كرېست

كرېست خرىستىئان دىنىنىڭ بەلگىسى. چېركاۋلارنىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسىگە كرېست تىكلەنگەن بولىدۇ، پوپلار قولىغا كرېست تۇتىۋالىدۇ، مۇرىتلارنىڭ كۆپىنچىسى بوينىغا كرېست ئېسىۋالىدۇ، دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندىمۇ كۆكسىگە توختىماي كرېست بەلگىسىنى سىزىدۇ. . . ئىشقىلىپ خرىستىئان دىنى بارلىكى يەردە چوقۇم كرېست بەلگىسى بار.

ئۇيغۇرچە كرېست
ئىنگىلىزچە Cross
خەنزۇچە 十字
تۈرى خىرىستىئان دىنى بەلگىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كرېست خرىستىئان دىنىنىڭ بەلگىسى. چېركاۋلارنىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسىگە كرېست تىكلەنگەن بولىدۇ، پوپلار قولىغا كرېست تۇتىۋالىدۇ، مۇرىتلارنىڭ كۆپىنچىسى بوينىغا كرېست ئېسىۋالىدۇ، دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندىمۇ كۆكسىگە توختىماي كرېست بەلگىسىنى سىزىدۇ. . . ئىشقىلىپ خرىستىئان دىنى بارلىكى يەردە چوقۇم كرېست بەلگىسى بار.

كىلىپ چىقىشىكرېست ئەسلىدە قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قورالى ئىدى. كرېستنىڭ لاتىنچى مەنىسى قىسقۇچ دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ئىككى تال ياغاچنى كېسىشتۈرۈپ باغلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. قەدىمكى رىمدە قۇللار، ئىنقىلابچىلار ياكى پۇقرالار ھوقۇقى يوق ياقا يۇرتلۇقلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتا، گۇناھكار دەپ قارالغۇچىنىڭ ئىككى قولى كرېستنىڭ ئىككى قانىتىغا، ئىككى پۇتى كرېستنىڭ ئاستىنقى تىك تۈۋرۈكىگە مىخلانغاندىن كېيىن، كرېست تىكلەپ قويۇلاتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا مىخلانغۇچى قانسىراپ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتەتتى. ئەينى چاغدا، رىم ھۆكۈمرانلىرى ئېغىر ئالۋان - ياساق، باج - سېلىقلار ئارقىلىق خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلاتتى، قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەتتە قالغان خەلق ئۈزلۈكسىز قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى73 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى71 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن سىپارتاك قۇللار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 6000 دىن ئارتۇق قۇل رىم كوچىسىدىكى كرېستقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، پۈتۈن ئەتراپ كرېستقا تولۇپ كەتكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى66 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى70 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن پەلەستىن تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئېرۇسالىم جەسەتكە تولۇپ، شۇنچە نۇرغۇن كرېستنىڭ بىرىمۇ بوش قالمىغان. شۇڭا، ئەڭ دەسلەپكى كرېستلار سانسىز بىگۇناھلارنىڭ قان - ياشلىق قىسمىتىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىيساغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىمۇ كرېستقا مىخلاش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغانىكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىجاد قىلغان يەھۇدىي دىنىنىڭ ناسارا مەزھىپى مۇرىتلىرى كرېتسنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد بەلگىسى قىلغان. بۇ چاغدىكى كرېست بىر تەرەپتىن ئىيسانى خاتىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمرانلارغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۈنسىز چۇقانغا ۋەكىللىك قىلاتتى. كېيىنچە، كرېستنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، پاك گۇۋاھچىغا، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلىنىپ، خرىستىئان مۇرىتلىرى تەرىپىدىن «كرېست گوسپېلى» دەپ ئاتالغان. بۇ جەھەتتە ئۇ بۇددا دىنىدىكى تەسۋىيدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. كرېست بەلگىسىنى سىزىش ئېتىقاد قىلغانلىقنى، دۇئا - تىلاۋەت قىلغانلىقنى، ئۆزىنى ئاتىغانلىقنى ياكى بەخت - سائادەت تىلىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. خرىستىئان مۇرىتلىرى دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندا يەنە «ئىخلاسمەنلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ «ئامىن» دېيىشىدۇ.

شەكلىكرېست بىر خىل بەلگە بولغاچقا، ئۇنىڭ شەكلى ناھايىتى كۆپ. ئادەتتە ئۇنىڭ مۇنداق تۆت خىل شەكلى بار: يۇنانچە كرېستنىڭ تۆت تەرىپى ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ؛ لاتىنچە كرېستنىڭ ئاستىغا ساڭگىلىغان تەرىپى قالغان ئۈچ تەرىپىدىن ئۇزۇن بولىدۇ؛ قالغان ئىككى خىلى «T» شەكىللىك ۋە «X» شەكىللىك كرېستلاردۇر. كرېست بەلگىسىنى سىزىشتىكى قول ئىشارىتىمۇ چوڭ كرېست سىزىش ۋە كىچىك كرېست سىزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، ئالدىنقىسىدا پېشانىدىن باشلاپ مەيدىگىچە، ئوڭ - سول تەرەپكە قاراپ ئىككى مۈرىگىچە سىزىلىدۇ؛ كېيىنكىسىدە پەقەت پېشانىدىن مەيدىگىچىلا سىزىلىدۇ.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ۋىكپىدىيە قامۇسى: كىرسىت 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#