روسسو

فرانسىيلىك پەيلاسوپ روسسو 1712-يىلى شۋېتسارىيىەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ 10 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن ئۇ جەنۋەدە يالغۇز قالدى. 1728-يىلى روسسو 16 يېشىدا جەنۋەدىن ئايرىلىپ، 20 يىلغا يېقىن سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى روسسو
باشقا نامى Jean-Jacques Rousseau
تۇغۇلغان ۋاقتى 1712-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ، يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 让-雅克·卢梭
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1778-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

روسسوفرانسىيلىك پەيلاسوپ روسسو 1712-يىلى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ 10 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن ئۇ جەنۋەدە يالغۇز قالدى. 1728-يىلى روسسو 16 يېشىدا جەنۋەدىن ئايرىلىپ، 20 يىلغا يېقىن سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بىر ئادەم بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بەش بالىسى بولۇپ، بۇ بالىلارنى دارىلئېتامغا بەرگەنىدى. لېكىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، روسسو 56 ياشقا كىرگەندە، بۇ بالىلارنىڭ ئانىسى تىلسىن رافىزر بىلەن توي قىلىدۇ.

1750-يىلى، 30 ياشلىق روسسو فرانسىيە دىرۇن شۆيۇەنى ئويۇشتۇرغان ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەخلاقىي سەمىمىيلەشتۈرەمدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ «ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىردىنلا داڭقى چىقىپ كېتىدۇ.

روسسو ئارقا-ئارقىدىن بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئاساسى» (1775) ، «ئېمىر» ( «مائارىپ توغرىسىدا» مۇ دېيىلىدۇ) (2176) ، «ئىجتىمائىي كېلىشىم توغرىسىدا» (6217) ، «پۇشايمان خاتىرىلىرى» (1770) قاتارلىقلار بار. ئۇ مۇزىكىنى ياخشى كۆرەتتى. ئىككى پارچە ئوپېرا سەھنە ئەسىرىمۇ يازغان.

روسسوروسسو گەرچە دىدېرونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 81-ئەسىرىدىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى نۇرغۇن لىبېرال يازغۇچىلارنىڭ دوستى بولسىمۇ، لېكىن روسسو ئىدىيە جەھەتتە ئۇلاردىن يىراقلىشىشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن ۋولتېرنىڭ ئوتتورىسىدىمۇ چىقىشالماسلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇ ۋولتېرنىڭ جەنۋەدە تىياتىرخانا سېلىشقا قارشى تۇرغان(روسسو تىياتىرخانا ئەخلاقسىز مەكتەپ دەپ قارايتتى) . 1762-يىلدىن باشلاپ، فرانسىيە دائىرىلىرى روسسو سىياسىيغا ئائىت كىتابلارنى يازغانلىقتىن ئۇنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن دوستلىرى يىراقلىشىدۇ. روسسو مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانىدى. گەرچە بۇرۇن ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىرەرسىنىمۇ ئىزدىمەيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى 20 يىلى نامراتلىقتا ئۆتكەن بولۇپ، تۇرمۇشىنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. 1778-يىلى، ئۇ فرانسىينىڭ لۇنېۋىللې شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

روسسونىڭ ئەسەرلىرى سوتسىيالىزم مىللەتچىلىك، رومانتزم، ئىستىبداتلىقىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا دېموكراتىيە باراۋەرلىك غايىسىنىڭ ئەندىزىسىنى بېكىتىشتە تېخىمۇ زور تۆھپە ياراتتى. 

روسسو ئۆزىنىڭ «ئېمىر» ناملىق كىتابىدا، بىر ياشنىڭ تەربىيلىنىشى ھەققىدىكى ھېكايە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى شەرھىلەپ، تەبىئىي تەلىم-تەربىيە، بالىلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىشىش تەسىرىدىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشى مائارىپ نەزەرىيىسىگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#