مۇسابىقە گىمناستىكىسى

مۇسابىقە گىمناستىكىسى

مۇسابىقە گىمناستىكىسى1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن تەنھەرىكەت تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى مۇسابىقە گىمناستىكىسى
خەنزۇچە نامى 竞技性体操

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇسابىقە گىمناستىكىسى1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەرلا قاتناشقان. ئاياللارنىڭ مۇسابىقىلىق گىمناستىكىغا قاتنىشىشى 1928-يىلىدىكى 9-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا باشلانغان. 1952-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مۇسابىقە مەزمۇنلىرىدا دائىم ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرغان، بىر مەزگىل قىسقا يۈگۈرۈش، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەۋە قىلىنغان. 1948-يىلى ۋە 1952-يىلىدىكى 14-، 15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مەزمۇنى رەسمىي تۇراقلاشقان.

ئېلىمىزنىڭ مۇسابىقە گىمناستىكىسىدىكى مۇكەممەللەشكەن ھازىرقى زامان مۇسابىقە تۈرلىرى 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شەكىللەنگەن.

مۇسابىقە گىمناستىكىسىھازىرقى زامان مۇسابىقە گىمناستىكىسى ئەرلەر ئالتە تۈرى، يەنى ئەركىن گىمناستىكا، يالاڭ تورنىك، قوش تورنىك، ھالقىلىق ئات، ئاسما ھالقا ۋە ياغاچ ئاتنى، ئاياللار تۆت تۈرى، يەنى ئەركىن گىمناستىكا، تەڭپۇڭ لىم، ئېگىز − پەس تورنىك ۋە ياغاچ ئاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسابىقىدىن كوللېكتىپ مۇسابىقە، يەككىلەر ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە يەككىلەرنىڭ يەككە تۈر مۇسابىقىسى دەپ ئۈچ خىلى بار. رېپىرىلار خەلقئارا گىمناستىكىغا نومۇر قويۇش قائىدىسى بويىچە نومۇر بېرىدۇ. بىر يۈرۈش ھەرىكەتنىڭ تولۇق نومۇرى10 بولىدۇ. 

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدۇر. ئالدىنقىسىنىڭ 1903-يىلى بېلگىيىنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن؛ 1934-يىلىدىكى 10-نۆۋەتلىكىدە ئاياللار تۈرى تەسىس قىلىنغان، دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، 1989-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 25 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىنكىسىنىڭ 1975-يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەي، ئومۇمىي ماھارەت تۈرى بىلەن يەككە تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە پەقەت ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئومۇمىي ماھارەتتە ئالدىنقى 18 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، يەككە تۈرلەردە ئالدىنقى 6 نىڭ ئىچىگە كىرگەن تەنھەرىكەتچىلەرلا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

دۇنيا ئەرلەر گىمناستىكىسىدا سەۋىيىسى نىسبەتەن يۇقىرىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، جۇڭگو ۋە ياپونىيىلەر بولۇپ، ئاياللار گىمناستىكىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رومىنىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىقلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#