ئۈزۈملۈك كوچىسى

تۇرپان شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۈزۈملۈك كوچىسىنىڭ ئەسلى نامى ‹‹ ياشلار يولى ›› بولۇپ، 1985-يىلى ياسالغان. 2000-يىلى 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، قايتا رېمونت قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن ‹‹ ياشلار يولى پىيادىلەر كوچىسى ›› دەپ ئاتالغان. بۇ كوچىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر بولۇپ، كونا شەھەر يولى، مەدەنىيەت يولى،بوستان يولى ۋە نۇرلۇق يولنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شەھەر پىيادىلەر كوچىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر شەھەر ئۈزۈم كوچىسىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈزۈملۈك كوچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
قۇرۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ تۇرپان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈزۈم كوچىسى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ياسالغان. كەڭلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان مەركىزى غول كوچا ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېقىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا تىكلەنگەن تۆمۈر جازىلار ئوزۇنغا سۇزۇلغان يېشىل پەردىنى تىرەپ، بىر چوڭ، ئىككى كىچىك ئۈزۈم كارىدورىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۈزۈملۈك كوچىسىدا ماڭسىڭىز، يېشىل يوپۇرماق ھەرخىل رەڭلىك ئۈزۈملەر بىلەن بېزەلگەن ئۈزۈم بارىڭى سىزگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. رەڭلىك گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان يول يۈزى، سۈت رەڭلىك باراڭ تۈۋرۈكلىرى قاتارلىقلارنىڭ لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەم زامانىۋى تۈسكە، ھەم مىللى ئۇسلۇبقا ئىگە. شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇشتىكى بۇ ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە قۇرلۇشنىڭ جۇڭگۇدىمۇ، ھەتتا دۇنيادىمۇ تەڭدىشى يوق بولۇپ، چېگرا شەھەردىكى يارقىن بىر مەنزىرە دېيىشكە بولىدۇ.  


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#