كاتتا قورغان ئۈزۈم
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاتتا قورغان ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن ئىلى رايۇنىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، كۈيتۇن شىخەنزە رايۇنلىرىدىمۇ بار . تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرۇراھال ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز ، ئىلى رايۇنىدا 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . بۇ سورت قۇرغاق رايۇنلاردا ئۆستۈرۈشكە قولايلىق .
كاتتا قورغان ئۈزۈم سورتنىڭ يېڭى نوتىلىرى يېتىلگەندە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ، يوپۇرمىقى چوڭ ، بەش تېيىز يېرىقچىسى بار ، يوپۇرماق ئۇچ قىسمىدىكى يېرىقچىلار بىرىكىپ كەتكەن ، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان . مېۋە ساپىقى كۇنۇس شەكىللىك ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 500 گرام ، ئۇزۇنلۇقى 16.5 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 15.2 سانتىمېتىر ، مېۋە زىچلىقى ئوتتۇراھال ، يەككە مېۋە دانىسى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان ، دىئامېتىرى 25.7 * 28.2 مىللىمېتىر ، ئوتتۇرىچە دانە ئېغىرلىقى 10.6 گرام ، ئەڭ چوڭى 16 گرام كېلىدۇ . مېۋە يۈزى سېرىق يېشىل ، مېۋە شۆپىكى قېلىن ۋە چۈرۈك ، ئېتى يېشىل ، چۈرۈك ، شېرنىلىك ، تەمى تاتلىقراق ، سۈپىتى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ، ھەر بىر دانە ئۈزۈمدە 1 - 3 تال ئۇرۇقچىسى بار . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.