رۇببى سۇس

رۇببى سۇس

رۇببى سۇس  بولسا «چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى» ياكى «رۇببى سۇس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش. رولىغا ئگە.  

ئۇيغۇرچە نامى رۇببى سۇس
ئىنگلىزچە Extract of liauirtae
جىسمى قۇرۇتۇلغان قىيامىنىڭ پۇرىقى سۇس، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甘草膏
تونۇش چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى
چىقىش ئورنى خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇببى سۇسرۇببى سۇس  بولسا  چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزسىمان غولى ۋە يىلتىزىنى توغراپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلانغان قوڭۇر رەڭلىك قىيام.چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزسىمان غولى ۋە يىلتىزىنى توغراپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلانغان قوڭۇر رەڭلىك قىيام بولۇپ، «چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى» ياكى «رۇببى سۇس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان قىيامىنىڭ پۇرىقى سۇس، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە.  چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، تەييارلىنىدۇ.خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، قىزىتىش، ئىششىق تارقىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، خۇن كەلتۈرۈش، چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش.

خاس تەسىرى

ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

چۈچۈكبۇيىنىىڭ يىلتىزى ۋە غولىنىڭ تەركىبىدە چۈچۈكبۇيا تاتلىق ماددىسى (جەۋھىرى) بار. يەنە چۈچۈكبۇيىدىن كۆپ خىل فلاۋون تەركىبى ئايرىپ ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا جەۋھىرى بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

رۇببى سۇس1. چىلغۇزا مېغىزى، كەتىرا، ئەرەب يىلىمى، نىشاستە، بادام مېغىزى، قاپاق مېغىزى 15 كرامدىن، بىھى ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامىدىن 10 گرام قائىدە بوىچە، سوپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، قۇرۇق يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. كەتىرا، ئەرەب يىلىمى 15 گرامدىن، نىشاستە، ئەنجىبار، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى ھەر بىرىنى 10 گرامدىن. قائىدە بويىچە سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. يەرلىك شوخلا، سېرىق چېچەك، كاكىنەچ، خۇنسىياۋشان، كەتىرا، ئەرەب يىلىمى، كۇندۇر، نىشاستە، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئەپتىمۇن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، بادام مېغىزى 10 گرامدىن. قائىدە بويىچە سۇپۇپ ياكى ھەب تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سۆزنەك، سۈيدۈك يولىدىكى ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

قوڭۇر رەڭلىك قىيام

مىقدارى

1 ~ 3 گرام

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا، قىزىلگۈل، ھەسەل

ئورۇنباسارى

چۈچۈكبۇيا يىلتىزى

ھەببى رۇببۇسۇس، لوئوقى رۇببۇسۇس

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=192

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#