دورا باشقۇرۇش قانۇنى

دورا باشقۇرۇش قانۇنى

1984-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1200-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا تۈزىتىلدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دورا باشقۇرۇش قانۇنى
خەنزۇچە ئىسمى 中华人民共和国药品管理法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دورا باشقۇرۇش قانۇنى(1984-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1200-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىشىلەرنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە دورا ئىشلىتىش قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇھمۇرىيىتى تەۋەسىدە دورا تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى، ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى شەرت. 

3-ماددا دۆلەت زامانىۋى دورا ۋە ئەنئەنىۋى دورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. 

دۆلەت ياۋا دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى قوغدايدۇ، جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ. 

4-ماددا دۆلەت يېڭى دورا تەتقىق قىلىش ۋە ياساشقا ئىلھام بېرىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى دورا تەتقىق قىلىش، يارىتىش قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دورىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دورىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادى ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن ماسلىشىپ دۆلەت تۈزگەن دورا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە كەسىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ. 

6-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلغان ياكى بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دورا تەستىقلاش ۋە دورا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك دورا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. 

2-باب دورا ئىشلەش كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش 

7-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى قۇرغۇچىلار كارخانا جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ئېلىپ، «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» گە ئاساسەن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرىشى كېرەك. «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» بولمىغانلارنىڭ دورا ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

«دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» گە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ئىشلەش دائىرىسىنى ئېنىق يېزىش، مۇددىتى توشقاندا، يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ ئىجازەتنامە بېرىش كېرەك. 

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسلانغاندىن سىرت، يەنە دورا ساھەسىنىڭ دۆلەت تۈزگەن تەرەققىيات پىلانى ۋە كەسىپ سىياسىتىگىمۇ ئەمەل قىلىشى، تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 

8-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش شەرت: 

(1) قانۇن بويىچە سالاھىيىتى بېكىتىلگەن دورىگەرلىك تېخنىك خادىمى، قۇرۇلۇش تېخنىك خادىمى ۋە مۇناسىپ تېخنىك ئىشچىسى بولۇش؛ 

(2) دورا ئىشلەشكە لايىق زاۋۇت ئۆيى، ئەسلىھەسى ۋە پاكىز مۇھىتى بولۇش؛ 

(3) ئىشلىگەن دورا سۈپىتىنى باشقۇرالايدىغان ۋە تەكشۈرەلەيدىغان ئاپپاراتى، خادىمى ۋە زۆرۈر سايمان-ئۈسكۈنىسى بولۇش؛ 

(4) دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈملىرى بولۇش. 

9-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، تۈزگەن «دورا ئىشلەش سۈپىىتنى باشقۇرۇش قائىدىسى» بويىچە دورا ئىشلىشى شەرت. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە دورا ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ «دورا ئىشلەش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» دىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات بېرىشى، لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئىسپاتنامە بېرىشى كېرەك. 

«دورا ئىشلەش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» نى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى، يولغا قويۇش باسقۇچىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

10-ماددا جۇڭگوچە توغرالما دورا ياساشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دورىنى چوقۇم دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان ئىشلەش ھۈنىرى بويىچە ئىشلەش، ئىشلەش خاتىرىسى تولۇق ۋە توغرا بولۇشى شەرت. دورا ئىشلەش كارخانىلىرى دورا سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلەش ھۈنىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئەسلىي تەستىقلىغان تارماققا تەستىقلىتىشى شەرت. 

جۇڭگوچە توغرالما دورىنى دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمى بويىچە ياساش شەرت؛ دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزگەن ياساش قائىدىسى بويىچە ياساش شەرت. ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزگەن ياساش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. 

11-ماددا دورا ئىشلەشكە كېرەكلىك خام ئەشيا، قوشۇمچە ماتېرىياللار دورىغا ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. 

12-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىلىرى ئۆزى ئىشلىگەن دورا سۈپىتىنى تەكشۈرۈشى شەرت، دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزگەن جۇڭگوچە توغرالما دورا ياساش قائىدىسى بويىچە ياسالمىغانلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

13-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ھاۋالە بويىچە دورا ئىشلىسە بولىدۇ.

3-باب دورا تىجارەت كارخانىلىرى باشقۇرۇش 

14-ماددا دورا توپ سېتىش كارخانىسى قۇرۇشتا، كارخانا جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ئېلىشى شەرت. دورا پارچە سېتىش كارخانىسى قۇرۇشتا، كارخانا جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ئېلىش، «دورا تىجارەت ئىجازەتناەمىسى» غا ئاساسەن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرت. «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» بولمىغانلارنىڭ دورا تىجارىتى قىلىشىغا يول قويۇلماي sf 

«دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» گە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە تىجارەت دائىرىسىنى ئېنىق يېزىش، مۇددىتى توشقاندا قايتا تەكشۈرۈپ ئىجازەتنامە بېرىش كېرەك. 

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا تىجارەت كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسلانغاندىن سىرت، ئورۇنلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش ۋە ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىشىغا قولاي بولۇش پرىنىسىپىغىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

15-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش: 

(1) قانۇن بويىچە سالاھىيىتى بېكىتىلگەن دورىگەرلىك تېخنىكا خادىمى بولۇش؛

(2) دورا تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان سورۇنى، ئۈسكۈنىسى، ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە پاكىز مۇھىتى بولۇش؛ 

(3) دورا تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان سۈپەت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى خادىمى بولۇش؛ 

(4) تىجارەتتىكى دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈمى بولۇش. 

16-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزگەن «دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» بويىچە دورا تىجارىتى قىلىشى شەرت. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە دورا تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ «دورا تىجارەت سۈپىىتنى باشقۇرۇش قائىدىسى» دىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئىپسات بېرىشى، لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئىسپاتنامە بېرىشى كېرەك. 

«دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» نى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم-باشقۇچىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

17-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى دورا كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئىجرا قىلشى، دورىنىڭ لاياقەتنامىسى ۋە باشقا كۆرسەتمىلىرىنى ئېنىق تەكشۈرۈشى شەرت، بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. 

18-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى دورا سېتىۋېلىش-سېتىشتا ئەينەن، تولۇق خاتىرە قالدۇرۇشى شەرت. سېتىۋېلىش-سېتىش خاتىرىسىدە دورىنىڭ ئورتاق نامى، تىپى، ئۆلچىمى، تەستىق نومۇرى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت، سېتىۋالغۇچى-ساتقۇچى ئورۇن، مىقدارى، باھاسى، ۋاقتى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار بولۇشى شەرت. 

19-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى دورىلارنى توغرا سېتىشى ھەمدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى، مىقدارى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشى؛ رېتسېپتىكى دورىنى بېرىشتە سېلىشتۇرۇشى، رېتسېپقا يېزىلغان دورىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەسلىكى ياكى ئورنىغا باشقا دورا بەرمەسلىكى شەرت، رېتسېپتا پەرھىزى بولغان ياكى مىقدارى ئېشىپ كەتكەن دورىلارنى بەرمەسلىكى كېرەك، زۆرۈر بولسا، رېتسېپ يازغان ۋارچقا تۈزەتكۈزۈپ ياكى قايتا ئىمزا قويغۇزۇپ دورا بەرسە بولىدۇ.

دورا تىجارەت كارخانىسى جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىنى سېتىشتا ئىشلەنگەن جايىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

20-ماددا دورا تىجارەت كارخانىسى دورا ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى، زۆرۈر بولغان سوغۇق ساقلاش، توڭدىن، نەمدىن، ھاشاراتتىن، چاشقاندىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 

دورىنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش ۋە ئىسكىلاتتىن چىقىرىشتا، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.

21-ماددا شەھەر، يېزا سودا بازارلىرىدا جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرى سېتىلسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

شەھەر، يېزا سودا بازارلىرىدا جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىدىن باشقا دورىلارنى سېتىشقا بولمايدۇ، لېكىن «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» بار دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى بەلگىلەنگەن دائىرىدە شەھەر، يېزا سودا بازارلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىدىن باشقا دورىلارنى ساتسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

4-باب داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياسىشىنى باشقۇرۇش

22-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە سالاھىيىتى بېكىتىلگەن تېخنىكا خادىمى ئەمەسلەرنىڭ دورا ياساش تېخنىكا خىزمىتى بىلەن بىۋاستە شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ. 

23-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا ياساشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى، «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» نى ئېلىشى شەرت. «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» يوقلارنىڭ دورا ياسىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

«داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» گە كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئېنىق يېزىش، مۇددىتى توشقاندا قايتا تەكشۈرۈپ ئىجازەتنامە بېرىش كېرەك. 

24-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى دورا ياساشتا، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئەسلىھە، باشقۇرۇش تۈزۈمى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە تازىلىق شارائىتىنى ھازىرلىشى شەرت. 

25-ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ياسىغان دورىسى شۇ ئورۇنغا كلىنىكىدا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بازاردا تېپىلمايدىغان دورا بولۇشى ھەمدە ئۇنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقغا تەستىقلىتىپ ياسىشى شەرت. ياسىغان دورىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش شەرت، ئۆلچەمگە توشىدىغانلىرىنى ۋارچنىڭ رېتسېپى بويىچە شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدا ئىشلىتىش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، داۋالاش ئورۇنلىرى ياسىغان دورىلار كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تەڭشەپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. 

داۋالاش ئاپپاراتى ياسىغان دورىلارنى بازاردا سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

26-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى دورا كىرگۈزۈشتە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى، دورىنىڭ لاياقەتنامىسى ۋە باشقا كۆرسەتمىلىرىنى تەكشۈرۈشى شەرت؛ بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دورىنى كىرگۈزۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

27-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورىگەرلىرى رېتسېپ بويىچە دورا بېرىشتە سېلىشتۇرۇشى، رېتسېپقا يېزىلغان دورىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەسلىكى ياكى ئورنىغا باشقا دورا بەرمەسلىكى شەرت. رېتسېپقا پەرھىزى بولغان ياكى مىقدارى ئېشىپ كەتكەن دورىلارنى بەرمەسلىكى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا رېتسېپ يازغان ۋارچقا تۈزەتكۈزگەن ياكى قايتا ئىمزا قويغۇزغاندىن كېيىن، دورا بەرسە بولىدۇ.

28-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى، زۆرۈر بولغان سوغۇق ساقلاش، توڭدىن، نەمدىن، ھاشاراتتىن ۋە چاشقاندىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 

5-باب دورا باشقۇرۇش 

29-ماددا يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ياساشتا، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تەتقىق قىلىش-ياساش ئۇسۇلى، سۈپەت كۆرسەتكۈچى، دورىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى ئۈستىدىكى تەجرىبە نەتىجىسى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئەۋرىشكىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەينەن يوللاش شەرت. گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن، كلىنىكىدا سىناق قىلىنسا بولىدۇ. دورىنى كلىنىكىدا سىناق قىلىش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە تۈزىدۇ.

كلىنىكىدا سىناق قىلىش ئاخىرلاشقان ھەم تەستىقلانغان يېڭى دورىغا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن يېڭى دورا گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ. 

30-ماددا دورىنىڭ بىخەتەرلىكنى كلىنىكىسىز باھالاش تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە كلىنىكىلىق سىناق قىلىش ئاپپاراتى دورىنى كلىنىكىسىز تەتقىق قىلىش سۈپىىتنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. 

دورا سۈپىتىنىڭ كلىنىكىسىز تەتقىقاتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە دورىنى كلىنىكىدا سىناق قىلىش سۈپىىتنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق تۈزۈپ چىقىدۇ. 

31-ماددا يېڭى دورا ياكى دۆلەت ئۆلچىمى بولغان دورا ئىشلەشتە، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە دورا تەستىق نومۇرى ئېلىش شەرت، لېكىن تەستىق نومۇرى ئېلىنمايدىغان جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرى ۋە جۇڭگوچە توغرالما دورا ئىشلەش بۇنىڭ سىرتىدا. تەستىق نومۇرى ئېلىنىدىغان جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرى، جۇڭگوچە توغرالما دورا مەھسۇلات تۈرى مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگوچە تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

دورا ئىشلەش كارخانىسى دورا تەستىق نومۇرى ئالغاندىن كېيىن، شۇ دورىنى ئىشلىسە بولىدۇ. 

32-ماددا دورا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. جۇڭگوچە توغرالما دورا ئۆلچىى بۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا قامۇسى» ۋە دورا ئۆلچىمى دۆلەت ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا قامۇسى كومىتېتىنى تەشكىللەيدۇ، ئۇ دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك دورا ئەۋرىشكىسى ۋە سېلىشتۇرما دورا ئەۋرىشكىسىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

33-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورىگەرلىك، تېبابەتچىلىك ۋە باشقا تېخنىكا خادىملىرىنى تەشكىللەپ يېڭى دورىنى باھالايدۇ، تەستىقلىنىپ ئىشلەنگەن دورىنى قايتا باھالايدۇ. 

34-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش سالاھىيىتى بولغان كارخانىلاردىن كىرگۈزۈشى شەرت، لېكىن تەستىق نومۇرى ئېلىنمايدىغان جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرى كىرگۈزۈش بۇنىڭ سىرتىدا.

35-ماددا دۆلەت ناركوز دورىسى، روھىي دورا، داۋالاشقا كېرەكلىك زەھەرلىك دورا، رادىئو ئاكتىپلىق دورىلارنى ئالاھىدە باشقۇرىدۇ، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ. 

36-ماددا دۆلەت جۇڭگوچە دورىلارنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.

37-ماددا دۆلەت دورىنى رېتسېپلىق دورا ۋە رېتسېپسىز دورا دەپ ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ. 

38-ماددا شىپاسى ئېنىق بولمىغان، ناچار تەسىرى چوڭ بولغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلدىن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دورىلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

39-ماددا دورا ئىمپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرتۈش شەرت، تەكشۈرتۈشتە سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىرىغا ئىمپورت قىلىش تەستىقلىنىدۇ ھەمدە ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ. 

داۋالاش ئورۇنلىرى كلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان دورىنى ياكى شەخسلەر ئۆزى ئىشلەتمەكچى بولغان دورىنى ئاز مىقداردا ئىمپورت قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىمپورت رەسمىيىتى بېجىرىشى لازىم.

40-ماددا دورىنى دورا ئىمپورت ئىجازىتى بېرىلگەن پورتتىن ئىمپورت قىلىش ھەمدە دورا ئىمپورت قىلغۇچى كارخانا پورت بار جايدىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى شەرت. تاموژنا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەرگەن «ئىمپورت دورىلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» غا ئاساسەن ماڭدۇرىدۇ، «ئىمپورت دورىلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» بولمىسا، تاموژنىنىڭ ماڭدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

پورت بار جايدىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىمپورت دورىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئۇقتۇرىدۇ. تەكشۈرۈش ھەققى بۇ قانۇننىڭ 41-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنىدۇ. 

دورا ئىمپورت ئىجازىتى بېرىلىدىغان پورتنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە كۆرسىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. 

41-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى دورىنى سېتىشتىن بۇرۇن ياكى ئىمپورت قىلىشتا، دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى بېكىتىپ تەكشۈرتىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى سېتىشقا ياكى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ: 

(1) گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن بىئو ياسالما؛ 

(2) جۇڭگودا تۇنجى سېتىلىدىغان دورا؛ 

(3) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا دورىلار. 

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن دورىلارنى تەكشۈرۈش ھەققى تۈرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىش-تاپشۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. 

42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەش ياكى ئىمپورت قىلىش تەستىقلانغان دورىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى، شىپاسى ئېنىق بولمىغان، ناچار تەسىرى چوڭ بولغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان دورىلارنىڭ تەستىق نومۇرى ياكى ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

تەستىق نومۇرى ياكى ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دورىلارنى ئىشلەش ياكى ئىمپورت قىلىشقا، سېتىش ۋە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئىشلەنگەن ياكى ئىمپورت قىلىنغانلىرىنى شۇ يەردىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت بىلەن كۆيدۈرىدۇ ياكى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

43-ماددا دۆلەت دورا زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مەملىكەت ئىچىدە زور ئاپەت، يۇقۇم ۋە باشقا تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق كارخانىلارنىڭ دورىسىنى جىددىي يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. 

44-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت ئىچىدە قىس دورىلارنىڭ ئېكسپورتىنى تىزگىنلەش ياكى چەكلەشكە ھوقۇقلۇق. 

45-ماددا ناركوز دورىسى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن دائىرىدىكى روھىي دورىنى ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەرگەن «ئىمپورت ئىجازەتنامسى» ، «ئېكىسپورت ئىجازەتنامىسى» بولۇشى شەرت. 

46-ماددا يېڭى بايقالغان ۋە سورتى چەتتىن كىرگۈزۈلگەن دورا ماتېرىياللىرى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن سېتىسلا بولىدۇ.

48-ماددا ساختا دورا ئىشلەش(تەييارلاش، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى ساختا دورا ھېسابلىنىدۇ: 

(1) دورا تەركىبى دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تەركىبىگە ماس كەلمىگەنلىرى؛

(2) دورا ئەمەسلىرى دورا قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىرى ياكى ئۇ دورا بۇ دورا قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىرى.

تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى بولغانلىرى ساختا دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: 

(1) گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغانلىرى؛ 

(2) مۇشۇ قانۇن بويىچە تەستىقلىتىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، تەستىقلاتماي ئىشلەنگەن، ئىمپورت قىلىنغان ياكى مۇشۇ قانۇن بويىچە تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، تەكشۈرتمەي سېتىلغانلىرى؛ 

(3) سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىرى؛ 

(4) بۇلغانغانلىرى؛ 

(5) مۇشۇ قانۇن بويىچە تەستىق نومۇرى ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، تەستىق نومۇرى ئېلىنمىغان دورا خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەنلىرى؛ 

(6) ماس كېلىدىغان كېسەل ياكى شىپالىق رولى بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى. 

49-ماددا ناچار دورا ئىشلەش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

دورا تەركىبىنىڭ مىقدارى دۆلەت دورا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى ناچار دورا ھېسابلىنىدۇ. 

تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى ناچار دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: 

(1) كۈچكە ئىگە مۇددىتى كۆرسىتىلمىگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەنلىرى؛ 

(2) ئىشلەش تەستىق نومۇرى يېزىلمىغان ياكى ئۆزگەرتىلگەنلىرى؛ 

(3) كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئۆتكەنلىرى؛ 

(4) دورىغا بىۋاستە تېگىپ تۇرىدىغان ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىسى تەستىقلىتىلمىغانلىرى؛

(5) رەڭ خۇرۇچى، چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى، خۇش پۇراق ماتېرىيال، تەم خۇرۇچى ۋە قوشۇمچە ماتېرىيال قوشۇۋېلىنغانلىرى؛ 

(6) ئۆلچەمگە توشمايدىغان باشقا دورىلار. 

50-ماددا دورىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى نامى دورىنىڭ ئورتاق نامى بولىدۇ.

دورىنىڭ ئورتان نامى قىلىنغانلىىرنى دورا ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ.

51-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دورا بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقۇچىلار سالامەتلىكىنى ھەر يىلى تەكشۈرتۈشى شەرت. يۇقۇملۇق كېسىلى ياكى دورىنى بۇلغان ئېھتىمالى بولغان باشقا كېسىلى بارلارنىڭ دورا بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان ئىشنى قىلشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-باب دورا ئورۇسىنى باشقۇرۇش 

52-ماددا دورىغا بىۋاستە تېگىپ تۇرىدىغان ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىلار دورا ئىشلىتىش تەلىپىگە، جىسمانىي ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا تەستىقلىغاندا بىرلىكتە تەستىقلىشى شەرت. 

دورا ئىشلىگۈچى كارخانىلارنىڭ دورىغا بىۋاستە تېگىپ تۇرىدىغان ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىنى تەستىقلاتماي ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

دورىغا بىۋاستە تېگىپ تۇرىدىغان لاياقەتسىز ئورۇ ماتېرىيالى ۋە قاچىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشنى توختىتشقا بۇيرۇيدۇ. 

53-ماددا دورا ئورۇسى دورىنىڭ سۈپەت تەلىپىگە لايىق، ساقلاش، توشۇشقا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇشى شەرت.

ماڭدۇرۇلىدىغان جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئورۇسى بولۇشى شەرت. ھەر بىر ئورۇغا دورا نامى، ئىشلەنگە جاي، ۋاقىت، چىقىرىلىدىغان ئورۇننى ئەسكەرتىش ھەمدە سۈپەت لاياقەت بەلگىسى قويۇش كېرەك. 

54-ماددا دورا ئورۇسىغا بەلگىلىمە بويىچە ماركا بېرىلىشى ياكى چاپلىنىشى ھەمدە چۈشەندۈرمىسى قوشۇپ قويۇلۇشى شەرت.

ماركا ياكى چۈشەندۈرمىگە دورىنىڭ ئورتاق نامى، تەركبىي، ئۆلچىمى، ئىشلىگەن كارخانا، تەستىق نومۇرى، مەھسۇلاتنىڭ تۈركۈم نومۇرى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ماس كېلىدىغان كېسەل ياكى شىپالىق رولى، ئىشلىنىش ئۇسۇلى، مىقدارى، پەرھىزى، ناچار تەسىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئەسكەرتىلىشى شەرت. 

ناركوز دورىسى، روھىي دورا، داۋالاشقا كېرەكلىك زەھەرلىك دورا، رادىئوئاكتىپلىق دورا، تاشقى كېسەل دورىسى ۋە رېتسېپسىز دورىلارنىڭ يارلىقىغا بەلگىلەنگەن بەلگە بېسىلىشى شەرت. 

7-باب دورا باھاسى ۋە ئېلانىنى باشقۇرۇش 

55-ماددا قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدىغان دورىنىڭ باھاسىنى ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش پرىنسىپى بويىچە، ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە تەننەرخ، بازاردىكى تەمىنات-تەلەپ ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە تەڭشەپ، سۈپەت بىلەن باھانى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرمە باھانى بىكار قىلىپ، دورا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نورمال مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 

دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. باھانى ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئۆز مەيلىچە ئۆستۈرۈۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

دورا ئىشلەش كارخانىسى ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىغا دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش تەننەرخىنى قانۇن بويىچە ئەينەن يوللىشى شەرت. مەلۇم قىلماسلىققا، يالغان مەلۇم قىلىشقا ۋە يوشۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

56-ماددا قانۇن بويىچە بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلىدىغان دورىلارنىڭ باھاسىنى دورا ئىشلەش كارخانىسى، تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، سۈپىتى بىلەن باھاسىنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىپ، دورا ئىشلەتكۈچىلەرنى باھاسى مۇۋاپىق دورا بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 

دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ دورا باھاسىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، دورىنىڭ پارچە باھاسىنى بېكىتىشى ۋە ئېنىق ئەسكەرتىشى، كۆپلەپ پايدا ئېلىش ۋە دورا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشتەك باھا ئالدامچىلىقى قىلمىشىنى چەكلىشى كېرەك. 

57-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنى دورا سېتىۋېلىش-سېتىش باھاسى ۋە سانى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن قانۇن بويىچە تەمىنلىشى كېرەك.

58-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى كېسەلگە ئىشلىتىلگەن دورىنىڭ باھا تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىشى، داۋالاش سۇغۇرتىسى نۇقتىسى قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن چارىگە بىنائەن، دائىم ئىشلىتىدىغان دورا باھاسىنىمۇ ئەينەن ئېلان قىلىپ، مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

59-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا سېتىۋېلىش-سېتىش جەريانىدا ھېسابات سىرتىدا يوشۇرۇن ئۈستەك ياكى باشقا مەنپەئەت بېرىشى، ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دورا كىرگۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتىىڭ مەسئۇللىرى، دورا سېتىۋالغۇچىسى، ۋارچ قاتارلىق ئالاقىدار خادىملىرىغا ھەر قانداق نام بىلەن پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەت بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى، دورا سېتىۋالغۇچىسى، ۋارچى قاتارلىق ئالاقىدار خادىملارنىڭ دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ھەر قانداق نام بىلەن بەرگەن پۇل مال ياكى باشقا مەنپەئەتنى قوبۇل قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

60-ماددا دورا ئېلانى كارخانا بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا دورا ئېلانى تەستىق نومۇرى بېسىلىشى شەرت، دورا ئېلانى تەستىق نومۇرى ئېلىنمىغانلىرىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. 

رېتسېپلىق دورىلار گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىرلىكتە بېكىتكەن تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك كەسپىي ژۇرناللىرىدا تونۇشتۇرۇلسا بولىدۇ، لېكىن جامائەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئېلان بېرىشكە ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېلان تەشۋىقاتى قىلىشقا بولمايدۇ. 

61-ماددا دورا ئېلانىنىڭ مەزمۇنى چىن، قانۇنلۇق بولۇشى، ئۇنىڭغا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان چۈشەندۈرمە ئاساس قىلىنىشى شەرت. يالغان، ساختا مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

دورا ئېلانلىرىدا ئىلمىي بولمىغان، دورا ئۈنۈمىگە كېسىپ ھۆكۈم قىلىدىغان سۆز ياكى كاپالەت بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دۆلەت ئورگانلىرى، تېببىي دورا تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلىم ئاپپاراتلىرىنىڭ ياكى مۇتەخەسسىس، ئالىم، ۋارچ ۋە بىمارلارنىڭ نامى، ئوبرازىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

دورا ئېلانى ئەمەس ئېلانلاردا دورا تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ. 

62-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆزى تەستىقلىغان دورا ئېلانىنى تەكشۈرۈشى، مۇشۇ قانۇنغا ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» غا خىلاپ ئېلانلارنى ئېلان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا خەۋەر قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشى، ئېلان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قلىشى كېرەك. 

8-باب دورا نازارەتچىلىكى 

64-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆزى تەستىقلىغان دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئىشلىرىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملادىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ۋە يوشۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسپىي تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ كەسپىي مەخپىيىتىنى ساقلىشى كرەك. 

65-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، دورا سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ. ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمە بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىنىشى، ھېچقانداق ھەق ئېلىنماسلىقى كېرەك. يېتەرلىك خىراجەت گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى جىسمانىي ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولغان دورا ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتەك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ ھەمدە يەتتە كۈن ئىچىدە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. دورىنى تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىدا، تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى شەرت. 

66-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا سۈپىىتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى، ئېلانى مۇۋاپىق بولمىغانلىرىغا ئەسلىي ئېلان دائىرىسىدە تۈزىتىش بېرىشى كېرەك. 

67-ماددا ئالاقىدارلاردىن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلىرى دورا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە، ئەسلىي دورا تەكشۈرگەن ئاپپارات ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلغان ياكى بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلغان ياكى بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرگەن دورا ئۈستىدە گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش يەكۈنى چىقىرىشى شەرت.

68-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە «دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى» ، «دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» گە ئاساسەن، ئۆزى لاياقەتلىك دەپ ئىسپات بەرگەن دورا ئىشلەش كارخانىسى، دورا تىجارەت كارخانىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. 

69-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ دورىنى تەكشۈرىمەن، تەستىقلايمەن دەپ، باشقا رايوندىكى دورا ئىشلەش كارخانىسىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگلىمىلەر بويىچە ئىشلىگەن دورىسىنى شۇ جايغا كىرگۈزۈشنى تىزگىنلىشىگە ياكى چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

70-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇ تەسىس قىلغان دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ھەمدە بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش كەسپىي ئاپپاراتىنىڭ دورا ئىشلەش، دورا تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا، ئۆز نامىدا دورا تونۇشتۇرۇشىغا، دورا ئىشلەش ياكى سېتىشنى نازارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇ تەسىس قىلغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ھەمدە بېكىتكەن تەكشۈرۈش كەسپىي ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ دورا ئىشلەش، دورا تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

71-ماددا دۆلەت دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دورا ئىشلەش، دورا تىجارەت كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن دورىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە تەسىرىنى تەكشۈرۈشى شەرت. ئىشلەتكەن دورىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر ناچار تەسىر كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بايقالسا، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى شەرت. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە تۈزىدۇ. 

ئېغىر ناچار تەسىرى جەزملەشتۈرۈلگەن دورىلار ئۈستىدە گوۋۇيۈەننىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشتەك جىددىي تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ ھەمدە بەش كۈن ئىچىدە باھالىتىپ، باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. 

72-ماددا دورا ئىشلەتكۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە خادىملىرى شۇ جايدىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلغان دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

73-ماددا «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» نى ئالماي دورا ئىشلەش ۋە دورا تىجارىتى قىلىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورا(جۈملىدىن سېتىلغان ۋە سېتىلمىغان دورا، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

74-ماددا ساختا دورا ئىشلىگەن ۋە ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورا قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتى بارلىرىنىڭ شۇ ھۆججىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» بىكار قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

75-ماددا ناچار دورا ئىشلىگەن ۋە ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، ساتقان دورا قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتى، «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» بىكار قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

76-ماددا ساختا ۋە ناچار دورا ئىشلەش، سېتىش قىلمىشى ئېغىر كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇلى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملىرىنىڭ ئون يىلغىچە دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

دورا ئىشلىگۈچىنىڭ مەخسۇس ساختا، ناچار دورا ئىشلەشكە ئىشلەتكەن خام ئەشياسى، ئورۇ ماتېرىيالى ۋە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 

77-ماددا ساختا، ناچار دورىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولۇپ، توشۇش، باشقۇرۇش، ساقلاشقا قۇلاي شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرنىڭ توشۇش، باشقۇرۇش، ساقلاش كىرىمى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ كىرىمىنىڭ 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

78-ماددا ساختا، ناچار دورا ئۈستىدىكى جازا ئۇقتۇرۇشىغا دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېنىق يېزىلىشى شەرت. لېكىن، مۇشۇ قانۇننىڭ 48-ماددا 3-تارمىقىنىڭ(1) ، (2) ، (5) ، (6) تارماقچىلىرى ۋە 49-ماددىنىڭ 3-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. 

79-ماددا دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار، دورىنىڭ كلىنىكىسىز بىخەتەرلىكىنى باھالاش تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە دورىنى كلىنىكىدا سىناق قىلىش ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە «دورا ئىشلەش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» ، «دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» ، «دورىنى كلىنىكىسىز سىناق قىلىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» نى يولغا قويمىسا، ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزتىشكە بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ۋە دورىنى كلىنىكىلىق سىناق قىلىش ئاپپاراتى بەرگەن لاياقىتى بىكار قىلىنىدۇ.

80-ماددا دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دورىنى «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» بولمىغان كارخانىدىن كىرگۈزگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ كىرگۈزگەن دورا قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى داۋالاش ئاپپاراتى بەرگەن كەسىپ ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ. 

81-ماددا ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى ئېلىنغان دورىلارنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دورا ئىمپورت ئىجازىتى بېرىلگەن پورت بار جايدىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

82-ماددا ئىجازەتنامە ياكى دورا ئىسپات ھۆججىتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە ۋە ئارىيەت بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، قوشۇمچە ساتقۇچى، ئىجارە بەرگۈچى، ئارىيەت بەرگۈچىنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت گۇۋاھنامىسى» ياكى دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتى بىكار قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

83-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ئىسپات، ھۆججەت-ماتېرىيال ۋە ئەۋرىشكە بىلەن تەمىنلەپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتسىنى قوللىنىپ، «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ۋە «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» ياكى دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتى بىكار قىلىنىدۇ، بەش يىلغىچە ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

84-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ياسىغان دورىسىنى بازاردا ساتقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورا قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 

85-ماددا دورا تىجارەت كارخانىلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ 18-، 19-ماددسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» بىكار قىلىنىدۇ. 

86-ماددا دورا كۆرسەتمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ساختا ۋە ناچار دورا قاتارىدا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن سىرت، تۈزىتىشكە بويرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتى بىكار قىلىنىدۇ.

87-ماددا دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرا بولماي زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

88-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 73-ماددىسىدىدىن 87-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەردىكى مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە بېكىتىدۇ. «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» ، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسى ياكى دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتىنى بىكار قىلىشنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن، تەستىقلىغان تارماق بېكىتىدۇ. 

89-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 55-، 56-، 57-ماددىسىدىكى دورا باھاسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. 

90-ماددا دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن دورا سېتىۋېلىش-سېتىش جەريانىدا ئاشتىرتىن ئۈستەك ياكى باشقا مەنپەئەت ئالغانلىرى، دورا ئىشلەش كارخانىسى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىرىدىن دورىسىنى ئىشلەتكەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرىغا پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەت بەرگەنلىرىگە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دورا ئىشلىگۈچى ۋە تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» نى بىكار قىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

91-ماددا دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ مەسئۇلى، سېتىۋالغۇچىسى قاتارلىق ئالاقىدار خادىملاردىن دورا سېتىۋېلىش-سېتىشتا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بەرگەن پۇل-مالنى ياكى باشقا مەنپەئەتنى قوبۇل قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى، دورا سېتىۋالغۇچىسى ۋە ۋارچى قاتارلىق ئالاقىدار خادىملاردىن دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى، كارخانىلار، ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بەرگەن پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەتنى قوبۇل قىلغانلىرىغا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆز ئورنى چارە كۆرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىر كەسپىي ۋارچلارنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

92-ماددا بۇ قانۇندىكى دورا ئېلانىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ ئېلان قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان تەستىق نومۇرى بەرگەن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان تەستىق نومۇرىنى بىكار قىلىدۇ، بىر يىلغىچە شۇ خىل ئېلاننى تەستىقلىتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دورا ئېلانىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، تەستىقلىغان ئېلانلاردا ساختا، يالغان ياكى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامغا خىلاپ باشقا مەزمۇنلار كۆرۈلسە، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

93-ماددا دورا ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دورا ئىشلەتكۈچىلەرنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

94-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ بەرگەن گۇۋاھنامىنى يىغىۋېلىش، دورا تەستىق ئىسپات ھۆججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) «دورا ئىشلەش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» ، «دورا تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» گە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىك ئىسپاتنامىسى بېرىش ياكى ئىسپاتنامە ئالغان كارخانىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىسپات بېرىش شەرتىگە توشمايدىغان كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇماسلىق ياكى ئۇلارنىڭ ئىسپات گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق؛ 

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئورۇنلارغا «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ياكى «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا ياساش ئىجازەتنامىسى» بېرىش؛

(3) ئىمپورت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دورىغا ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى بېرىش؛ 

(4) كلىىكىدا سىناق قىلىش شەرتى ياكى ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ كلىنىكىدا سىناق قىلىشىنى تەستىقلاش، يېڭى دورا گۇۋاھنامىسى ۋە دورا تەستىق نومۇرى بېرىش. 

95-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇ تەسىس قىلغان دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياكى ئۇ بېكىتكەن كەسپىي دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن دورا ئىشلەش ۋە تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇ تەسىس قىلغان دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياكى ئۇ بېكىتكەن كسپىي دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

96-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇ تەسىس قىلغان ۋە بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن دورا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، قانۇنغا خىلاپ تەكشۈرۈش ھەققى ئالغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. 

97-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ئالغان كارخانىلارنىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. 

«دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ئالغان كارخانىلاردىن ساختا، ناچار دورا ئىشلىگەن، ساتقانلىرىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلگەندىن سىرت، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشى سادىر قىلغان دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

98-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ مەمۇرىي قىلمىشلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 

99-ماددا دورا نازارەت قىلىپ، باشقۇرغۇچى خادىملاردىن ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

100-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە «دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى» ، «دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار بولسا، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىمىنى ئۆزگەرتىش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئۇقتۇرىدۇ. 

101-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن دورا قىممىتى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان دورىنىڭ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، باھاسى يوقلىرى ئوخشاش خىلدىكى دورىنىڭ بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 

10-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

102-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

دورا-كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇشقا، ئادەمنىڭ فزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى مەقسەتلىك تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە كېسەلگە ماس كېلىدىغان ياكى شىپالىق رولى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى بەلگىلەنگەن ماددىلارنى، جۈملىدىن جۇڭگوچە دورا ماتېرىيالى، جۇڭگوچە توغرالما دورا، جۇڭگوچە تەييار دورا، خىمىيىۋى خام ئەشيادىن ئىشلەنگەن دورا ۋە ئۇنىڭ ياسالمىسى، ئانتىبىئوتىك، بىئوخىمىيىلىك دورا، رادىئوئاكتىپلىق دورا، قان زاردابى، ۋاكسىنا، قان ياسالمىسى ۋە دىئاگنوز دورىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

قوشۇمچە ماتېرىيال دورا ئىشلەش ۋە رېتسېپ تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدىغان قاتۇرغۇچ ۋە قوشۇمچە خۇرۇچنى كۆرسىتىدۇ.

دورا ئىشلەش كارخانىسى دورا ئىشلەش بىلەن مەخسۇس ياكى قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

دورا تىجارەت كارخانىسى دورا تىجارىتى بىلەن مەخسۇس ياكى قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

103-ماددا جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش، ئۆستۈرۈش، يىغىش ۋە بېقىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. 

104-ماددا دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېرەكلىك بىئو ياسالمىلار ئوبورتىنى ئالاھىدە باشقۇرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ چىقىدۇ. 

105-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ. 

106-ماددا بۇ قانۇن 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#