كارىب دېڭىزى
جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان دېڭىز، ئۇنى مېكسىكا قولتۇقى بىلەن قوشۇپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان دېڭىز، ئۇنى مېكسىكا قولتۇقى بىلەن قوشۇپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 754 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 2491 مېتىر. ئەڭ چوڭقۇر جايى 7680 مېتىر كېلىدۇ، كارىب دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا(ۋېنېسۇئېلا) كۆپ مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار بولۇپ، ھازىر كۆپلەپ قېزىلماقتا.
جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئاتاقلىق دېڭىز ئاستى نېفىتلىكى بولغان ماراكايىبو كۆلىنىڭ سۈيى كارىب دېڭىزىنىڭ سۈيى بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئاتاقلىق ساياھەتچى كولومبو 1498-يىلى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق سەپىرىدە بۇ دېڭىز رايونىدىكى ئورۇنلارنى تەكشۈرگەن. 1914-يىلى پاناما قانىلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ دېڭىز تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان، جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولىغا ئايلاندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.