نورۋېگىيە

نورۋېگىيە

نورۋېگىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى نورۋېگىيە پادىشاھلىقى. ئادەتتە <<تۈمەنلىگەن>> دېگەن نامىمۇ بار. نورۋېگىيە شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋييە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان دۆلەت. 

ئۇيغۇرچە نامى نورۋېگىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى نورۋېگىيە 挪威
پايتەختى ئوسلو
نوپۇسى 5 مىليون 14 مىڭ (2014-يىل)
ئىنگىلىزچە نامى The Kingdom of Norway,Kongeriket Norge
خەنزۇچە نامى 挪威王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى نورۋېگىيە تىلى ،ئىنگىلىز تىلى
يەر مەيدانى 385 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومېتىر
پۇلى نورۋېگىيە كىرونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نورۋېگىيەنورۋېگىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى نورۋېگىيە پادىشاھلىقى. ئادەتتە <<تۈمەنلىگەن>> دېگەن نامىمۇ بار. نورۋېگىيە شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋييە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ تار ئۇزۇن سوزۇلغان، دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن، دېڭىز قىرغاقلىرىدا كەڭلىكى بىر نەچچە يۈز مېتىردىن بىر نەچچە يۈز كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، قولتۇق-بوغۇز ۋە 150 مىڭدىن ئوشۇق تاقىم ئاراللار بار. بۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ 300 دىن ئوشۇق ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. نورۋېگىيەنىڭ يەر مەيدانى 385 مىڭ 200 كىۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى 5 مىليون 14 مىڭدىن ئارتۇق بۇلۇپ بۇنىڭ %96 نى نورۋېگىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالساچەتئەل كۆچمەنلىرى %4-6 نى ئىگەللەيدۇ. %90 كىشى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى نورۋا تىلى، پۇل بىرلىكى كىرونا،  100 ياۋرو = 1 كرونا.

نورۋېگىيەنورۋېگىيە 9- ئەسىردە بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ شەكىللەنگەن. 1397 -يىلغا كەلگەندە دانىيە، شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە بىرلەشمىسى دائىرسىگە كىرگەن. 1814-يىلى  بۇر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە بىرلەشمىسىنى قۇرغان. 1905-يىلى بۇر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ قۇرۇلغان. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجرا قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1814-يىلىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

مىراسلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت نورۋىگىيە 1397-يىلى دانىيە، شىۋېتسارىيە بىلەن كارما بىرلەشمىسى بۇلۇپ، دانىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. دۆلەت بايرىقى دانىيىنىڭ تېگى قىزىل، ئاق كىرستلىك بايرىقى بولغان. 1805 -يىلىدىن كېيىن نورۋېگىيە  شىۋېتسارىيە بىلەن بىرلىشىپ، نورۋېگىيىنىڭ ئالتۇن شىر چۈشۈرۈلگەن تېگى قىزىل ئاق كىرتسلىق بايرىقىنى ئىشلەتكەن.1821-يىلى نورۋېگىيە سودا كېمىىرىنىڭ بايرىقىنى تۈزگەندە  تېگى قىزىل، ئاق كىرستلىك بايراق نى ئاساس قىلىپ ئامرىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن فىرانسىينىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىنىڭ نۇسخىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاق كرېسىتكە كۆك كرېسىت قوشۇپ نورۋېگىيىگە ۋەكىللىك قىلدىغان ھازىرقى دۆلەت بايرىقى نۇسخىسىنى پەيدا قىلغان. 1905-يىلى نورۋېگىيە مۇستەقىل بۇلۇپ بۇ بايراقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ رەسمىي بېكىتكەن. قىزىل، كۆك ۋە ئاق رەڭنىڭ بىرلىشىشى تىپىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بەلگىسىدۇر.

دۆلەت گېربى قالقانسىمان بۇلۇپ، قىزىل قالقاننىڭ ئۈستىگە ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجى تاقالغان قولىغا ساپ ۋە كۆمۈش پالتا تۇتقان ئالتۇن شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن .ئالتۇن شىر بولسا 8- ئەسىردىن بۇيانقى مۇقەددەس پادىشاھنىڭ سىموۋۇلىدۇر، كۈمۈش رەڭ پالتا نورۋېگىيە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى سان ئورافاننىڭ قورالىدۇر. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى تاج خان جەمەتىنىڭ ئابرويى ۋە يۈكسەك ھوقۇقىنىڭ سىمۇۋۇلىدۇر.

نورۋېگىيە نورۋېگىيە شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋييە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ تار ئۇزۇن سوزۇلغان، دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن، دېڭىز قىرغاقلىرىدا كەڭلىكى بىر نەچچە يۈز مېتىردىن بىر نەچچە يۈز كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، قولتۇق -بوغۇز ۋە 150 مىڭدىن ئوشۇق تاقىم ئاراللار بار. بۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ 300 دىن ئوشۇق ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. نورۋېگىيىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغاقلىرى ناھايتى ئەگرى -توقاي بۇلۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا ئەپلىك بولغان پورتلار ناھايتى كۆپ، نورۋېگىيە شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن 58 گىرادۇس بىلەن 30 گىرادۇس"62  ئارىلىقىغا جايلاشقان بولسىمۇ، غەرب شاماللىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن ، ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغاقلىرىدا  قىش پەسلى مۇز توڭلىمايدۇ.قىشلىق  ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 1-2 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

نورۋېگىيەبايراقنىڭ يۈزى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە ، تېگى قىزىل ، بايراقنىڭ سەل سول تەرىپىدىكى كۆك ، ئاق رەڭلىك كىرېسىت شەكلى بايراق يۈزىنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ تۇرىدۇ .

 دۆلەت گېربى

نورۋىگىيەقالقانسىمان گېرب شەكلى بولۇپ ، قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا بېشىغا پاسدىشاھلىق تاجى كىيگەن ، قولىدا كۈمۈش رەڭلىك ئۇرۇش پالتىسى تۇتۇپ تۇرغان ئالتۇن شىر شەكلى بار . ئۇ كۈچ -قۇدرەتنىڭ سىمۋولى . كۈمۈش پالتا نورۋېگىيەنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچىسى سان ئورافنىڭ قورالىدۇر . قالقانسىمان گېربنىڭ تۆپىسىگە ئورنىتىلغان تاج پادىشاھ جەمەتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى .

نورۋېگىيەنورۋىگىيە تەرەققىي قىلغان كاپتالىستىك دۆلەت بۇلۇپ ، ئىقتىسادتا دېڭىز قاتنىشى سانائىتى، بېلىقچىلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ ، ئۇ دۇنيادا باشقا دۆلەتلەرگە ماللارنى توشۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭ سۇ-ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، نېفىت ئايرىش، دېڭىز ئاستىدىن نېفىت ئېلىش، پولات- تۆمۈر، خىمىيە، كېمىسازلىق، ياغاچ ماتىرياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك،يېمەك-ئىچمەك كەسىپلىرى ناھايتى تەرەققىي قىلغان، نورۋېگىيىنىڭ ئورمان بايلىقى ياۋروپا بويىچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئورمان مەيدانى 6 مىليون  660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. بېلىقچىلىق نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇ بېلىق تۇتۇشتا  ياپونىيە، سېۋىت ئىتتىپاقى، جوڭگو، ئا ق ش ، پېرۇلاردىن قالسا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. يىللىق بېلىق مەھسۇلاتى 2 مىليون 8000 توننىدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ %90 نى ئېكىسپورت قىلىدۇ. GDP نىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %3.5، ئېنتىرنېت ئىشلەتكۈچىلەر 4.074 مىليون، كۆچمە تېلفۇن ئابونتى 5.041 مىليون.[0][1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#