مەجۇنى ماددەتۇلھايات
مەجۇنى ئازاراقى غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى تەڭشەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەينى چىڭىتىش، سوغۇقلۇقنى ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەنجىۋىل | 30 گرام | سۆئىلەپ | 30 گرام | قارىمۇچ | 30 گرام |
نارجىل | 30 گرام | پىلپىل | 30 گرام | چىلغوزە مېغىزى | 30 گرام |
دارچىن | 30 گرام | بابۇنە | 30 گرام | ئامىلە | 30 گرام |
زىراۋەندى | 30 گرام | قىزىل ئۈزۈم | 30 گرام | بەلىلە | 30 گرام |
شاترەنجى | 30 گرام | بابۇنە ئۇرۇقى | 15 گرام |
بۇ جىگەررەڭلىك مەجۇن بولۇپ، پۇرىقى ئالاھىدە، تەمى تاتلىق، قىرتاق، ئازراق ئاچچىقى بار.
يۇقۇرىدىكى 14 خىل دورىدىن، ئامىلە، بەلىلە، بابۇنە، شاترەنجى، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارغا سۇ قوشۇپ 2 قېتىم قاينىتىمىز، ھەر قېتىمدا 1 سائەتتىن، دورا سۈيىنى ئايرىۋېلىپ، سۈزۈپ، نىسپىي زىچلىقى (℃50)1.36~1.32 بولغىچە قۇيۇلدۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز؛ نارجىل، چىلغوزىلارنى ئېزىپ تالقانلايمىز؛ باشقا دورىلارنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ يۇقۇرىدىكى قىيام، تالقان ۋە چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، 1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
يارتا پالەچ، بوغۇم-ئۇستىخان ئاغرىش، گالۋاڭلىق، تىلى ئېغىرلىشىش، بېلى تېلىپ ئاغرىش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، چىشى بوشاپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 40 گرام ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا دىئاتومىد قوشۇپ، ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 50ml ئېتانول قوشۇپ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ، سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. زەنجىۋىل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1گرام ئېلىپ، يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل دورا ئېرىتمىسىدىن µl5 دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىتسىيە يېلىمى گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (1∶1) سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئېفىرنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،%5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزدۇرىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.