سوپۇن تاش

سوپۇن تاش

 سوپۇن تاشنىڭ كەنجى تۈرى سىمېكتىت مىنېراللار بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن سوپۇن تاش، ماگنىيلىق سوپۇن تاش، لىتىيلىق سوپۇن تاش قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئاساسەن گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندۈلۈك بۇيۇملار سانائىتى،دورىگەرلىك قاتارلىق سانائەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى سوپۇن تاش
پىنيىنچە يېزىلىشى zao shi
تۈرلىرى سوپۇن تاش، ماگنىيلىق سوپۇن تاش، لىتىيلىق سوپۇن تاش قاتارلىقلار
باشقا نامى ساپونىت
خەنزۇچە ئاتىلىشى 皂石
چەتئەلچە نامى smectite
تەركىب 3%~5%

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسلىق مىنېرالى سوپۇن تاش، ماگىنىيلىق سوپۇن تاش بولۇپ، ئادەتتە تەركىبى%3~%5كىچە، قىسمەن جايلىرى %15~%25گە يېتىدۇ. كرېمنىيلىق ھاكتاش جىنىسلىرىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ قەۋەتلىنىپ جايلاشقان. باشقا مېنېراللاردىن مونتمورىللونىنت، كالتىست، كۋارتس، دىئوپسد، گراپىستون، گارنىتلارمۇ بار. رۇدىلارنىڭ مۇسبەت ئىئون ئالماشتۇرۇشتىكى ئوتتۇرىچە سىغىمچانلىقى 13.69 100/100گرام، ئوتتۇرىچە رەڭ سۈمۈرۈش مىقدارى 5.25گرام / مىللىي گرام ئېكۋىۋالېنتگرام، مونتمورىللونىنت تەركىبى %11.88، ئوتتۇرىچە كوللوئىد دەرىجىسى %73.

سوپۇن تاش سوپۇن تاشنىڭ كەنجى تۈرى سىمېكتىت مىنېراللار بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن سوپۇن تاش، ماگنىيلىق سوپۇن تاش، لىتىيلىق سوپۇن تاش قاتارلىقلار بار.

توخسۇن ناھىيىسى ليۇشۇگۇ سوپۇن تاش كېنى 1984–يىلى بايقالغان. 1984 ~ 1987–يىللىرى ئومومىيۈزلۈك ۋە تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەن. 1997 ~ 1998–يىللىرى يەنە قىسمەن گېئولوگىيىك خىزمەتلەر ئىشلىنىپ زاپىسى ئاشۇرۇلغان. 

بۇ سوپۇن تاش كان ياتمىسى پىرولىت، مول ئىشقارلىق گرانىت بىلەن ئوتتۇرا دىۋون دەۋرىدىكى كرېمنىيلىق مەر–مەر جىنىسلار تېگىشكەن بەلۋاغدا ھاسىل بولغان، تېگىشمە بەلۋاغ بىر قەدەر ئېغىر دەرىقىدە چىرىگەن ۋە يانجىلغان، شىمال، ئوتتۇرا ۋە جەنۇپتىن ئىبارەت ئۈچ كانلىشىش بەلۋېغى بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 110 ~ 170مېتىر، كەڭلىكى20~38مېتىرچە كېلىدۇ.رۇدىسى بوزرەڭ تۈس ئالغان.

بۇ كان 1984–يىلدىن تا ھازىرغىچە كىچىك كۆلەمدە قېزىلىپ كىلۋاتىدۇ.

 ئۇلار ئاساسەن گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندۈلۈك بۇيۇملار سانائىتى،دورىگەرلىك قاتارلىق سانائەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى چەت ئەللەردىكى ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە يەتتى، خېلى بازارلىق بولۇپ،ئېچىش ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556540.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#