ئىستىسقا

ئىستىسقا

قورساققا سۇ يىغىلىش كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىسى، ئۇنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئادەتتە تەپچىپ چىقىش خاراكتېرلىك ۋە سىرغىپ چىقىش خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.كۆپ مىقداردا قورساق سۈيى بولغاندا ئىككى بىقىن كۆپۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئىستىسقا
كېسەللىك سەۋەبى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كەم قانلىق ۋە جىگەر، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ پائالىيىتى بۇزۇلۇش
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش، پۈتۈن بەدەن ئىششىش،نەپەس سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش، ئەس-ھوشى تۇتۇق بولۇش
خەنزۇچە نامى 腹水
ئىنگلىزچە نامى ascites

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىستىسقاسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كەم قانلىق ۋە جىگەر، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ پائالىيىتى بۇزۇلۇش ۋە زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش، پۈتۈن بەدەن ئىششىش سەۋەبىدىن نەپەس سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش، ئەس-ھوشى تۇتۇق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل 18 گىرام، سۆئدى كۇپى 15 گىرام، قەلەمپۇر، مەستىكى، سۇمبۇل، ئاسارۇن توققۇز گىرامدىن، زەرنەپ، بەسباسە، قاقىلە، لاچىندانە، جويۇز، قوۋزاقدارچىن، زەپەر ئالتە گىرامدىن، ئامىلە 36 گىرام، قەنت، ھەسەل 750 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنت، ھەسەلنى ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئىستىسقاتەركىبى: سۇمبۇل، مەستىكى، زەپەر، تاباشىر، دارچىن، ئىزخىر، ئاسارۇن، قۇستە شېرىن، غاپەس ئوسارىسى، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئوردان، يۇيۇلغان لوك، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، ھەببى بىلسان، قەلەمپۇر، لاچىندانە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى 30 گىرامدىن، ئېقى كېسىۋېتىلگەن قىزىلگۈل، 600 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: رۇم بەدىيان، تاغ كەرەپشىسى ئۇرۇقى، ھەببۇلغار، سىيادان، سەئدى كۇپى، ھىڭ، قۇندۇز قەھرى، قەردمانە، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، جاۋاشىر، ئەنجىدان، ئاسارۇن، زەپەردىن ئۈچ گىرامدىن، سەكبىنەج، ئېگىر، ئاچچىق بادام مېغىزى، قۇرۇق سۇزاپ، زىرە، جۇۋىنە، يالپۇز، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، خولىنجان، غار يوپۇرمىقى، جۆئدە، زەنجىۋىل، غارىقۇن، ھۇماما، كالىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن ئوشۇقى ئالتە گىرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#