كارولىن تاقىم ئاراللىرى

كارولىن تاقىم ئاراللىرى

تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن °5-°11، شەرقىي ئۇزۇنلۇق °131-° 163 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ.

نامى كارولىن تاقىم ئاراللىرى
يەر مەيدانى 1161.3 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Caroline Islands
خەنزۇچە نامى 加罗林群岛
نوپۇسى 77 مىڭدىن ئاشىدۇ
جۇغراپىيىلىك ئورنى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارولىن تاقىم ئاراللىرىتىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن °5-°11، شەرقىي ئۇزۇنلۇق °131-° 163 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاراللار يابو ئارىلى، پېلېۋ تاقىم ئاراللىرى، ترۇك تاقىم ئاراللىرى، پوناپې ئارىلى قاتارلىق 963 يانا تاغ ئارىلى ھەم مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇرۇقلۇق مەيدانى 1161.3 كۋادرات كىلومېتىر . ئاھالىسى 77 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنڭى ئاساسىي قىسمىنى مىكرونېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 3000-5000 غا يېتىدۇ.

كارولىن تاقىم ئاراللىرى بۇ ئاراللار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنى كېيىن ئا ق ش نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. كارولىن تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇق پالما، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ، فوسفورلۇق تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ، قۇرۇق پالمىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#