قوشقارچىلاپ ئېلىشىش ئويۇنى

قوشقارچىلاپ ئېلىشىش-ئۇيغۇرلارنىڭ تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان مۈڭگۈزلۈك قوشقار تېرىسىنى كىيىپ، ئۆز ئارا قوشقاردەك ئۈسسۈشۈپ كۈچ سىنىشىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي ئېلىشىش ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشقارچىلاپ ئېلىشىش-ئۇيغۇرلارنىڭ تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان مۈڭگۈزلۈك قوشقار تېرىسىنى كىيىپ، ئۆز ئارا قوشقاردەك ئۈسسۈشۈپ كۈچ سىنىشىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي ئېلىشىش ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى.

قوشقارچىلاپ ئېلىشىش ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قارىقاش، لوپ، خوتەن ناھىيىلىرىدە ھەر يىلى باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدىكى سەيلە پائالىيەتلىرىدە باشقا ئويۇنلار بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم ئويۇن مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىناتتى. ئازادلىقتىن كېيىن، بۇ ئويۇن تەدرىجىي ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئوينالمايدىغان بولدى. 

ئېلىشىش ئۇسۇلى: سورۇن ئىچىدىن ئىختىيارىي ھالدا ئىككى كىشى چىقىپ، تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان مۈڭگۈزلۈك قوشقار تېرىسىنى كىيىشىدۇ. قوشقار تېرىسىگە كىرىش تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن، مۇسابىقە باشقۇرغۇچى ئېلىشىش بېشارىتى بەرگەن ھامان ئىككى كىشى قوشقار بولۇپ ئېلىشىدۇ. قايسى بىرى يەنە بىرىنى قوشقاردەك باش قويۇپ ئۈسسۈپ ئۆرۈۋەتسە، شۇ كىشى يەڭگەن بولىدۇ. بۇ خىل قوشقارچىلاپ ئېلىشىش مۇسابىقىسى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ئۈسۈپ ئۆرۈۋەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئويۇن خەتەرلىكرەك بولغىنى ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى «قوشقار» ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش پەقەت بىر مەيدان ئېلىشىش ئارقىلىقلا ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىپ چىقىلغان. يەڭگەن تەرەپ يەنە ئېلىشىشنى تەلەپ قىلسا، سورۇندىن باشقا بىرەيلەن چۈشۈپ ئېلىشىدۇ. قوشقارچىلاپ ئېلىشىش شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ يېڭىپ چىققۇچىلارغا ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ. ھازىرقى دەۋردە بۇ ئويۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئويناش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#