ماش ئۈگرە

ماش ئۈگرە ئۈگرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ماش، سوققان لازا ، گۆش، ئۇن، زەنجىۋىل ، پىياز ، قەلەمپۇر ، تۇرۇپ، يۇمغاقسۈت، تۇز قاتارلىقلارنى خام -ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدۇ ،سىڭىشلىك ،يىنىڭ تاماق ھېسابلىنىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارماش 140 گرام، سوققان لازا مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 175 گرام، ئۇن 500 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر باش، قەلەمپۇر مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇپ ئىككى تال، يۇمغاقسۈت ياكى رەيھان ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. پىياز ۋە گۆشنى ئۇششاق، تۇرۇپنى ئۇزۇن ئىنچىكە، يۇمغاقسۈت ياكى رەيھان ئۇششاق توغرىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلاپ، پىياز ۋە گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىياز ۋە گۆش سارغايغاندا تۇرۇپنى سېلىپ قورۇلىدۇ. خۇرۇچ پىشقاندا سۇ قۇيۇپ، ماشنى تازىلاپ يۇيۇپ سېلىپ، ئوتنى پەسلىتىپ، ماش ئېتىلغىچە سىم-سىم قاينىتىلىدۇ.

3. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن، ئىنچىكە كېسىلگەن ئۈگرىنى سېلىپ پىشۇرۇپ، تۇز، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، لازىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، توغرالغان يۇمغاقسۈت ياكى رەيھاننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاننى چۈشۈرۈپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#