋ ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسى تەتقىقاتى ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇ يېمەكلىك ئاشقازانغا چۈشمەي تۇرۇپلا، ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بۇ يەكۈننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەشھۇر «ساختا ئوزۇقلاندۇرۇش تەجرىبىسى» نى ئىشلەيدۇ، بۇنىڭدا ئىتنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنى بوينىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۈزۈۋېتىپ، ئىككى ئۇچىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ قويىدۇ. بۇنداقتا ئىت قانچىلىك نەرسە يېسىمۇ يېگەن يېمەكلىكى قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكىدىن يېمەكلىك بەرگەن قاچىغا چۈشىدۇ، ھەرقانچە يېسىمۇ يېمەكلىك ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا چۈشمەيدۇ، شۇڭا «ساختا ئوزۇقلاندۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىتنىڭ بىر قىسىم ئاشقازىنىنى تولۇق ئاشقازاندىن ئايرىپ چىقىرىپ، نېرۋىسىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاشقازان گەرچە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىسىمۇ، يەنىلا ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىدۇ. پاۋلوۋنىڭ «ساختا ئوزۇقلاندۇرۇش» تەجرىبىسى 19-ئەسىردىكى ئەڭ تۆھپىلىك تەجرىبە دەپ ئاتىلىدۇ. 

1904-يىلى، ئۇ دۇنيادىكى فىزىئولوگلار ئارىسىدا تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. 

پاۋلوۋپاۋلوۋ 1903-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئالىي نېرۋا پائالىيىتى پسىخىكىسىنى 30 يىل تەتقىق قىلىدۇ، ئۇ مېڭە ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قوش ياقلىمىلىق رېفلېكستىن شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بىر خىلى تۇغما ئىقتىدار ھەرىكىتى بولۇپ، شەرتسىز رېفلېكس دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى؛ يەنە بىر خىلى كېيىنكى شارائىت تەسىرىدە ھاسىل بولىدىغانلىقى، ئۇ شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، شەرتسىز غىدىقلاش بىلەن شەرتلىك غىدىقلاش بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلگەندە شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

پاۋلوۋ مۇنداق تەجرىبە ئىشلەيدۇ: ئىت ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا، ئۇ ئىتقا بىرىنچى قېتىم «قولۇڭنى بەر» دەيدۇ ۋە ئىتنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئاندىن ئىت ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكنى بېرىدۇ. مۇشۇنداق بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، شەرتلىك رېفلېكس مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. كېيىن «قولۇڭنى بەر» دېگەن ھامان ئىت قولىنى بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئىت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا يېمەكلىك بېرىشنىڭ سىگنالى بولۇپ قالىدۇ. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن نېرۋا سىستېمىسى بار ھايۋانلار رېفلېكسكە تايىنىپ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن غىدىققا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بارلىق ھايۋانلار نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدۇ. مانا بۇ مەشھۇر «قولۇڭنى بەر» تەجرىبىسى.

كىشىلەر، پاۋلوۋ تالانتلىق ئىنژېنېر ۋە ماھىر ئۇستا، ھاياتلىق سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا شەرتلىك رېفلېكس تەلىماتىدىن ئىبارەت ئاجايىپ بىنانى تۇرغۇزدى، دەپ تەرىپلىشىدۇ. پاۋلوۋ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ماختاشلار ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى ھەممىنى بىلىمەن دېمىگىن، باشقىلار سېنى قانداق ئەتىۋارلسۇن، سەندە «مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن» دەيدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#