چېن تيەنخۇا

چېن تيەنخۇا

چېن تيەنخۇا (1875-1905-يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇا دېگەن يېرىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاممىباب ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئانچە-مۇنچە ھېكايە، قوشاقلارنى ئۈلگە قىلىپ يېزىپ «زېرەك بالا» دەپ نام چىقارغان. 1903-يىلى ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن تيەنخۇا
باشقا نامى 显宿
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1875-يىلى
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 陈天华
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1905-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن تيەنخۇا1905-يىل12-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگولۇق بىر ياش ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇشىنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسى» گە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشقا قەسەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغان ھەمدە غەزەپ-نەپرىتىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ياپونىيىدىكى ئومورى دېڭىزىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. تارىخ ۋە خەلق بۇ ئىنقىلابىي قۇربان − چېن تيەنخۇانى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. 

چېن تيەنخۇ ا(1875-1905-يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇا دېگەن يېرىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاممىباب ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئانچە-مۇنچە ھېكايە، قوشاقلارنى ئۈلگە قىلىپ يېزىپ «زېرەك بالا» دەپ نام چىقارغان. 1903-يىلى ياپونىيە گە بېرىپ ئوقۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. چاررۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالغىنىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بارمىقىنى چىشلەپ قانىتىپ، قان بىلەن نەچچە پارچە خەت يېزىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان. ئۇ يەنە روسىيىگە قارشى پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان ھەمدە ۋەتەنگە قايتقان ئىنقىلاب پائالىيەتچىلىككە كۆرسىتىلگەن. 

چېن تيەنخۇاشۇ يىلى چېن تيەنخۇا «دەرھال ئويغان»، «زامانغا سىگنال» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنى ۋە چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىلىق ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ كىتابىدا: «بۇ خانىدانلىق نامدا بار، ئەمەلدە يوق، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئالدىدا موللا مۈشۈك»، «ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئىنقىلابىي مۇستەقىللىقنى تەكىتلەشكىلا بولىدۇكى، پادىشاھتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ» ، «ئەجنەبىيلەر كەلسە، ھەممە ئادەم يۈرەكلىك بولۇپ، قىلىچىنى ئوبدان بىلەپ، ئوق-دورىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، بىر نىيەتتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشى، چىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەك» دەپ يازغان. ئۇ يەنە جۇڭگونى ئۇيقۇدىكى شىرغا ئوخشىتىپ، ئۇنى ئويغىتىشقا تىرىشقان. 1904-يىلى چېن تيەنخۇا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خۇاڭ شىڭ، سۇڭ جياۋرېن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇنەندە جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى گە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان، بىراق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيە گە قېچىپ كەتكەن. 1905-يىلى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ سېكرىتار بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، «خەلق گېزىتى» نىڭ ئاساسلىق ماقالىلىرىنى يازغان. ئۇ دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، جەسىتى خۇنەنگە ئېلىپ كېلىنىپ، يۆلۇشەن تېغىغا دەپنە قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#