تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى

جاڭگال كاۋاپلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى
تەمى تاتلىق
ئىتىش تەسمۇ ئاسان
تۈرى زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ
ئاسالىق ماتېرىياللىرى ئەركەك پاقلان، ئەركەك ئوغلاق گۆشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭگال كاۋاپلىرىئۇيغۇر تائاملىرى تارىخى ئۇزۇن، ھۈنەر-سەنئىتى يۇقىرى، تەملىك، رەڭدار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت گۈلزارلىقىدىكى چاقناپ تۇرغان گۈل، شۇنداقلا ئىنسانلار يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدۇر. 

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى ئەنە شۇ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، تېرىملىقلار مېھمان كۈتكەندە بۇ خىل كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ، ئالاھىدە يىمەكلىك ئورنىدا دەستىخانغا قويىدۇ. 

 تېرىم جاڭگال كاۋاپلىرىنىڭ زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تۈرلىرى بار.

جاڭگال كاۋاپلىرىبۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى ئاساسەن يەرلىك ئەركەك پاقلان، ئەركەك ئوغلاق گۆشىدىن ئېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم، ئاقمۇچ، قارامۇچ، زىرە، پىياز، تۇز قاتارلىقلار قوشۇمچە خام ئەشىيا قىلىنىپ، باشقا ھېچقانداق تېتىتقۇ ئىشلىتىلمەي، جاڭگالدا ئۆسكەن قۇرۇق يۇلغۇن، توغراق دەرىخىنىڭ ئوتۇنىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈلۈپ، قىيما كاۋاپ، زىخلىق كاۋاپلار كاۋاپداندا، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن كاۋاپلار شور تونۇردا دۈملەپ پىشۇرىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كاۋاپلار «جاڭگال كاۋاپ» دەپ ئاتالغان. 

جاڭگال كاۋاپلىرىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇش-پۇراقلىق ھەم يىيىشلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا مائىل بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولغاندىن باشقا يەنە بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېرىملىقلار ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئولجىلارنى جاڭگالدا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشتەك ئەنئەنىۋى ئادىتىنىمۇ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. 

جاڭگال كاۋاپلىرىھازىر تېرىملىقلارنىڭ بۇ خىلدىكى جاڭگال كاۋاپلىرى «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى»دىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا. شۇڭا، تېرىم يېزىسىدىكى يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان دېھقان تىجارەتچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل كاۋاپچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ، «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى» يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە خىلمۇ-خىل جاڭگال كاۋاپلىرىنى پىشۇرۇپ سېتىپ، ئائىلە ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#