يۈەن سۇلالىسى
يۈەن سۇلالىسى − جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى موڭغۇللار قۇرغان ھاكىمىيەت. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي شيا، جىن سۇلالىلىرىنى يوقىتىپ، غەربكە يۈرۈش قىلىپ دوناي دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يېتىپ باردى. مىلادىيە 1271-يىلى موڭغۇللارنىڭ بۈيۈك قاغانى قۇبلاي سىياسىي مەركىزىنى يەنجىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) غا كۆچۈرۈپ، كېيىنكى يىلى ئۇنى چوڭ ئاستانە (خانبالىق) دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى يۈەنگە ئۆزگەرتتى. قۇبلاي دەل يۈەن شىزۇدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈەن سۇلالىسى − جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى موڭغۇللار قۇرغان ھاكىمىيەت. موڭغۇللار ئەسلىدە ھازىرقى ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايتتى، كېيىن غەربكە − موڭغۇل ئېگىزلىكىگە كۆچۈپ كېلىپ، نۇرغۇن قەبىلىلەرگە كۆپەيدى. ھەرقايسى قەبىلىلەر بىر-بىرىگە بويسۇنماي، دائىم ئۇرۇش قىلىشاتتى. كېيىن، بورچىگىن قەبىلىسىنىڭ سەردارى تېمۇرچىن موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، مىلادىيە1206-يىلى موڭغۇل خانلىقىنى قۇردى. تېمۇرچىن ئۇلۇغ خاقانلىققا كۆتۈرۈلۈپ، چىڭگىزخان(بارچە ئىقلىمنىڭ ئەڭ بۈيۈك خانى دېگەن مەنىدە) دەپ ھۆرمەتلەندى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي شيا، جىن سۇلالىلىرىنى يوقىتىپ، غەربكە يۈرۈش قىلىپ دوناي دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يېتىپ باردى. مىلادىيە1271-يىلى موڭغۇللارنىڭ بۈيۈك قاغانى قۇبلاي سىياسىي مەركىزىنى يەنجىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ) غا كۆچۈرۈپ، كېيىنكى يىلى ئۇنى چوڭ ئاستانە(خانبالىق) دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى يۈەنگە ئۆزگەرتتى. قۇبلاي دەل يۈەن شىزۇدۇر.
يۈەن سۇلالىسى مىللىي زىددىيەتلەرگە تولغان سۇلالە ئىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالە تۆت تەبىقىگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى تەبىقە موڭغۇللار، ئىككىنچى تەبىقە رەڭدار كۆزلۈكلەر، ئۈچىنچى تەبىقە خەنزۇلار، تۆتىنچى تەبىقە جەنۇبلۇقلار ئىدى. رەڭدار كۆزلۈكلەر تاڭغۇتلار، ئۇيغۇرلار، غەربىي يۇرتلۇقلار ۋە جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر قىسىم ياۋروپالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. خەنزۇلار قىتانلار، جۇرجىتلار ۋە ئەسلىدىكى جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىدىكى خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. جەنۇبلۇقلار جەنۇبتىكى خەنزۇلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى كۆرسىتەتتى. موڭغۇللار بىلەن رەڭدار كۆزلۈكلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىدا ھوقۇق ئىگىلىگەن بولۇپ، خەنزۇلار ئۇلاردىن كېيىن تۇراتتى. ئالىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئاساسەن موڭغۇللاردىن ئىدى. يۈەن سۇلالىسى يەنە موڭغۇللار خەنزۇلارنى ئۇرسا خەنزۇلار قول ياندۇرماسلىق قاتارلىق نائادىل قانۇنلارنى بېكىتكەنىدى.
يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەمۇرىي ئۆلكە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. مەركەزدە ئالىي مەمۇرىي ئورگان − قارا دىۋان تەسىس قىلدى، خانبالىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار قارا دىۋاننىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا ئىدى. يەرلىكتە تەسىس قىلىنغان قارا دىۋان قىسقارتىلىپ مەمۇرىي ئۆلكە ياكى ئۆلكە دەپ ئاتىلىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ئورگان قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتە10 ئۆلكە تەسىس قىلىنغانىدى. جۇڭگونىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش تۈزۈمى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەمۇرىي ئۆلكە تۈزۈمىدىن باشلانغان. يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە پېڭخۇ سەييارە ئامبال مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پېڭخۇ بىلەن رىيۇ-كيۇ(تەيۋەن) نى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى.
يۈەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھاماقەت، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان پادىشاھلار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگىچە، مەركەزدە گۇرۇھۋازلىق كۈرىشى كەسكىنلەشتى، ئەمەلدارلار خىيانەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقتى، موڭغۇل ئاقسۆڭەكلەر ئالاھىدە ئىمتىيازىغا تايىنىپ يەرلەرنى خالىغانچە ئىگىلىۋالدى، ئاۋام خەلق قاتمۇقات باج-سېلىق، ئالۋان-ياساققا بەرداشلىق بېرەلمەي، مىللىي زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، ئاخىر يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ دولقۇنىدا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى.
يۈەن سۇلالىسى قۇبلايدىن كېيىن 98 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، توققۇز پادىشاھلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 1368-يىلى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى خانبالىقنى ئىگىلەپ، موڭغۇللارنىڭ تەسىر كۈچىنى موڭغۇل ئېگىزلىكىگە قوغلىۋەتتى. يۈەن شۈندى شىمالغا قېچىپ بارغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا يۈەن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت نامىنى قوللىنىپ، تارىختا «شىمالىي يۈەن سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.