سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى

سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى

جىگەر چوڭىيىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، يۈرەك كىچىكلەش، يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەش، ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاش غەيرىي تومۇر قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم يۈرەك كېسەللىكى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى نەپەس قىيىنلىشىدۇ
خەنزۇچە نامى 慢 性 收 缩 性 心 包 炎
كېسەللىك ئورنى يۈرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىدىن كېيىن يۈرەك قېپىنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋىتى كەڭ كۆلەمدە چاپلىشىپ قېلىنلاپ، كالتسىيلىشىش سەۋەبىدىن سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. 

2. ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسىدىكى سىل كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسىدىكى سىل كېسەللىكى بىۋاسىتە يۈرەك قېپىغا يامراپ، يۈرەك قېپىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، چاپلىشىپ قېلىشنى ۋە قېلىنلاپ يۈرەك قېپى بوشلۇقى تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ياللۇغ ئورنىدىن سىرغىپ چىققان ئوفۇنەتلىك ماددىلارنىڭ بىۋاسىتە يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىپ، يۈرەك قېپىنى ياللۇغلاندۇرۇش نەتىجىسىدە تەدرىجىي يۈرەك قېپى چاپلىشىپ ۋە قېلىنلاپ، يۈرەك قېپى تارىيىشلىق ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك قېپى ئۆتكۈر ياللۇغى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قېپى ئەزا قەۋىتى بىلەن دىۋار قەۋىتى كەڭ-كۆلەمدە چاپلىشىپ، قېلىنلاپ ۋە كالتسىيلىشىپ، يۈرەك قېپى بوشلۇقى پۈتۈپ قېلىپ، تالالىق تاتۇق توقۇلمىلاردىن ھاسىل بولغان قاتتىق پوستلاققا ئايلىنىدۇ. ئۇ پۈتكۈل يۈرەكنى چىڭ ئورىۋېلىپ ۋە بېسىپ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىش دەۋرىدىكى كېرىلىشىنى چەكلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەككە قايتىدىغان ۋە يۈرەكتىن چىقىرىلىدىغان قان مىقدارى ئازىيىپ ئارتېرىيىلەرگە قان يېتىشمەي ۋېنا تومۇرلارغا قان قىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال ياكى كىچىكرەك بولىدۇ. يۈرەك قېپى يۈرەك پائالىيىتىنى چەكلىگەنلىكتىن، يۈرەك مۇسكۇلىدىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يېتىپ، يۈرەك مۇسكۇلى يىگلەيدۇ.

نەپەس قىيىنلىشىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىش بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولۇپ، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ. بىمار ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ، ئۆپكىگە قان تولۇش، كۆكرەككە ۋە قورساققا سۇ چۈشكەنلىكتىن، دىئافراگما يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق ھەجمى كىچىكلەپ، نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن قالسا قورساق ئېلىپ، يېقىمسىزلىنىش ۋە يۇقىرى قورساق ئاغرىش بولۇپ، بۇنى كۆپ مىقداردىكى قورساق سۈيى ۋە چوڭايغان جىگەرلىك قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى بېسىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئالامەتلەردىن يۆتىلىش، پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىش، زەئىپلىشىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بەدەن بەلگىسى: يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ. يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى نورمال ياكى سەل كىچىكلىگەن بولىدۇ. بەزىدە قىسقىرىش دەۋرىدە يۈرەك ئالدى رايونى قوۋۇرغا ئارىلىق بوشلۇقىدا ئىچكى تەرەپكە ئولتۇرۇشۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. تۆش سۆڭەك سول قىرى ئۈچىنچى، تۆتىنچى، قوۋۇرغا ئارىلىقى ياكى يۈرەك ئۇچىدا يۈرەك  قېپىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى بولىدۇ، قىسمەن بىمارلار يۈرەك دالانچىسى تىترەيدۇ، يۈرەك دالانچىسى زىيادە بالدۇر سوقۇش بولىدۇ. 

يۈرەكنىڭ سېلىشقا ئۇچراش بەلگىسى: بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، جىگەر چوڭىيىدۇ، قورساققا سۇ چۈشىدۇ، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىدۇ، تۆۋەنكى مۇچىدە سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ. قىسمەن بىمارلاردا كۆكرەككە سۇ چۈشىدۇ، قىسقىرىش بېسىمى تۆۋەنلەپ، تومۇر بېسىمى كىچىكلەش، غەلىتە تومۇر قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

1.  كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

بەدەن قان ئايلىنىشتا قان قېيىش بەلگىسى بولۇش، يەنى جىگەر چوڭىيىش، قورساققا سۇ چۈشۈش، ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاش، يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئېنىق بولماسلىق، يۈرەك قېپى سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىش، ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەش تومۇر بېسىمى كىچىكلەش، غەيرىي تومۇر پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى، ئۆپكە سېلى، كۆكرەك پەردە سىلى ۋە چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

2.  قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

 (1 رېنتگېندە تەكشۈرۈش: يۈرەك كىچىك ۋە تىنچ بولۇپ، رېنتگېندە كۆرگەندە يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاجىز ياكى يوقالغان بولىدۇ. ئەمما يۈرەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال ياكى سەل چوڭ بولىدۇ. يۈرەك سايىسىنىڭ نورمال ئەگرىلىكى يوقىلىپ، يۈرەك قىرى تۈز ھەم قاتتىق بولىدۇ ھەمدە يايسىمان ياكى داغلىق كالتسىيلىشىش سايىسى بولىدۇ. ئۈستۈنكى كاۋاك ۋېنا سايىسى كېڭىيىدۇ. ئۆپكە دەرۋازىسى سايىسى چوڭىيىپ ئۆپكە قان تومۇرلىرى توملىشىپ چوڭىيىدۇ. 

 (2 ئېلېكتروكاردىئوگراممىسىدا تەكشۈرۈش: QRS دولقۇن توپلىمىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى تۆۋەنلەپ، T دولقۇن تەكشى ياكى تەتۈر بولىدۇ. P دولقۇن قوش چوققىلىق بولۇش بىلەن بىللە ئىككى قاپقاق كلاپان تىپىدىكى P دولقۇن ئۆپكە تىپلىق P دولقۇن بولىدۇ. ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاش، ئوڭ باغلام شاخچە ئۆتكۈزۈشنىڭ تولۇقسىز توسۇلۇشى، يۈرەك دالانچىسى تىترەش بالدۇر سوقۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ. 

 (3 يۈرەكنى B چاۋدا تەكشۈرۈش: ئوڭ يۈرەك قېرىنچە ئالدى دىۋارى ياكى سول يۈرەك قېرىنچە ئارقا دىۋارىنىڭ تەۋرىنىش دەرىجىسى كىچىكلەيدۇ. ئەگەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە يۈرەك قېپىغا سۇيۇقلۇق )يىغىلىق( مەۋجۇت بولسا ئۇنى سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق يۈرەك قېپى دىۋار قەۋىتىنىڭ قېلىنلاش دەرىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

 (4 ۋېنا بېسىمىنى ئۆلچەش: جەينەك ۋېناسىنى ئۆلچىگەندە 250 مىللىلىتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇپ، بەزىدە 400 مىللىلىتىر سىماپ تۈۋرىكىگە يېتىدۇ. 

 (5 لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ۋ ەھىموگلوبىن يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. قاندىكى ئاق ئاقسىل تۆۋەنلەيدۇ.

1.  دەرۋازا ۋېنا خاراكتېرلىك جىگەر قېتىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىدە جىگەر يوغىناش، قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە بىنورمال ئىششىق بولىدۇ. لېكىن جىگەر قېتىشىش، جىگەر كىچىكلەيدۇ. تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغىدىكى بويۇن ۋېناسى كۆپۈش چوڭ قان ئايلىنىشتىكى ۋېنا بېسىمى يۇقىرى بولۇش، غەلىتە تومۇر شەكىللىنىش، يۈرەك قېپى كالتسىيلىشىش يۈرەك سوقۇش قاتارلىق بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

2.  سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

سىل خاراكتېرلىك قورساققا سۇ چۈشۈشتىكى قورساق سۈيى سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك بولۇش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، پۇتتا ئىششىق بولماسلىق، يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلاش بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

3.  يۈرەك زەئىپلىكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

يۈرەك كلاپان شاۋقۇنلىرى بولۇش، يۈرەك كۆرۈنەرلىك چوڭىيىش، قورساققا سۇ چۈشۈشتىن پۈتۈن بەدەن ئىششىقى كۆرۈنەرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

2. قان تومۇرنى كېڭەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

3. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

4. يۈرەك قېپىنى ئاجرىتىش ئوپېراتسىيىسى  ئىشلىنىدۇ. 

قان تومۇرنى كېڭەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرقى گاۋزىبان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~80 100مىللىلىتىردىن؛ خېمىرى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~5 3 دانىغىچە؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

يۈرەك قېپىنى ئاجرىتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. 

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە، داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، تۇزلۇق، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقۇشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=777

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#