دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە، ئەڭ كەمچىل نەرسىنىڭ ئەڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. سودا سېپىدە ھەممە ئادەم باي بولۇشنىڭ يوللىرىنى بەس-بەستە ئىزدىنىدۇ. لېكىن، ئىقتىســادشــۇناســلىقنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئاددىي خۇلاسىگە دىققەت قىلمايدۇ.
بۈگۈن، مەن يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن. بۈگۈن، مەن مەغلۇبىيەتنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغان قاداقتىن قۇتۇلىمەن. بۈگۈن مەن بۇ دۇنياغا باشقىدىن تۆرىلىمەن، مەن ئۈزۈمزارلىقتا تۇغۇلىمەن، باغدىكى ئۈزۈملەرگە ھەرقانداق ئادەم ئېغىز تېگەلەيدۇ. بۈگۈن، مەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ باراقسان تەكتىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسىنى ئۈزىمەن، بۇ ئۈزۈم تەكلىرىنى نەچچە ئەۋلاد ئەقىلدارلار تىككەن. بۈگۈن، مەن شىرنىلىك ئۈزۈمگە ئېغىز تىگىمەن. يەنە ھەربىر تال مۇۋەپپەقىيەت ئۇرۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىمەن، يېڭى ھاياتلىق يۈرىكىمدە بىخ سۈرسۇن. مەن تاللىغان يولدا ياخشى پۇرسەتلەر كۆپ، يەنە ئاچچىقى-چۈچۈكىمۇ بار. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەمراھلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىر يەرگە يىغىدىغان بولساڭ، ئېھرامدىنمۇ ئېگىز بولۇپ كېتىدۇ. - مەزكۇر ئەسەردىن ئۈزۈندە
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەن ئەسەرنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ چىقتىم. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئىجادچانلىققا باي، تالانت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇسلۇبى تارتمىلىق، قىزىقارلىق، تىمىسى تەسىرچان، كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ. بىز مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى، ھەممىمىز ئوخشاشلا مال ساتقۇچى. ئەڭ مۇھىمى، بىز ئالدى بىلەن تونۇشتۇرشىمىز-ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇشتۇرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز بەخىتكە ۋە روھىي جەھەتتە تىنىچلىققا ئېرىشەلەيمىز. بۇ ئەسەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ چىقساق، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى ئەڭ ياخشى تونۇشتۇرغۇچىسى بولۇپ چىقالايمىز.
--------------چىكاگو سۇرون دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باستېرى دوكتور لوئىس بىنستوك
ئوگ ماندىنو كەم ئۇچرايدىغان يېزىقچىلىق تالانتىغا ئىگە. بۇ ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى تېرەن، ئۇنىڭدا تونۇشتۇرۇشنىڭ، مۇھىملىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان.
-----------پولك شىركىتنىڭ باش دىرېكتورى ساۋىر پولك
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى مەن ئۇقۇغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئادەمگە غەيرەت-شىجائەت، كۈرەش قىلىش ئىرادىسى
ئاتا قىلىدىغان، ئىنسان قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان ئەڭ نادىر ئەسەر. مەن بۇ ئەسەرنىڭ مۇنچىۋالا داغدۇغا قوزغىشىدىكى سەۋەبنى تولۇق چۈشۈنىمەن.
------------نورمان ۋىنسېت پېير
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
كىتابخانا تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.