- چۈچۈكبۇيا (خام دورا )
- چۈچۈكبۇيا (ئۆسۈملۈك)
چۈچۈكبۇيا
چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۈچۈكبۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 03 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى تۈكلۈك بولىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى تۈۋرۈك شەكلىدە يوغان بولۇپ، قوۋزىقى قىزغۇچ قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر، تەمى تاتلىق بولىدۇ. يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈچۈكبۇياچۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۈچۈكبۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 03 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى تۈكلۈك بولىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى تۈۋرۈك شەكلىدە يوغان بولۇپ، قوۋزىقى قىزغۇچ قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر، تەمى تاتلىق بولىدۇ. غولى تىك، تۆۋەن قىسمى ياغاچلاشقان بولۇپ، يۇقىرى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 7 ~ 17 تال بولۇپ، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاقراق تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سۆسۈن ياكى قىزغۇچ سۆسۈن بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى ئورغاقسىمان ئېگىلگەن، خورما رەڭدە، زىچ تىكەنسىمان بەز تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كەچ كۈزدە قېزىۋېلىپ، ئىككى ئۇچىدىكى ئۇششاق يىلتىزلىرى ۋە يۇمران بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ توغراپ، ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق ۋە ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قويۇق خىلىتلارنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، نېرۋا ۋە پەيلەرنى كۈچەيتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام چۈچۈكبۇيىنى 35 گرام سوغىگۈل، 02 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چۈچۈكبۇيا، قوڭغۇراقگۈل ۋە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پۈچەك بۇغدايدىن 35 گرام، 12 گرام ھەسەل بىلەن ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، ئالتە تال چىلان، 25 گرام گۈلسامساق، 15 گرام ياز غازىڭى، 12 گرام لوڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھېستېرىيىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. خام چۈچۈكبۇيا ۋە كۆك ماشنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.