ياڭ زېڭشىن

ياڭ زېڭشىن

ياڭ زېڭشىن (1928-1864)، تەخەللۇسى دىڭ چىڭ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ شاڭيۈەن(جياڭنىڭ ناھىيەسى) بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈننەنگە كۆچۈپ بارغان. ياڭ زېڭشىن 1864-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتىدە پومېشچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەرلىك ئەمەلدار ۋە چوڭ يەر ئىگىسى ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ياڭ زېڭشىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى
تەخەللۇسى دىڭ چىڭ
خەنزۇچە ئىسمى 杨增新
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1864-يىلى
كەسپى ئۆلكىلىك رەئىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭ زېڭشىنياڭ زېڭشىن (1928-1863)، تەخەللۇسى دىڭ چىڭ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ شاڭيۈەن (جياڭنىڭ ناھىيەسى) بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈننەنگە كۆچۈپ بارغان. ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتىدە پومېشچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەرلىك ئەمەلدار ۋە چوڭ يەر ئىگىسى ئىدى. ياڭ زېڭشىن كىچىكىدىن خېلى زېرەك، بىلىمگە قىزىقىدىغان بولۇپ، بالا ۋاقتىدىلا «چاھار كىتاب»، «بەشنامە» لارنى ئوقۇغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي دەۋرىدە (1888-يىلى)، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، فېئودال خانلارنى مەدھىيلەيدىغان «باگو» ماقالىسىنى يېزىپ (1889-يىلى)، «تەشرىپدار» لىققا ئۆتكەن ۋە ئوردا ئەمەلدارى(كىچىك ئەمەلدار) بولغان. 

كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇ، بۇيرۇق بىلەن گەنسۇغا ئەۋەتىلىپ، تيەنشۈي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. كېيىن خېجۇ (نڭشا) دا ئەمەلدار بولغان. ئۇ خېجۇدا يەتتە يىل خىزمەت ئۆتىگەندىن كېيىن، گۇاڭشۈينىڭ ئاخىرق يىللىرى گەنسۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. كېيىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىگە ئۆسكەن. 

ياڭ زېڭشىن1908-يىلى (گۇاڭشۈينىڭ 34-يىلى) خان ئوردىسىغا بېرىپ سىشىتەيخۇ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ خان ئالدىدا-چېگرا رايوننى قوغداشقا-قەسەم بەرگەندىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ 1911-يىلى (چىڭ خاندانلىقى شۇەنتۇڭنىڭ 3-يىلى) سېبىرىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن. بۇ ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى بولۇۋاتقان ۋاقىت ئىدى. 

ئەينى ۋاقىتتىكى شىجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى يۈەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىي ۋە شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ بېسىمى ۋە سىياسىي-ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىن ئۆتكەللەر تۈپەيلىدىن ئىنتايىن قىيىن ۋە خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىدى. يۈەن داخۇا قول چوماق قىلىش مەقسىتىدە ياڭ زېڭشىننى دىخۇا(ئۈرۈمچىگە) چاقىرىتىپ، ئۆلكىلىك قانۇن باشقۇرۇش ئەمەلدارى ھەم بارىكۆل باسقاقبېگىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە ئۆستۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى شىنجاڭنى قاپلىغاندا، يۈەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇردى. يۈەن داخۇا فېئودال خانلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ياڭ زېڭشىنغا ئۆلكە مەركىزىدىن بەش قوش تۇڭگان ئەسكىرى ئېلىشنى تاپشۇرىدۇ. ياڭ زېڭشىن دەرھال ئىشقا كىرىشىپ، ما فۇشىڭ (ماتىتەي)، مافۇمىڭ، ما جىخى، لى فۇشۇ، لى خۇشىڭ قاتارلىق بەش كىشىنى قۇربېشى قىلىپ ئەسكەر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن 1911-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى يۈەن داخۇانىڭ ئىنقىلابىي باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنى باستۇردى. 1912-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىنقىلابچىلار 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەسمى قۇردى. 

ئۆلكە باشلىقى يۈەن داخۇا ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقتى، ھەم ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەن جايلارغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ «مىنگونىڭ ھەربىي باشلىقلىق» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قوغداش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى كونتىرول قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. قارشى چىققانلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تازىلىدى. 

يۈننەندە سەي ئۇ يۈەنشىكەيگە قارشى قوزغىلاڭ قىلغاندا پۈتۈن مەملىكەت ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنى جىنايەتتىن قاچۇرۇش ئۈچۈن پېچكىنى قۇربان بېرىپ شاھن قۇتۇلدۇرۇشتەك زەھەرلىك ئۇسۇل قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ساقچى باشلىقى شادىڭ، ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش باتاليۇن باشلىقى لى يەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، دەرھال بەش رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئاستى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ باشقىلارنى قارىلىدى. 

ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پادىشاھلىق قارا نىيىتى تېخىمۇ زورۇيۇپ، 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بىۋاىتە قاراشلىق ئالتاي پەۋقۇلئاددە رايونىنى ئەسكىرى كۈچ ئارقىلىق چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى.

ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆلكىلىك رۇسچە قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا فەن ياۋنەن ئەۋەتكەن سولچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#