كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپى

كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپى

كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپى ____ زىرائەتلەر ئارىسىدا، دەرەخزارلىقتا، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ ياتلىرىدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان داڭلىق كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپ رەتلىك ھالدا يىزا - بازارنىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىرلىق يېرى 

كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپى ____ زىرائەتلەر ئارىسىدا، دەرەخزارلىقتا، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ ياتلىرىدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان داڭلىق كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپ رەتلىك ھالدا يىزا - بازارنىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان. ئىلگىرى تەخمىنەن 10000 تال تاش تۈۋرۈكتىن ھازىر پەقەتلا 2471 تاللا قىپقالغان ، لېكىن بۇ 2471 تال تاش تۈۋرۈك يەنىلا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە سىرلىق .

شەكىللىنىشى 

لېمانسنايك قۇرام تاش سېپى كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، 1099 تال تاش تۈۋرۈكنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر، كەڭلىكى يۈز مېتىرلىق چاسا سەپ ھاسىل قىلىپ تىزىلغان، شەرىقتىن غەرىبكە، 7 مېتىر ئىگىزلىكتىن تەدرىجىي ھالدا 4 مېتىرغا تۆۋەنلىگەن. تاش تۈۋرۈكلەنىڭ تىزىلىشى گەرچە سەل ئەگرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگرىلىك ئىچىدە ئىپتىدائىيلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن. بىر قەدىمىي تاش تۈگىمەن لېمانىسايك قورام تاش سېپىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ، كىىسىلگەن قۇرام تاش سىپىدىكى 540 پارچە قۇرام تاش كىۋادرات شەكلىدە تىزىلغان ،ئاخىرىقى ئۇچىدىكى 39 پارچە قۇرام تاش چىرايلىق چەمبەر شەكىللىك سەپ ھاسىل قىلغان. 

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4300-يىلدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1500-يىلغىچە كارناك تاش تۈۋرۈكلىرى تۈركۈملەر بويىچە تىكلەنگەن. تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ سىلىق سىرتى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئادەملەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ، نۇرغۇن گىئولوگلار تەبىئىي سەۋەبىنى ئىزدەپ نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەندە، ئىلاجىسىز ھالدا بۇ پاكىتنى ئىتراپ قىلغان.

ئەگرى - بۈگرى تىزىلغان سەپ شەكلى يوغان يىلاننىڭ ئۇچقاندەك ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ. بەزىلەر ئۇلار يىلان ئىتىقادچىلىقىنىڭ تۇتېمى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان . ئىگىز قۇرام تاشلار يەنە قەبرە تاشلىرىغىمۇ ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ ئاياللارنىڭ قۇد تېشى ئاياللار ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا ھامىلدار بولالايدۇ دەپ قارىغا؛ يەنە باشقا ئالىملار بۇ باشقا پىلانىتا ئادەملىرى يەر شارىنى زىيارەت قىلىدىغان ئۇچار كېمە بازىسى دەپ قارىغان ....مەيلى قايسى خىلدىكى پەرەز بولسۇن ، ھېچقايسىسىنىڭ قوللايدىغان دەلىل-ئىسپاتى يوق. بۇ تاش تۈۋرۈكلەر ئاساسسىزلا پەيدا بولۇپ قالغاندەك، بىزگە بەك كۆپ تىپىشماقلارنى قالدۇرغان. ياۋروپالىقلار ئارىسىدا «مىلادىيە ئىلگىرىكى 56-يىلى كارناكنى قوغدىغۇچى ئىلاھلار رىملىقلارنىڭ قوغلاپ ئۆلتۇرىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ، سېھىرگەرلىك بىلەن رىم ئەسكەرلىرىنى رەت-رەت تاشلار سىېپىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن» دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان. 

تاش تۈۋرۈكلەر توپىغا ئىگىزدىن نەزەر سالسا، قىزىقارلىق كىرىشتۇرۇلگەن تاش-تۈۋرۈكلەر ئارىسىدىن دۇت تولغىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك، ياپيىشىل تاغ-دەريالاردەك كۆرۈنىدۇ. شۇ يەردىكى ئاھالىلەر تاش تۈۋرۈكلەرنى ئۆز تۈرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بولغان. بۇ « يەر يۈزىدىكى تۈۋرۈك ئورمىنى » ھەقىقەتەن ئارخىئولوگ ئوۋېن خودرىنخوم ئېيتقاندەك : « ئۇ پىرامىدادىنمۇ سىرلىق».[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#