كېلىن يۆتكەش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Chowdary Baldev Singh ئايالىLajjo ، ئىككى قىزى
Simran (كاجول رولدا) ۋە Chutk بىلەن لوندوندا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ . گەرچە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ 20 يىلى مۇشۇ چەت يۇرتتا ئۆتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئۇنتىغىنى يوقتى، ئۇ ھامان بۇ ئەنئەنىلەرگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇ قىزى Simran ۋە پەنجاپتىكى دوستىنىڭ ئوغلى Kuljeetنىڭ توي ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ.
Raj(شارۇلخان رولدا) بولسا كىچىكىدىن باشلاپ لوندوندا چوڭ بولغان ھىندىستانلىق يىگىت ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىغان بىكار تەلەت . بىر قېتىملىق ياۋروپادا ساياھەت قىلىش جەريانىدا Rajبىلەن Simran ئۇچرىشىپ قالىدۇ ھەمدە ئىككىسىلا مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولىدۇ . لېكىن Chowdary Baldev Singh قىزىSimranنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ھىندىستانغا قايتىپ Simran بىلەن Kuljeetنىڭ توي ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ . Raj بولسا Simranدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى ھەم دادىسىDharamvir Malhotraنىڭ مەدەت بېرىشى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ھىندىستانغا قايتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ Simranنىڭ دادىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.
- Raj
شارۇلخان[0] رولدا
ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ لوندوندا چوڭ بولغان ھىندىستانلىق يىگىت، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىغان بىكار تەلەت. لېكىن Simranنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن Simranنىڭ قېچىپ كېتىڭلار دېگەن تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق Simranنىڭ دادىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.
Simran
كاجول[1] رولدا
Rajبىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن Kuljeet بىلەن توي قىلغىلى ئازلا قالغان . ئاخىرى دادىسىنىڭ رازىلىقىدا Raj بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ .
- Chowdary Baldev Singh
مۇتەسسىپ ، جاھىل دادا ، Simran بىلەن Kuljeetنىڭ بىللە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . لېكىن Rajنىڭ Simranغا بولغان چىن مۇھەببىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ .
- Dharamvir Malhotra
ئانۇپام خېر(Anupam Kher) رولدا
Rajنىڭ مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ . Rajبىلەن Simran نىڭ مۇرادىغا يېتەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبچى ھېسابلىنىدۇ .
بۇ فىلىم 1996-يىلىدىكى Filmfare Awardsدە مۇنەۋۋەر فىلىم، مۇنەۋۋەر ئايال ئاكتىيور، مۇنەۋۋەر ئەر ئاكتىيور، مۇنەۋۋەر يانداش پېرسۇناژ قاتارلىق تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپلا قالماي، تاھازىرغىچە ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلماقتا. بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى ئەڭ نادىر فىلىملەرنىڭ بىرسىدۇر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شارۇلخان
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.