دېڭ شياۋپىڭ

دېڭ شياۋپىڭ 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1997-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى.

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسى
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەس
ئۇيغۇرچە ئىسمى دېڭ شياۋپىڭ
باشقا نامى 邓先圣,邓希贤
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى ئىنقىلابچى، سىياسىئون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات
خەنزۇچە ئىسمى 邓小平
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1997-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى موسكۋا جۇڭشەن ئۇنۋېرستىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭ شياۋپىڭ 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەزاسى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىسى. 1-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، غەربىي شىمال ئىنقىلابىي ئارمىيىسىدە سىياسىي خىزمەتكە مەسئۇل بولغان، كېيىن ۋۇخەنگە كېلىپ، «7-ئاۋغۇست» يىغىنىغا قاتناشقان.

2-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، بەيسې قوزغىلىڭى ۋە لۇڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ 7-جۈنى، 88-جۈنى ۋە يۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىنقىلابىي بازىلارنى قۇرغان.

مەركىزىي ئىنقىلابىي بازىغا كەلگەندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا لۇشيەنىنى ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى پارتىيە ئىچىدىكى سولچىل رەھبەرلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ كېيىن قىزىل ئارمىيىنىڭ باش سىياسىي بۇسىغا كېلىپ ئىشلىگەن، ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان؛ بۇ جەرياندا زۇنيى يىغىنىغا قاتناشقان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ بىلەن بىللە قىسىمنى باشلاپ شەنشى، خېبېي، خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي بازا قۇرغان، 129-شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي بيۇرو تەيخاڭ شۆبىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، كېيىن شىمالىي بيۇرونىڭ شۇجىلىقىنى ۋاكالىتەن ئۆتىگەن ھەمدە 8-ئارمىيە باش شتابىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئىنقىلابىي بازىلارغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. پارتىيەنىڭ 7-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شەنشى، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بيۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ليۇ بوچېڭ بىلەن بىللە ماۋزېدۇڭ نىڭ ئىچكى لىنىيىدە ئۇرۇش قىلىشتىن تاشقى لىنىيەدە ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرىگە ئاساسەن، زور قوشۇننى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ دابيېشەندىن ئۆتۈپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان؛ ئىستراتېگىيىلىك ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش باسقۇچىدا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيىسى ۋە شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان باش ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى بولغان، ئۈچ چوڭ ئۇرۇشنىڭ بىرى بولغان خۇەيخەي ئۇرۇشىغا قاتناشقان، چاڭجياڭدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، نەنجىڭ، شاڭخەي ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى بىرنەچچە ئۆلكىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئاندىن يەنە قوشۇن باشلاپ غەربىي جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىشقا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنى ئازاد قىلىشتەك بۈيۈك ئىشنى تاماملىغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي جەنۇب بيۇروسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، مەركەزنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. 1954-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ باش كاتىپى بولغان، 1955-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پارتىيە 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، ماۋزېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا خاتا تەنقىدلىنىپ ۋە كۈرەشكە تارتىلىپ، بارلىق ۋەزىپىسى تارتىۋېلىنغان. 1973-يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1975-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيىنىڭ دائىملىق خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان .

 ئۇ ئىلگىرىكى زىيانلارنىڭ ئورنىنى تىرىشىپ تولدۇرۇپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن بۇيان كېلىپ چىققان ئېغىر قىيىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقا كىرىشكەن، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىلەن تىغمۇتىخ كۈرەش قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. گەرچە ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر قېتىم خاتا ھالدا بارلىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نى تارمار قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئاممىۋى ئاساس ھازىرلاپ بولغانىدى.

«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىلگىرىكى ھوقۇقلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاپەت ئالدىدا، ئۇ ئالدى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئامىللارنى تۇتۇپ، ئىشنى ئىدىيىۋى لۇشيەندىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتىن باشلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تەكىتلەپ، «ئىككى ئومۇمەن» خاتا نۇقتىئىنەزىرگە قارشى تۇرۇپ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا مەدەت بېرىپ، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىدىيە ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلدى.

پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتەك يېڭى تارىخىي دەۋرنى ئېچىپ بەردى، دېڭ شياۋپىڭ 2-ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى. ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى «بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا» دىن ئىبارەت ئاساسىي لۇشيەنى (ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش) نى تۈزۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش داۋامىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى، تەيۋەن مەسىلىسىمۇ مۇشۇ تەسەۋۋۇر بويىچە ھەل بولغۇسى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#