جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى›› (1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 -يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  دائىمىي كومىتېتى  باشلىقىنىڭ 8-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国籍法
تۈزتىلگەن ۋاقىت 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى›› (1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 -يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  دائىمىي كومىتېتى  باشلىقىنىڭ 8-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

1 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇشقىمۇ، ئۇنىڭدىن قېپقېلىشقىمۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ تەتبىق قىلىنىدۇ.

2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە.

3 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىككى دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

4 - ماددا ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، ئۆزى جۇڭگودا تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

5 - ماددا ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، ئۆزى چەت ئەلدە تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ لېكىن ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۆزى تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمايدۇ.

6 - ماددا ئاتا ئانىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق ياكى دۆلەت تەۋەلىكى نامەلۇم، ئولتۇراقلىشىشى جۇڭگودا بولۇپ، ئۆزى جۇڭگودا تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

7 - ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشنى خالايدىغان ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئىگە بولغانلار ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرسە بولىدۇ:

1. جۇڭگولۇقنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛

2. جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار؛

3. باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار.

8 - ماددا جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولىدۇ؛ جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىشى تەستىقلانغانلار چەتئەل تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ.

9 - ماددا چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆز ئىختىيارى  بىلەن چەت ئەل تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدىن ئۈزلۈكىدىن قېپقالىدۇ.

10 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئىگە بولغانلار ئىلتىماس قىلىپ  تەستىقلانغاندىن كېيىن جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ:

1. چەت ئەللىكنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛

2. چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار؛

3. باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار.

11 - ماددا جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدىن قېپقالىدۇ.

12 - ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋە رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەر جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ  كەتسە بولمايدۇ.

13 - ماددا ئىلگىرى جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولغان چەت ئەللىكلەردىن ئوررۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ جۇڭگو تەۋەلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەستىقلانغانلار چەت ئەل تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ.

14 - ماددا جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار، ئۇنىڭدىن قېپقالىدىغانلار ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلار 9 - ماددىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ  ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا قانۇنىي ۋاكالەتچىسى  بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

15 - ماددا دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگانلار مەملىكەت ئىچىدە شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىدۇر، چەت ئەللەردە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدۇر.

16 - ماددا جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىش، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىلتىماسلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. تەستىقلانغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى گۇۋاھنامە بېرىدۇ.

17 - ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار ياكى جۇڭگو تەۋەلىكىدىن قېپقالغانلار داۋاملىق ھېسابقا ئېلىنىدۇ.

18 - ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277091.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#