ئەڭ ئۇزۇن دەريا

نىل دەرياسى ەسىملىرى
ھازىرقى ۋاقىتتا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى ئۇزۇن دەريا ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ھەممە ئادەم ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇ ئافرىقىدىكى بۇرۇندىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنى كاگىرا دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىكى ناھايىتى چوڭ بولغان ۋىكتورىيە كۆلىگە قويۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نىل دەرياسى
باشقا نامى Nile River
خەنزۇچە ئىسمى 尼罗河
ئۇزۇنلىقى 6670 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مىسسىسىپى دەرياسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋە ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريالاردۇر. دەريالارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھېسابلاشتا، ئۇزۇنلۇقى توغرا ھېسابلاشتىن تاشقىرى، دەريا مەنبەسىنى ئېنىقلاش مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 

ھازىرقى ۋاقىتتا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى ئۇزۇن دەريا ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ھەممە ئادەم ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇ ئافرىقىدىكى بۇرۇندىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنى كاگىرا دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىكى ناھايىتى چوڭ بولغان ۋىكتورىيە كۆلىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆلنىڭ شىمالىي ئېغىزىدىن چىقىپ، ئۇگاندا، سۇدان ۋە مىسىرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6670 كىلومېتىر ، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ ئېغىزىدىن ھېسابلىغاندا 5588 كىلومېتىر كېلىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ شەكىللىنىشى 20-30 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. شۇڭا ئۇنى يەنىلا ناھايىتى ياش دەريا دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋادا كۆلىمى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئېقىن مىقدارى 35-ئورۇندا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئون ئۈچدە بىرىگە توغرا كېلىدۇ. 

نىل دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىن تۆۋەن ئېقىنىغىچە بولغان تەبئىي ئالاھىدىلىكىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بار. ئۇنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ئىسسىق بەلۋاغ ئېگىزلىكىدە ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. ئېقىنى تېز، سۇ مىقدارى مول بولۇپ، تاغلىق جايلاردىكى دەريا ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ ئوتتۇرا ئېقىنى سۇداننىڭ كەڭ تۈزلەڭلىكىدە ئەگىپ ناھايىتى ئاستا ئاقىدۇ؛ بۇ يەردە سازلىقلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قويۇق بولغانلىقتىن، نىل دەرياسى شاخلىنىپ ئاستا ئاقىدۇ ۋە قاتتىق پارغا ئايلىنىپ سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە خورايدۇ؛ نىل دەرياسى سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم شەھىرىنىڭ بويىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى-كۆك نىل بىلەن قوشۇلۇپ تازا ئۇلغىيىدۇ. ئاندىن كېيىن سەھرايى كەبىردىكى چەكسىز سېرىق قۇملۇقتا شىددەت بىلەن 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقتا ئاقىدۇ. بۇ ئارىلىقتا 6 شارقىراتمىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دەريا ئېغىزىدا 240 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زور دېلتا ھاسىل قىلىدۇ. نىل دەرياسى قىممەتلىك سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكتىن، قەدىمقى مىسىر ئەمگەكچىلىرى قۇملۇقتا ئىنسانلارنىڭ سۇدان نىل دەرياسىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ پايدىلانماقتا. (جاڭ شەنيۈ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#